باشلىقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلەر
7
‏1 مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى تىكىپ بولغان كۈنى، ئۇ چېدىرنى ۋە ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى. ئۇ قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرىنىمۇ مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى. ‏2 ئاندىن ئاتا جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولغان ئىسرائىلنىڭ رەھبەرلىرى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەنگەن قەبىلە باشلىقلىرى ھەدىيەلەر كەلتۈردى. ‏3 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۈستى يېپىقلىق ئالتە ھارۋا ۋە ئون ئىككى ئۆكۈزنى ئېلىپ كەلدى. ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقى بىرلىشىپ بىردىن ھارۋا كەلتۈردى، ھەربىر قەبىلە باشلىقى بىردىن ئۆكۈز ئېلىپ كەلدى. ئۇلار بۇلارنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى.
‏4 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
‏5 «ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ خىزمىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارغا بەرگىن، ھەربىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىگە قاراپ ئۇلارغا تاپشۇرغىن» دېدى. ‏6 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋىلار ۋە ئۆكۈزلەرنى قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارغا بەردى. ‏7 ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە مۇۋاپىق ھالدا، ئىككى ھارۋا ۋە تۆت ئۆكۈزنى گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى. ‏8 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئۇلارنىڭ كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا قىلىدىغان خىزمىتىگە مۇۋاپىق ھالدا تۆت ھارۋا ۋە سەككىز ئۆكۈز بەردى. ‏9 لېكىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىغا ھېچنېمە بەرمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز مۈرىلىرىدە مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش ئىدى.
 
‏10 قۇربانلىق سۇپىسى مەسىھلەنگەن كۈنى، قەبىلە باشلىقلىرى ئۇنى خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن ھەدىيەلەر ئېلىپ كەلدى. باشلىقلار ھەدىيەلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈشتى. ‏11 پەرۋەردىگار مۇساغا: «باشلىقلار بىردىن-بىردىن، ھەربىرى ئۆز كۈنىدە، قۇربانلىق سۇپىسىنى ئاتاش ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى كەلتۈرسۇن» دېدى.
‏12 بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان ئامىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون ئۆز ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏13 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏14 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏15 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏16 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏17 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ ئامىنادابنىڭ ئوغلى ناھشوننىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏18 ئىككىنچى كۈنى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى زوئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏19 ئۇ ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاقنى ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇرنى ئېلىپ كەلدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏20 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏21 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏22 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏23 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ زوئارنىڭ ئوغلى نەتانەلنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏24 ئۈچىنچى كۈنى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏25 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏26 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏27 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏28 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏29 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ ھېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏30 تۆتىنچى كۈنى رۇبەن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شېدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏31 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏32 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏33 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏34 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏35 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ شېدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇرنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏36 بەشىنچى كۈنى شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقى زۇرىشاداينىڭ ئوغلى شېلۇمىئەل ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏37 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏38 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏39 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏40 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏41 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ زۇرىشاداينىڭ ئوغلى شېلۇمىئەلنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏42 ئالتىنچى كۈنى گاد قەبىلىسىنىڭ باشلىقى دەيۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏43 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏44 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏45 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏46 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏47 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ دەيۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلياسافنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏48 يەتتىنچى كۈنى ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏49 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏50 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏51 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏52 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏53 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامانىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏54 سەككىزىنچى كۈنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پېداھسۇرنىڭ ئوغلى گاملىئەل ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏55 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏56 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏57 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏58 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏59 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ پېداھسۇرنىڭ ئوغلى گاملىئەلنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏60 توققۇزىنچى كۈنى بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏61 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏62 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏63 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏64 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏65 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىداننىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏66 ئونىنچى كۈنى دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئامىشاداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏67 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏68 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏69 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏70 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏71 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ ئامىشاداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەرنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏72 ئون بىرىنچى كۈنى ئاشەر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئەل ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏73 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏74 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏75 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏76 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏77 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئەلنىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
‏78 ئون ئىككىنچى كۈنى نافتالى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا ھەدىيەسىنى كەلتۈردى. ‏79 ئۇنىڭ ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل بولغان بىر كۈمۈش تاۋاق ۋە ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل بولغان بىر كۈمۈش جاۋۇر ئىدى. ھەر ئىككىسىگە ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى. ‏80 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېغىرلىقى ئون شېكەل بولغان، خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە، ‏81 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا، ‏82 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ‏83 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزىنى كەلتۈردى. بۇ ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرانىڭ ھەدىيەسى ئىدى.
 
‏84 قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مەسىھلەنگەن كۈنىدە، ئىسرائىلنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنى خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن كەلتۈرگەن ھەدىيەلەر ئون ئىككى دانە كۈمۈش تاۋاق، ئون ئىككى دانە كۈمۈش جاۋۇر ۋە ئون ئىككى دانە ئالتۇن پىيالە ئىدى.
‏85 ھەربىر كۈمۈش تاۋاقنىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شېكەل ئىدى ۋە ھەر جاۋۇرنىڭ ئېغىرلىقى يەتمىش شېكەل ئىدى. بۇ قاچا-قۇچىلارنىڭ كۈمۈشى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە جەمئىي ئىككى مىڭ تۆت يۈز شېكەل ئىدى.
‏86 خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن تولدۇرۇلغان ئون ئىككى دانە ئالتۇن پىيالىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئون شېكەلدىن ئىدى، ئالتۇن پىيالىلەرنىڭ جەمئىي ئېغىرلىقى بىر يۈز يىگىرمە شېكەل ئىدى.
‏87 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن چارۋا مال بولسا ئون ئىككى تورپاق، ئون ئىككى قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئون ئىككى ئەركەك قوزا ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئون ئىككى تېكە كەلتۈرۈلگەنىدى.
‏88 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن چارۋا ماللىرىنىڭ جەمئىي سانى يىگىرمە تۆت بۇقا، ئاتمىش قوچقار، ئاتمىش تېكە ۋە بىر ياشلىق ئاتمىش ئەركەك قوزا ئىدى. بۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى مەسىھلىگەندىن كېيىن، ئۇنى ئاتاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ھەدىيەلەر ئىدى.
 
‏89 مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەن چاغدا، شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان مەرھەمەت تەختىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايتتى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى.