ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى
3
1 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنلەردە، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر: 2 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق ئىدى: تۇنجى ئوغلى ناداب، ئاندىن ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار. 3 بۇلار، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، مەسىھلىنىپ كاھىنلىق خىزمىتىگە تەيىنلەنگەنلەرنىڭ ئىسىملىرى ئىدى. ■ 4 لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ سىناي چۆلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يات بىر ئوتنى كەلتۈرگىنىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئۆز ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلاتتى. لاۋىيلارنىڭ خىزمىتى
5 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
6 «سەن لاۋىي قەبىلىسىنى يېقىن كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كاھىن ھارۇنغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزغىن. 7 ئۇلار ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە پۈتۈن جامائەت تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا ئورۇنلاپ، چېدىرنىڭ خىزمىتىنى بېجىرسۇن. 8 ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى ساقلىسۇن ۋە بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن. 9 سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگىن. ئۇلار بەنى ئىسرائىل ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تەقسىملەپ بېرىلگەن. 10 لېكىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى كاھىنلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئەگەر يات بىر كىشى بۇنىڭغا يېقىن كەلسە، ئۆلتۈرۈلسۇن».
11 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
12 «مانا، مەن ئۆزۈم بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى ئايرىپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ بالىياتقۇنى ئاچقان ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا ماڭا خاس بولسۇن دەپ لاۋىيلارنى تاللىۋالدىم. 13 چۈنكى ھەممە تۇنجىلار مېنىڭدۇر. مەن مىسىر زېمىنىدا ھەممە تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈندە، بەنى ئىسرائىلنىڭ، مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن، ھەممە تۇنجىلىرىنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئايرىپ مۇقەددەس قىلغانىدىم. دەرۋەقە ئۇلار مېنىڭدۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».
لاۋىيلارنىڭ ساناقتىن ئۆتقۈزۈلۈشى
14 پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا سۆز قىلىپ:
15 «سەن لاۋىيلارنى ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزگىن، يەنى يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقان ھەممە ئوغۇل بالىنى سانىغىن» دېدى. 16 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى.
17 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى گەرشون، قوھات ۋە مەرارى ئىدى.
18 گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، ئۇلاردىن كېلىپ چىققان جەمەتلىرى بويىچە، لىبنى ۋە شىمەي ئىدى.
19 قوھاتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، ئۇلاردىن كېلىپ چىققان جەمەتلىرى بويىچە، ئامرام، يىزھار، خېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى.
20 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، ئۇلاردىن كېلىپ چىققان جەمەتلىرى بويىچە، ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلار ئاتا جەمەتلىرى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى.
21 گەرشوندىن لىبنى جەمەتى ۋە شىمەي جەمەتى بارلىققا كەلدى. بۇلار گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 22 بۇلارنىڭ ئىچىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى، يەنى يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقان سانالغان بارلىق ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى يەتتە مىڭ بەش يۈز ئىدى. 23 گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينىدە، غەرب تەرەپتە ئۆز چېدىرلىرىنى تىكەتتى. 24 لائەلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گەرشونلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. 25 گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇچرىشىش چېدىرىدا تۇرۇپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ تاشقىرىقى يوپۇقى ۋە ئىچ يوپۇقى، شۇنداقلا ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ساقلاش، 26 ئىبادەت چېدىرىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىنى قورشىغان ھويلىنىڭ پەردىلىرى ۋە ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى بېقىش ۋە ئىشقا لازىم بولىدىغان ھەممە تانىلىرىنى ساقلاش ئىدى.
27 قوھاتتىن ئامرام جەمەتى، يىزھار جەمەتى، خېبرون جەمەتى ۋە ئۇززىئەل جەمەتى بارلىققا كەلدى. بۇلار قوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 28 بۇلارنىڭ ئىچىدىن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقان ھەممە ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئىدى. ئۇلار مۇقەددەس جاينىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. 29 قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىدا جەنۇب تەرەپتە ئۆز چېدىرلىرىنى تىكەتتى. 30 ئۇززىئەلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان قوھاتلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. 31 ئۇلارنىڭ ۋازىپىسى ساندۇق، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىلىرى، ئىبادەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مۇقەددەس جاينىڭ ئەسۋاب-جابدۇقلىرى ۋە ئايرىما پەردىگە قاراش ۋە ئۇنىڭ قالغان ھەممە ئىشلىرىنى ئورۇنلاش ئىدى. 32 كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار لاۋىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ، مۇقەددەس جايغا قاراش خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشىلەرگە نازارەتچى ئىدى.
33 مەرارىدىن ماخلى جەمەتى ۋە مۇشى جەمەتى بارلىققا كەلدى. بۇلار مەرارىلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 34 بۇلارنىڭ ئىچىدىن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقان ھەممە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى ئالتە مىڭ ئىككى يۈز ئىدى. 35 ئابىخايىلنىڭ ئوغلى زۇرىئەل مەرارىلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىدا، شىمال تەرەپتە چېدىرلىرىنى تىكەتتى. 36 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، پۇتلىرى ۋە ھەممە ئەسۋابلىرىغا قاراش، ئۇنىڭ باشقا ھەممە ئىشلىرىنى قىلىش، 37 ۋە ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تۈۋرۈكلەر ۋە پۇتلىرىنى، قوزۇقلىرىنى ۋە تانىلىرىنى ساقلاش ئىدى.
38 ئىبادەت چېدىرى بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا كۈن چىقىش تەرىپىدە چېدىرنىڭ ئۇدۇلىدا مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى چېدىرلىرىنى تىكتى. ئۇلار بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن مۇقەددەس جايغا قاراش خىزمىتىنى قىلاتتى. چۈنكى ئەگەر بىر يات كىشى ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى.
39 لاۋىيلارنىڭ ئىچىدىن مۇسا ۋە ھارۇن تەرىپىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن، يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقان ئەركەكلەرنىڭ جەمئىي سانى يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىدى.
40 پەرۋەردىگار مۇساغا: «بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسىملىرى بىلەن تىزىمغا ئالغىن. 41 سەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ئېلىپ ماڭا ئاتىغىن — مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن — ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە چارۋا ماللىرىنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى ئېلىپ ماڭا ئاتىغىن» دېدى. 42 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 43 ئىسىملىرى بىلەن تىزىمغا ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن، يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنىڭ سانى يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ ئىدى.
44 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
45 «سەن بېرىپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ئالغىن ۋە ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى ئالغىن. بۇ تەرىقىدە لاۋىيلار ماڭا خاس بولسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 46 لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ تۇنجىسى ئۈچۈن، ئازاد قىلىش بەدىلى سۈپىتىدە، 47 سەن ھەربىر كىشى ئۈچۈن مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بەش شېكەل ئالغىن. ھەربىر شېكەل يىگىرمە گېراھقا باراۋەر بولسۇن. ■ 48 ئوشۇق چىقىپ قالغانلار ئۈچۈن ئازاد قىلىش بەدىلى سۈپىتىدە ئالغان بۇ كۈمۈشنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگىن».
49 شۇنىڭ بىلەن مۇسا لاۋىيلاردىن ئوشۇق چىقىپ قالغانلار ئۈچۈن ئازاد قىلىش بەدىلىنىڭ كۈمۈشىنى ئالدى. 50 بەنى ئىسرائىلنىڭ تۇنجىلىرىدىن ئېلىنغان بۇ كۈمۈشنىڭ ھېسابى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شېكەل ئىدى. 51 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئازاد قىلىش بەدىلىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك، بۇنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.