بەرىكەت ئاتا قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش كېرەك
8
‏1 سىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاۋۇپ، پەرۋەردىگار قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭلار. ‏2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى قىرىق يىل ئىچىدە چۆلدە يېتەكلىگەن پۈتۈن يولنى ئەسلەڭلار. ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ-تۇتمايدىغانلىقىڭلارنى ۋە كۆڭلۈڭلاردىكى نىيىتىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ سىلەرنى جاپاغا سېلىپ سىنىدى. ‏3 ئۇ سىلەرنى جاپاغا سېلىپ ئاچ قويۇپ: ‹ئىنسان پەقەتلا نان بىلەن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەن ياشايدۇ› دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن، نە سىلەر، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلمەيدىغان ماننا بىلەن سىلەرنى ئوزۇقلاندۇردى. ‏4 بۇ قىرىق يىل ئىچىدە كىيىملىرىڭلار يىرتىلمىدى ۋە پۇتلىرىڭلار ئىششىمىدى.
‏5 بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر كىشى ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارمۇ سىلەرنى تەربىيىلەيدۇ. ‏6 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىڭلار. ‏7 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ۋادى ۋە تاغلاردىكى چوڭقۇر سۇ ۋە بۇلاقلىرىدىن سۇ ئېقىنلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، ‏8 بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر ۋە ئانار دەرەخلىرى بار بىر زېمىنغا، ئېسىل زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا كىرگۈزىدۇ. ‏9 ئۇ سىلەرنى تاشلىرىدىن تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس كولىنىدىغان، ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ھېچنېمىگە موھتاج بولماي، نېنىڭلارنى يەيدىغان، ھېچ نەرسەڭلار كەم بولمايدىغان بىر زېمىنغا كىرگۈزىدۇ. ‏10 ئۇ يەردە سىلەر يەپ تويۇنىسىلەر، ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىن ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىسىلەر.
 
‏11 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بۈگۈن مەن سىلەرگە بېرىدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر، ئەھكام ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقتىن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ‏12 بەلكى سىلەر يەپ تويۇپ، چىرايلىق ئۆيلەر ياساپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئولتۇراقلاشقىنىڭلاردىن كېيىن، ‏13 چارۋا ماللىرىڭلار ئاۋۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلار ۋە ھەممە بارلىقىڭلار كۆپەيگەندە، ‏14 كۆڭلۈڭلاردا كىبىرلىنىپ، سىلەرنى قۇللۇق ئۆيى بولغان مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ‏15 ئۇ سىلەرنى زەھەرلىك يىلان-چايانلار ماكان تۇتقان، چوڭ ۋە ۋەھىمىلىك چۆل-باياۋاندىن ئۆتكۈزۈپ، سۇسىز قۇرغاق يەردە يېتەكلىدى. ئۇ سىلەر ئۈچۈن قاتتىق قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى ۋە ‏16 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلمىگەن ماننا بىلەن سىلەرنى چۆل-باياۋاندا ئوزۇقلاندۇردى. ئاخىرىدا سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ سىلەرنى جاپاغا سېلىپ سىنىدى. ‏17 سىلەر ئۆز كۆڭلۈڭلاردا: ‹پۈتۈن بۇ بايلىققا ئۆز قۇدرىتىم ۋە قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن ئېرىشتىم› دېمەڭلار،
‏18 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ياد ئېتىڭلار، چۈنكى ئۇ بايلىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە قۇدرەت بەرگۈچى بولۇپ، قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىدە بۈگۈنكى كۈندىكىدەك چىڭ تۇرىدۇ. ‏19 لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئۇنتۇپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، بۈگۈن ئالدىڭلاردا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سىلەر شەكسىز ھالاك بولۇپ، ‏20 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردىن يوقاتقان خەلقلەردەك يوق بولۇپ كېتىسىلەر.