ناپاكلارنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا چىقىرىش كېرەك
5
1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 «بەنى ئىسرائىلغا: ‹سىلەر ھەرقانداق ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بار كىشىنى ۋە ياكى ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلغان كىشىنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار› دەپ بۇيرۇغىن. 3 مەيلى ئەر ياكى ئايال كىشى بولسۇن ئۇلارنى ھەيدەپ، بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىڭلار. بولمىسا، ئۇلار مەن ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئۆزلىرىنىڭ بارگاھلىرىنى ناپاك قىلىپ سالىدۇ».
4 بەنى ئىسرائىل شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتتى. پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، بەنى ئىسرائىل شۇنداق قىلدى.
يەتكۈزگەن زىياننى تۆلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
5 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
6 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشى ئادەملەر قىلىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق بىر گۇناھنى قىلىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، گۇناھكار بولۇپ قالسا، 7 ئۇ ئۆزى قىلغان گۇناھىنى ئىقرار قىلىپ، يەتكۈزگەن زىياننى تولۇق تۆلەپ، بۇنىڭغا بەشتىن بىرىنىمۇ قوشۇپ، زىيان يەتكۈزگەن كىشىگە بەرسۇن.
8 لېكىن ئۇ كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ كىشىنىڭ يەتكۈزگەن زىيىنى ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەپ بېرىلىدىغان پۇل گۇناھكار بولغان كىشىنىڭ كەفارىتى ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان قوچقارغا قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، كاھىنغا تەگسۇن. ■ 9 بۇنىڭدىن باشقا، بەنى ئىسرائىل، ھەدىيە بولسۇن دەپ، كاھىنغا كەلتۈرىدىغان ھەربىر مۇقەددەس نەرسىمۇ ئۇنىڭغا تېگىدۇ. 10 ھەممە كىشىنىڭ مۇقەددەس ھەدىيەلىرى ئۇنىڭغا تېگىدۇ. ھەرقانداق كىشى كاھىنغا نېمە بەرسە، ئۇ ئۇنىڭ بولىدۇ›».
كۈنلەش توغرىسىدىكى قانۇن
11 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
12 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر بىر كىشىنىڭ خوتۇنى ئېزىقىپ، ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، 13 ئېرىدىن يوشۇرۇن ھالدا باشقا بىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ، بۇلغانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالمىغىنى ۋە گۇۋاھچى بولمىغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ قىلمىشى ئاشكارىلانمىغان بولسا، 14 ۋە شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىگەندە خوتۇنى راستتىنلا بۇلغانغان بولسا، ياكى ئۇ ئەسلى بۇلغانمىغان تۇرۇقلۇق ئېرى ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ كۈنلىسە، 15 ئۇ كىشى ئۆز خوتۇنىنى كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىيە بېرىشكە ئارپا ئۇنىدىن ئوندىن بىر ئېفانى ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ قۇيمىسۇن ۋە مەستىكى سېلىپ قويمىسۇن. چۈنكى بۇ كۈنلەش ھەدىيەسى بولۇپ، يامانلىقنى ئەسكە كەلتۈرىدىغان ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر. ■
16 كاھىن بۇ ئايالنى يېقىن كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويسۇن. 17 ئاندىن كاھىن بىر ساپال قاچىغا مۇقەددەس سۇنى قۇيسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەر توپىسىدىن ئېلىپ، بۇ سۇغا سالسۇن. 18 ئاندىن كېيىن كاھىن بۇ ئايالنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئايالنىڭ بېشىنى ئېچىپ، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى كۈنلەش ھەدىيەسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسۇن ۋە كاھىن ئۆز قولىغا لەنەت كەلتۈرىدىغان پىغان سۈيىنى ئالسۇن. 19 ئاندىن كېيىن كاھىن بۇ ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ مۇنداق دېسۇن: «ئەگەر سەن بىلەن بىر كىشى يېتىپ مۇناسىۋەت قىلمىغان بولسا ۋە ئۆزۈڭ ئېرىڭنىڭ قولىدا تۇرۇپ، ئېزىقىپ بۇلغانمىغان بولساڭ، لەنەت كەلتۈرىدىغان بۇ پىغان سۈيىدىن سەن قۇتۇلۇپ قالىسەن. 20 لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ قولىدا تۇرۇپ، ئېزىقىپ، باشقا كىشى بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، 21 پەرۋەردىگار يوتاڭنى يىگلىتىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىپ، سېنى خەلق ئىچىدە ئىبرەت قىلىپ، قارغىش-لەنەتكە ئۇچراتسۇن. 22 لەنەت كەلتۈرىدىغان بۇ سۇ سېنىڭ ئۈچەيلىرىڭگە بېرىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىپ، يوتاڭنى يىگلىتىۋەتسۇن». كاھىن مۇنداق دېگەندىن كېيىن، ئايال: «ئامىن ئامىن» دېسۇن.
23 ئاندىن كېيىن كاھىن بۇ لەنەتلەرنى قەغەزغە يېزىپ، خەتنى پىغان سۈيىدە چايقاپ، 24 لەنەت كەلتۈرىدىغان بۇ سۇ ئايالنىڭ ئىچىگە كىرگىنىدە ئۇنىڭغا دەرد-ئەلەم كەلتۈرسۇن دەپ، پىغان سۈيىنى ئۇ ئايالغا ئىچكۈزسۇن. 25 ئاندىن كېيىن كاھىن كۈنلەش ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئايالنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. 26 كاھىن، يادلىنىش ھەسسىسى بولسۇن دەپ، ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۈن، ئاندىن كېيىن ئايالغا سۇنى ئىچكۈزسۇن. 27 بۇ سۇنى ئۇنىڭغا ئىچكۈزگىنىدە، ئايال بۇلغانغان بولۇپ، راستتىنلا ئۆز ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولسا، لەنەت كەلتۈرىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرگەن ھامان ئاچچىق ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، يوتىسى يىگىلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئۆز خەلقى ئىچىدە قارغىش-لەنەتكە ئۇچرايدۇ. 28 لېكىن بۇ ئايال پاك بولۇپ بۇلغانمىغان بولسا، ئۇ ساق قېلىپ، پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.
29 بۇ كۈنلەش توغرىسىدىكى قانۇندۇر، يەنى بىر ئايال ئېرىنىڭ قولىدا تۇرۇپ، ئېزىقىپ ئۆزىنى بۇلغىغان بولسا، 30 ياكى ئەر كىشى كۈنلەپ ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلسا، نېمە قىلىشىنى كۆرسىتىدىغان قانۇندۇر. ئۇنداق بىر ئەھۋالدا كاھىن ئايالنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، بۇ قانۇن بويىچە ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئىجرا قىلسۇن. 31 بۇنىڭ بىلەن ئەر كىشى گۇناھسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ ۋە ئايال ئۆزى قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ›».