قوھاتلارنىڭ خىزمىتى
4
1 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «لاۋىيلارنىڭ ئىچىدىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، 3 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سانىغىن.
4 قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قاراشتۇر. 5 بارگاھ كۆچۈرۈلىدىغان ۋاقتىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ، شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كىرىشنى توسۇپ تۇرىدىغان ئايرىما پەردىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن شاھادەت ساندۇقىنى يېپىپ قويسۇن.
6 بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان بىر يوكپۇقنى يېپىپ، بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كۆك رەڭلىك بىر رەختنى يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. 7 ئۇلار تەقدىم نېنىنىڭ شىرەسىنىڭ ئۈستىگە كۆك رەڭلىك رەختنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋاقلار، پىيالىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى قۇيىدىغان قەدەھلەر ۋە چۆگۈنلەرنى تىزىپ قويسۇن، ئۇ يەردە ھەمىشە تۇرىدىغان ناننىمۇ تىزىپ قويسۇن. 8 ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە توق قىزىل رەڭلىك بىر رەختنى يېپىپ، بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان بىر يوپۇقنى يېپىپ، ئاندىن كېيىن كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. 9 ئاندىن كېيىن كۆك رەڭلىك بىر رەختنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چىراغدان ۋە چىراغلىرىنى، پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرىنى ۋە چىراغ يېغىغا ئىشلىتىلىدىغان ھەممە قاچىلارنى يېپىپ قويسۇن. 10 ئاندىن ئۇلار چىراغداننى ۋە ھەممە سايمانلىرىنى دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان بىر يوپۇق بىلەن يۆگەپ، ھەممىسىنى بىر زەمبىلگە سالسۇن. 11 ئۇلار ئالتۇن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسى ئۈستىگە كۆك رەڭلىك بىر رەختنى يېپىپ، ئۈستىگە يەنە دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان بىر يوپۇقنى يېپىپ قويسۇن، ئاندىن كېيىن كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. 12 ئۇلار مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆك رەڭلىك بىر رەختكە يۆگەپ، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان بىر يوپۇقنىڭ ئىچىگە قويۇپ، زەمبىلگە سالسۇن. 13 ئاندىن كېيىن ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ياغ-كۈللىرىدىن تازىلاپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك بىر رەختنى يېپىپ قويسۇن. 14 ئۇلار ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى، يەنى ئوتدانلار، لاخشىگىرلار، گۈرجەكلەر ۋە جاۋۇرلارنى، شۇنداقلا قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ھەممە ئەشيالىرىنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بۇنىڭ ئۈستىگە دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇقنى يېپىپ، ئاندىن كېيىن كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن.
15 بارگاھ كۆچۈرۈلىدىغان ۋاقتىدا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى ۋە مۇقەددەس جاينىڭ ئەسۋابلىرىنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن، قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنى كۆتۈرگىلى كەلسۇن، لېكىن ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇقەددەس نەرسىلەرگە تەگمىسۇن. مانا بۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدىن قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ كۆتۈرۈپ توشۇيدىغان نەرسىلىرىدۇر.
16 كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارنىڭ ۋەزىپىسى چىراغ يېغى، خۇشبۇي ئىسرىق، ھەر كۈننىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە مەسىھلەش يېغىغا قاراش، پۈتۈن ئىبادەت چېدىرى ۋە شۇ يەردىكى ھەممە نەرسىلەر ۋە مۇقەددەس جاي بىلەن ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى ساقلاشتۇر».
17 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
18 «قوھاتلارنىڭ جەمەتىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقالماسلىقى ئۈچۈن، 19 ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىن بارغاندا ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلار بىلەن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە نېمە قىلىپ، نېمىنى كۆتۈرىدىغىنىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن. 20 لېكىن ئۇلار كىرىپ، مۇقەددەس نەرسىلەرگە بىر دەممۇ قارىمىسۇن، چۈنكى ئەگەر ئۇنداق قىلسا، ئۆلىدۇ».
گەرشونلارنىڭ خىزمىتى
21 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
22 «گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، 23 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سانىغىن. 24 گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ۋە ئۇلار كۆتۈرىدىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: 25 ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ پەردىلىرى ۋە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئۆزى، بۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان يوپۇقى ۋە دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان تاش يوپۇقى ۋە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى كۆتۈرسۇن. 26 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىنى قورشىغان ھويلىنىڭ پەردىلىرى ۋە بۇ ھويلىغا كىرىدىغان دەرۋازىنىڭ پەردىسىنى، بۇلارنىڭ تانىلىرى ۋە ھەممە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى كۆتۈرسۇن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلسۇن.
27 گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆتۈرۈش ۋە خىزمىتىگە تېگىشلىك ئىشلىرى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قىلىنسۇن. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە نېمە كۆتۈرىدىغىنىنى بەلگىلەپ بېرىڭلار. 28 مانا بۇ گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلىدىغان ئىشلىرىدۇر. ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلسۇن.
مەرارىيلارنىڭ خىزمىتى
29 سەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، 30 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، چېدىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سانىغىن. 31 ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلىدىغان ھەممە ئىشلىرى ۋە كۆتۈرىدىغان نەرسىلىرى مۇنۇلاردۇر: ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پۇتلىرى، 32 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تۈۋرۈكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىنى ھەممە ئەسۋابلىرى بىلەن بىللە كۆتۈرسۇن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى قىلسۇن. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنى بىر-بىرلەپ نامى بىلەن بەلگىلەپ بېرىڭلار. 33 مانا بۇ مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىدۇر، ئۇلارنىڭ كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا قىلىدىغان ئىشلىرىدۇر» دېدى.
لاۋىيلارنىڭ سانىلىشى ۋە خىزمەتكە تەيىنلىنىشى
34 مۇسا، ھارۇن ۋە جامائەت رەھبەرلىرى قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، 35 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سانىدى. 36 ئۆز جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك ئىدى. 37 مانا بۇ قوھاتلارنىڭ جەمەتلىرىدىن بولۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىدىغان، مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ سانى ئىدى.
38 گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقان، 39 ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. 40 ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى ئىدى. 41 مانا بۇ گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن بولۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىدىغان، مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ سانى ئىدى.
42 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقان، 43 ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. 44 ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز كىشى ئىدى. 45 مانا بۇ مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان، مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ سانى ئىدى.
46 لاۋىيلاردىن ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، 47 ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىش قىلىش ۋە يۈك كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرگەنلەر ھەممىسى ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرى بويىچە مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىلنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. 48 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي سەككىز مىڭ بەش يۈز سەكسەن كىشى ئىدى. 49 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مۇسا تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىلىدىغان ئىشى ۋە كۆتۈرىدىغان يۈكى بەلگىلەپ بېرىلدى. بۇ تەرىقىدە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى.