ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان كىشى توغرىسىدىكى قانۇن
6
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشى نازارىيلىققا ۋەدە قىلىپ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىماقچى بولسا،    ‏3 ئۇ ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن يىراق تۇتۇپ، ھاراق-شارابتىن ياسالغان سىركىنىمۇ ئىچمىسۇن. شۇنىڭدەك ئۈزۈمنىڭ شىرنىسىنى ئىچمىسۇن ۋە ھۆل ياكى قۇرۇق ئۈزۈمنىمۇ يېمىسۇن. ‏4 ئۆزىنى ئاتىغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھارقانداق نەرسىنى يېمەي، ئۇرۇقىدىن پوستىغىچە ھەممىسىدىن پەرھىز تۇتسۇن.
‏5 ۋەدە بويىچە ئۆزىنى ئاتىغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بېشىغا ئۇستىرا سالدۇرماي، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرى ئۆتۈپ بولمىغۇچە ئۆزىنى پاك-مۇقەددەس تۇتۇپ، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرسۇن. ‏6 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆلۈككە يېقىنلاشمىسۇن. ‏7 ئاتىسى، ئانىسى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى ئاچا-سىڭلىسى ئۆلۈپ قالسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى ناپاك قىلىپ سالمىسۇن، چۈنكى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش بەلگىسى ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدىدۇر.
‏8 ئۆزىنى ئاتىغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇپ تۇرسۇن. ‏9 لېكىن بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالسا ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش بەلگىسى بار بېشى ناپاك بولسا، ئۇ ئۆزىنى پاكلاش كۈنىدە چېچىنى ئالدۇرسۇن، يەنى يەتتىنچى كۈنىدە چېچىنى چۈشۈرسۇن. ‏10 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، كاھىنغا بەرسۇن. ‏11 كاھىن بۇنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنۇپ، ئۆلۈك سەۋەبىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇ ئۆز بېشىنى قايتا پاكلاپ مۇقەددەس قىلسۇن.    ‏12 ئاندىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرىنى قايتىدىن باشلىسۇن. ئۇ بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزىنى كەلتۈرۈپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇنىڭ ئاتانغانلىقى ناپاك قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاتىغان ئىلگىرىكى كۈنلىرى ھېسابقا ئېلىنمىسۇن.
‏13 خۇداغا ئاتالغان نازارىي كىشى توغرىسىدىكى قانۇن مۇنداق: ئۆزىنى ئاتىغان كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتكىنىدە ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلتۈرۈلسۇن.    ‏13 ئۇ يەردە ئۇ پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ياشلىق ئەيىبسىز بىر ئەركەك قوزىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە، بىر ياشلىق ئەيىبسىز بىر چىشى قوزىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ۋە ئەيىبسىز بىر قوچقارنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە كەلتۈرسۇن. ‏15 ئۇ بىر سەۋەت ئېسىل ئۇندىن يېقىلىپ، ياغلانغان پېتىر گىردە نان ۋە ياغلانغان پېتىر ھەمەك نانلارنى، شۇنداقلا بۇ نەرسىلەرگە قوشۇپ بېرىلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنىمۇ تەقدىم قىلىپ كەلتۈرسۇن.
‏16 كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنسۇن. ‏17 ئۇ قوچقارنى ۋە پېتىر نانلار بار سېۋەتنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئاندىن كېيىن كاھىن مەزكۇر نەرسىلەرگە قوشۇپ بېرىلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنىمۇ سۇنسۇن.
‏18 نازارىي كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا ئۆزىنى ئاتاش بەلگىسى بار چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى ئاتاش بەلگىسى بولغان چېچىنى ئېلىپ، ئۇنى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ئاستىدا كۆيۈپ تۇرغان ئوتقا سالسۇن. ‏19 كاھىن پىشۇرۇلغان قوچقارنىڭ تۆشى ۋە سېۋەتتىكى بىر پېتىر گىردىنى بىر پېتىر ھەمەك نان بىلەن بىللە قولىغا ئېلىپ، نازارىي كىشى چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىغا بەرسۇن. ‏20 ئاندىن كېيىن كاھىن بۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. بۇلار ۋە پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولغان تۆش ۋە كۆتۈرمە ھەدىيە بولغان ئارقا پۇت مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىپ كاھىنغا تەگسۇن. بۇ ئىشلار قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن بۇ نازارىي كىشى شاراب ئىچسە بولىدۇ.   
‏21 بۇ بولسا نازارىي كىشى توغرىسىدىكى ۋە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاتاش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگارغا سۇنۇشى لازىم بولغان قۇربانلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر. ئۇ بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئۆزىنى ئاتاش توغرىسىدىكى قانۇنغا ئەمەل قىلسۇن›».
 
كاھىنلارنىڭ بەنى ئىسرائىلنى بەرىكەتلىشى
‏22 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏23 «سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ‹سىلەر بەنى ئىسرائىلغا خەيرلىك دۇئا قىلغىنىڭلاردا ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار:
 
‏24 «پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلغاي ۋە سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
‏25 پەرۋەردىگار يۈزىنىڭ نۇرىنى سېنىڭ ئۈستۈڭگە چاچقاي، ساڭا مەرھەمەتلىك بولغاي.
‏26 پەرۋەردىگار يۈزىنى ساڭا قارىتىپ، ساڭا ئامانلىق ئاتا قىلغاي».
 
‏27 ئۇلار بۇ تەرىقىدە مېنىڭ نامىم بىلەن بەنى ئىسرائىلغا خەيرلىك دۇئا قىلسا، مەن ئۇلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىمەن›».