ئىككى تاش تاختىسى ۋە خەلقنىڭ قىلغان ئاسىيلىقى
9
‏1 ئەي ئىسرائىل، ئاڭلىغىن! سىلەر ئەمدى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر. سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىش، ئاسمانغا تاقاشقۇدەك مۇستەھكەم سېپىللىق شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇ زېمىنغا كىرىسىلەر. ‏2 سىلەر بويلىرى ئېگىز ۋە چوڭ خەلق بولغان ئاناقىيلارنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن بارىسىلەر. ئۇلارنى بىلىسىلەر ۋە ئۇلار توغرىسىدا: ‹ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىغا كىمنىڭ كۈچى يېتىدۇ؟› دېيىشكىنىنى ئاڭلىغانسىلەر. ‏3 شۇڭا بۈگۈن بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بىر يۇتار ئوتتەك ئالدىڭلاردا يۈرۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئالدىڭلاردا بويۇن ئەگدۈرىدۇ، سىلەر ئۇلارنى قوغلاپ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقىنى بويىچە ئۇلارنى تېزلا يوقىتىۋېتىسىلەر.
‏4 ئەمما پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلىۋەتسە، سىلەر ئۆز كۆڭلۈڭلاردا: ‹مېنىڭ ھەققانىيلىقىم سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار مېنى بۇ زېمىنغا كىرگۈزۈپ، ماڭا ئۇنى ئىگىلىۋېلىشقا يول ئاچتى› دېمەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ خەلقلەرنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ‏5 ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كىرىپ، ئۇنى ئىگىلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى، سىلەرنىڭ ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىكەنلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ خەلقلەرنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا قەسەم قىلىپ بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى قوغلىۋېتىدۇ.
 
‏6 ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن بۇ ياخشى زېمىننى سىلەرگە بېرىشىنىڭ سەۋەبى سىلەرنىڭ ھەققانىيلىقىڭلاردىن ئەمەس. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلقسىلەر. ‏7 ئۆز پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى چۆل-باياۋاندا قانداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىڭلارنى ئېسىڭدە تۇتۇپ ئۇنتۇماڭلار. سىلەر مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگە يەتكۈچە پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار. ‏8 خورېبتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردۈڭلار. شۇڭا پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاچچىقلىنىپ، سىلەرنى ھالاك قىلماقچى بولدى. ‏9 مەن پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ تاختىلىرى بولغان تاش تاختىلارنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققىنىمدا، قىرىق كېچە قىرىق كۈندۈز تاغدا قېلىپ، نان يېمەي، سۇ ئىچمەي تۇردۇم. ‏10 ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز بارمىقى بىلەن خەت پۈتكەن ئىككى تاش تاختىنى بەردى. ئۇنىڭدا، سىلەر تاغنىڭ يېنىدا جەم بولغان كۈندە پەرۋەردىگار تاغدا ئوتنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى. ‏11 قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆتكەندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا ئەھدىنىڭ تاختىلىرى بولغان بۇ ئىككى تاش تاختىنى بەردى. ‏12 پەرۋەردىگار ماڭا: ‹سەن دەرھال قوزغىلىپ بۇ يەردىن چۈشكىن، چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلق بۇزۇلۇپ، مەن ئۇلارغا بۇيرۇغان يولدىن چىقىپ، ئۆزلىرىگە بىر قۇيما بۇت ھەيكەل ياسىدى› دېدى.
‏13 پەرۋەردىگار ماڭا يەنە سۆزلەپ: ‹بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ‏14 ئەمدى مېنى توسمىغىن، مەن ئۇلارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئەمما سېنى بۇ خەلقتىن كۈچلۈك ۋە چوڭ بىر خەلق قىلىمەن› دېدى.
‏15 مەن بۇرۇلۇپ، ئوت كۆيۈۋاتقان تاغدىن چۈشتۈم. ئەھدىنىڭ ئىككى تاختىسى ئىككى قولۇمدا ئىدى. ‏16 ۋە كۆردۈمكى، سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر قۇيما موزاي ھەيكىلىنى ياساپ، تېزلا پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان يولدىن چىقىپسىلەر. ‏17 مەن بۇ ئىككى تاختىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئىككى قولۇم بىلەن چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا چېقىۋەتتىم. ‏18 ئاندىن كېيىن مەن پۈتۈن گۇناھىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، يەنە ئاۋۋالقىدەك قىرىق كېچە قىرىق كۈندۈزگىچە نان يېمەي، سۇ ئىچمەي تۇردۇم. چۈنكى سىلەر پەۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغان ئىش قىلىپ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنىدىڭلار. ‏19 مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قوزغالغان قەھر ۋە غەزىپىدىن قورقتۇم، چۈنكى ئۇ سىلەرنى يوقاتماقچى ئىدى. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ قېتىممۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىدى. ‏20 پەرۋەردىگار ھارۇنغىمۇ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۇنى ھالاك قىلماقچى ئىدى، لېكىن مەن ھارۇن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدىم. ‏21 ئەمما مەن گۇناھىڭلارنى، يەنى ئۆزۈڭلار ياسىغان موزاينى ئېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ، سوقۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ يانجىپ، تالقانغا ئايلانغاندىن كېيىن تاغدىن ئېقىپ چۈشىدىغان ئېقىنغا چېچىۋەتتىم.
‏22 سىلەر يەنە تابېرا، ماسسا قىبروت ۋە ھاتاۋە دېگەن جايلاردىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردۈڭلار. ‏23 شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار قادەش-بارنېئادىن سىلەرنى ئەۋەتىپ: ‹ئەمدى سىلەر چىقىپ، مەن ئۆزۈڭلارغا بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلىۋېلىڭلار› دېگىنىدە، سىلەر يەنە خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار، ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سالمىدىڭلار. ‏24 مەن سىلەر بىلەن تونۇشقان كۈنىدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار.
 
مۇسانىڭ خەلق ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى
‏25 مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، قىرىق كېچە قىرىق كۈندۈز ياتتىم. پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق: ‹مەن ئۇلارنى يوقىتىۋېتىمەن› دېگىنى ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ يېتىپ، ‏26 پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: ‹ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ، كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان، مىراسىڭ بولغان خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن، ‏27 بەلكى ئۆز خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبنى ياد ئېتىپ، بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقىغا، ئۇلارنىڭ يامانلىقى ۋە گۇناھىغا نەزەر سالمىغىن. ‏28 بولمىسا سەن ئۆزۈڭ بىزنى چىقارغان زېمىندىكىلەر: «مانا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى ئېلىپ كىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى يامان كۆرگىنى ئۈچۈن ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ چىقىپ كەتتى» دەيدۇ. ‏29 ئۇلار ھېلىمۇ سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك بىلىكىڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئۆز مىراسىڭ بولغان خەلقىڭ ئەمەسمۇ؟›.