بەنى ئىسرائىل ۋە كەنئان زېمىنىدىكىلەر
7
‏1 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى، سىلەر ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن كېتىپ بارغان زېمىنغا كىرگۈزگىنىدە، كۆپ خەلقلەرنى، يەنى ھېتىتلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، كەنئانلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنى، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان يەتتە خەلقنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ‏2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەرگىنىدە، سىلەر ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزمەڭلار، ئۇلارغا مەرھەمەتمۇ كۆرسەتمەڭلار. ‏3 ئۇلار بىلەن قۇدا-باجا بولماڭلار، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا قىزلىرىڭلارنى بەرمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭلارغا ئېلىپ بەرمەڭلار. ‏4 بولمىسا ئۇلار سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارنى مەندىن ئازدۇرۇپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىۋېتىدۇ. ‏5 بەلكى سىلەر ئۇلارغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار: ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى كېسىپ ئۆرۈۋېتىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇت ھەيكەللىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار.    ‏6 چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن مۇقەددەس بىر خەلقسىلەر. پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئىچىدىن ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان.
 
‏7 پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ھەممە خەلقلەردىن كۆپ بولغىنىڭلار ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ تاللىمىدى. سىلەر ھەممە خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئەمەسمۇ؟ ‏8 ئەمما پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگىنى ئۈچۈن، ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قىلغان قەسىمىنى ساقلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولى بىلەن سىلەرنى قۇللۇق ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، مىسىر پادىشاھى فىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇردى. ‏9 شۇڭا بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بەرھەق خۇدادۇر. ئۇنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلارغا مىڭ نەسلىگىچە ئەھدىسىنى ساقلاپ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ۋاپادار خۇدادۇر. ‏10 لېكىن ئۆزىنى يامان كۆرگۈچىنى يۈز-خاتىرە قىلماي ھالاك قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئۆچ بولغانلارغا جازاسىنى ھايال قىلماي بېرىدۇ.
‏11 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مەن سىلەرگە بۈگۈن بەرگەن ئەمر، قانۇن ۋە ھۆكۈملەرگە رىئايە قىلىپ ئەمەل قىلىڭلار.
‏12 ئەگەر سىلەر بۇ ئەھكاملارنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىپ، مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشنى داۋام قىلىپ، ‏13 سىلەرنى سۆيۈپ، سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۆزى سىلەرگە بېرىشكە قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا سىلەرنى ئاۋۇتۇپ، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ۋە يېرىڭلارنىڭ ھوسۇلىغا بەرىكەت بېرىپ، بۇغداي، شاراب ۋە ياغلىرىڭلارنى بەرىكەتلەپ، كالاڭلىرىڭلارنىڭ موزايلىرى ۋە قويلىرىڭلارنىڭ قوزىلىرىنى مول قىلىدۇ. ‏14 سىلەر باشقا خەلقلەرنىڭ ھەممىسىدىن زىيادە بەرىكەت تاپىسىلەر، ئاراڭلاردا ھېچبىر ئەر ئۇرۇقسىز بولمايدۇ، ھېچبىر ئايال تۇغماس بولمايدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھېچبىرى قىسىر قالمايدۇ. ‏15 پەرۋەردىگار ھەر خىل كېسەللەردىن سىلەرنى ساقلاپ، سىلەر ئۆزۈڭلار كۆرگەن مىسىرنىڭ بېشىغا كەلگەن يامان ۋابالارنى سىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرماي، بەلكى ئۇلارنى پۈتۈن سىلەرنى يامان كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدۇ.
‏16 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان خەلقلەرگە رەھىم قىلماي، ھەممىسىنى يوقىتىۋېتىڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلماڭلار، چۈنكى بۇ سىلەر ئۈچۈن تۇزاقتۇر. ‏17 ئەگەر ئۆز كۆڭلۈڭلاردا: ‹بۇ خەلقلەر بىزدىن كۈچلۈك تۇرسا، بىز قانداق قىلىپ ئۇلارنى قوغلىۋېتالايمىز؟› دەپ ئويلىساڭلار، ‏18 ئۇلاردىن قورقماڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ فىرئەۋن ۋە پۈتۈن مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىنى خاتىرىلەڭلار. ‏19 سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن چوڭ بالايىئاپەتلەرنى، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلەرنى ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزىتىلغان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. مانا ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر قورققان بارلىق خەلقلەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ‏20 بۇنىڭدىن باشقا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سىلەردىن يوشۇرۇنۇۋالغانلار يوقىتىلغۇچە، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ. ‏21 سىلەر ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىدۇر، ئۇ ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق خۇدادۇر. ‏22 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردىن بۇ خەلقلەرنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىدۇ. يىرتقۇچ ھايۋانلار ئاۋۇپ، سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى دەرھاللا يوقىتىۋەتمەسلىكىڭلار كېرەك. ‏23 ئەمما پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ۋە ئۇلار يوق بولۇپ كەتكۈچە ئارىسىغا چوڭ پاراكەندىچىلىك سالىدۇ. ‏24 ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى سىلەرگە تاپشۇرغىنىدا، سىلەر ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن يوقىتىسىلەر. سىلەر ئۇلارنى يوقاتقانغا قەدەر سىلەرگە ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‏25 ئۇلارنىڭ ئويما بۇتلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىسىلەر. تۇزاققا چۈشمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۈستىدىكى ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە كۆز سالماڭلار، بۇلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالماڭلار. چۈنكى بۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر. ‏26 ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كىرمەڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ئۇ نەرسىلەردەك لەنىتىمگە ئۇچراپ يوقىتىلىسىلەر. ئۇلارنى ھارام ۋە يىرگىنچلىك ھېسابلاڭلار، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەندۇر.