بەنى ئىسرائىلنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ چۆرىسىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى
2
‏1 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەربىرى ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا، ئاتا جەمەتىنىڭ خاس تۇغلىرىنىڭ ئاستىدا چېدىر تىكسۇن. ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن بىرئاز يىراقراق ئۇنىڭ چۆرىسىدە چېدىرلىرىنى تىكسۇن.   
‏3 شەرق تەرەپكە قاراپ كۈن چىقىش تەرىپىدە يەھۇدا قەبىلىسى ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا، قوشۇنىنىڭ قىسىملىرى بويىچە چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. ئامىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏4 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشىدۇر.
‏5 ئۇنىڭ يېنىدا ئىسساكار قەبىلىسى چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. زوئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ئىسساكارنىڭ قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏6 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشىدۇر.
‏7 زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏8 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشىدۇر.
‏9 يەھۇدانىڭ بارگاھىدىكى ئۆز قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەكسەن ئالتە مىڭ تۆت يۈز كىشىدۇر. ئۇلار كۆچكىنىدە ئالدىدا ماڭسۇن.
 
‏10 جەنۇب تەرەپتە رۇبەن قەبىلىسى ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا، قوشۇنىنىڭ قىسىملىرى بويىچە چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. شېدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر رۇبەن قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏11 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشىدۇر.
‏12 ئۇنىڭ يېنىدا شىمون قەبىلىسى چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. زۇرىشاداينىڭ ئوغلى شېلۇمىئەل شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏13 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشىدۇر.
‏14 گاد قەبىلىسىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. رېھۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گاد قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏15 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشىدۇر.
‏16 رۇبەننىڭ بارگاھىدىكى ئۆز قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك بىر مىڭ تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر. ئۇلار كۆچكىنىدە ئىككىنچى قاتاردا ماڭسۇن.
 
‏17 لاۋىيلار، ئالدىنكى قوشۇنلار قوزغالغاندىن كېيىن، ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ قوزغىلىپ قوشۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭسۇن. چېدىر-بارگاھ تىككەن تەرتىپ بويىچە، كۆچىدىغان ۋاقتىدا ھەر كىشى ئۆز جايىدا ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا ماڭسۇن.
 
‏18 غەرب تەرەپتە ئەفرائىم قەبىلىسى ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا، قوشۇنىنىڭ قىسىملىرى بويىچە چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏19 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشىدۇر.
‏20 ئۇنىڭ يېنىدا ماناسسە قەبىلىسى چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. پېداھسۇرنىڭ ئوغلى گاملىئەل ماناسسە قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏21 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشىدۇر.
‏22 بەنيامىن قەبىلىسىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏23 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشىدۇر.
‏24 ئەفرائىمنىڭ بارگاھىدىكى ئۆز قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەككىز مىڭ بىر يۈز كىشىدۇر. ئۇلار كۆچكىنىدە ئۈچىنچى قاتاردا ماڭسۇن.
 
‏25 غەرب تەرەپتە دان قەبىلىسى ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا، قوشۇنىنىڭ قىسىملىرى بويىچە چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. ئامىشاداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏26 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشىدۇر.
‏27 ئۇنىڭ يېنىدا ئاشەر قەبىلىسى چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئەل ئاشەر قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏28 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشىدۇر.
‏29 نافتالى قەبىلىسىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا چېدىر-بارگاھ تىكسۇن. ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا نافتالى قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر. ‏30 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشىدۇر.
‏31 داننىڭ بارگاھىدىكى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك يەتتە مىڭ ئالتە يۈز كىشىدۇر. ئۇلار كۆچكىنىدە ئۆز تۇغىنىڭ ئاستىدا ھەممىنىڭ كەينىدە ماڭسۇن».
 
‏32 مەزكۇرلار ئاتا جەمەتلىرى بويىچە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ سانالغانلار ئىدى. بارگاھلاردا ئۆز قوشۇن قىسىملىرى بويىچە سانالغانلار جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى.
‏33 ئەمما لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قالغان بەنى ئىسرائىل بىلەن بىللە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى.
‏34 بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز تۇغلىرىنىڭ ئاستىدا چېدىر-بارگاھ تىكەتتى ۋە ھەربىرى ئۆز ئائىلە-جەمەتى بويىچە قوزغىلىپ ماڭاتتى.