ئىككى يېڭى تاش تاختىسى
10
1 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: ‹سەن ئاۋۋالقىسىدەك ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختا يونۇپ، ياغاچتىن بىر ساندۇق ياساپ، مېنىڭ يېنىمغا تاغقا ئېلىپ چىققىن. 2 مەن ئۆزۈم سەن چېقىۋەتكەن ئىلگىرىكى ئىككى تاختىدا بار سۆزلەرنى يېزىپ بېرىمەن. ئاندىن كېيىن سەن ئۇلارنى مەزكۇر ساندۇققا قويىسەن› دېدى. 3 شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم ۋە تاشتىن ئاۋۋالكىسىدەك ئىككى تاختا يونۇپ ياساپ، بۇ ئىككى تاختىنى قولۇمغا ئېلىپ تاغقا چىقتىم. 4 پەرۋەردىگار سىلەر ئۇ يەردە جەم بولغان كۈندە تاغدا ئوتنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ئېيتىپ بەرگەن ئون ئەمرنى ئىلگىرىكىدەك بۇ ئىككى تاختىغا ئويۇپ يېزىپ، بۇلارنى ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى. 5 ئاندىن كېيىن مەن تاغدىن چۈشۈپ، تاختىلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا قويۇپ قويدۇم. ئۇ يەردە ئۇلار پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك قويۇقلۇق تۇردى. ھارۇننىڭ ئۆلۈمى، لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى
6 — بەنى ئىسرائىل بەنە-يائاقاندىن چىقىپ، موسېراغا ماڭدى. ئۇ يەردە ھارۇن ۋاپات بولۇپ، ئۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئۇنىڭ ئورنىغا كاھىن بولدى. 7 ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ گۇدگوداغا، گۇدگودادىن چىقىپ، ئېقىن سۇلىرى بار يوتباتاغا باردى. — 8 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار لاۋىي قەبىلىسىنى، بۈگۈنكىچە بولغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ نامىدا خەيرلىك دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاللاپ تەيىنلىدى. 9 شۇنىڭ ئۈچۈن لاۋىي قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا نېسىۋە ۋە مىراس ئالمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭ مىراس ھەسسىسى بولىدۇ.
10 ۋە مەن ئىلگىرىكىدەك قىرىق كېچە ۋە قىرىق كۈندۈز تاغدا تۇرۇپ قالدىم. پەرۋەردىگار بۇ نۆۋەتمۇ ماڭا قۇلاق سېلىپ، سېنى ھالاك قىلىشنى خالىمىدى. 11 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ‹سەن تۇرۇپ، مەن ئۇلارغا بېرىمەن دەپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن خەلققە يول باشلاپ ئالدىدا ماڭغىن› دېدى.
خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش كېرەكلىكى
12 ئەمدى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، ھەمىشە ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا خىزمەت قىلىشىڭلاردىن ۋە 13 سىلەرگە ياخشى بولسۇن دەپ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان ئەمر ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىڭلاردىن باشقا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلامدۇ؟ 14 مانا، ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى، يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن مەۋجۇدات پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭكىدۇر. 15 لېكىن پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنى سۆيۈپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى، يەنى سىلەرنى تاللىدى. 16 شۇنىڭ ئۈچۈن قەلبىڭلارنى خەتنە قىلىڭلار ۋە بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلىپ يۈرمەڭلار. ■ 17 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى بولۇپ، يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان ۋە پارا ئالمايدىغان قۇدرەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق ئۇلۇغ خۇدادۇر. 18 ئۇ يېتىم ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، مۇساپىرلارنى سۆيۈپ، ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بەرگۈچىدۇر. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ مۇساپىرلارنى سۆيۈڭلار. چۈنكى سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇردۇڭلار. 20 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا باغلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىڭلار. 21 ئۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ. سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرگەندەك، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاجايىپ ئىشلار قىلغان خۇدايىڭلاردۇر. 22 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىرغا بارغىنىدا يەتمىش كىشى ئىدى. مانا ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئاۋۇتۇپ، ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىدەك نۇرغۇن قىلدى!