شامداننىڭ تىكلىنىشى
8
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
‏2 «سەن ھارۇنغا: ‹سەن چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە ئورناتقاندا، يەتتە چىراغنى چىراغداننىڭ ئالدى تەرىپىگە يورۇق چۈشۈرگۈدەك تەرىقىدە ئورناتقىن› دەپ ئېيتقىن» دېدى.
‏3 ھارۇن شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئالدى تەرىپىگە يورۇق چۈشۈرگۈدەك تەرىقىدە ئورناتتى. ‏4 چىراغدان سوقما ئالتۇندىن ياسالغانىدى، پۇتىدىن تارتىپ گۈللىرىگىچە سوقۇپ ياسالغانىدى. مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە بۇ چىراغداننى ياسىغانىدى.
 
لاۋىيلارنىڭ خۇدانىڭ خىزمىتى ئۈچۈن پاكلىنىپ ئايرىلىشى
‏5 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏6 «سەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئۇلارنى پاكلىغىن. ‏7 ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن كەفارەت سۈيىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سەپكىن. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە ئۇستىرا سېلىپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئۆزىنى پاك قىلسۇن. ‏8 ئاندىن كېيىن ئۇلار بىر تورپاق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن كەلتۈرسۇن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تورپاقنى كەلتۈرگىن. ‏9 ئاندىن لاۋىيلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا يىغقىن، ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىنىمۇ جەم قىلغىن. ‏10 سەن لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يىغقىنىڭدا بەنى ئىسرائىل كېلىپ، ئۆز قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. ‏11 ئاندىن كېيىن ھارۇن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلسۇن. ‏12 ئاندىن كېيىن لاۋىيلار ئۆز قوللىرىنى تورپاقلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. سەن بۇنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇپ، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە، لاۋىيلار ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنغىن. ‏13 ئاندىن سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەقدىم قىلغىن. ‏14 سەن بۇ تەرىقىدە ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن ئايرىغىن، لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ.
‏15 سەن لاۋىيلارنى پاكلاپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار كىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلسۇن. ‏16 چۈنكى ئۇلار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن مەخسۇس ماڭا تەقسىملەپ بېرىلگەندۇر. مەن ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ بالىياتقۇنى ئاچقان ھەممىسىنىڭ ئورنىغا ئۆزۈمگە تاللىۋالدىم. ‏17 چۈنكى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىكى مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ھەممە تۇنجىلار مېنىڭدۇر. مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگىنىمدە ئۇلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئايرىپ مۇقەددەس قىلدىم. ‏18 ئەمدى مەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى تۇنجىلارنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى تاللاپ، ‏19 بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇقەددەس جايغا يېقىن كېلىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن، مەن لاۋىيلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا بەنى ئىسرائىلنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىنى قىلىشى ئۈچۈن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم».
‏20 مۇسا، ھارۇن ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى، پەرۋەردىگار مۇساغا لاۋىيلار توغرىسىدا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. ‏21 لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ، كىيىملىرىنى يۇغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەقدىم قىلدى ۋە ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلار ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈردى. ‏22 ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قولى ئاستىدا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلدى. بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگار مۇساغا لاۋىيلار توغرىسىدا قانداق بۇيرۇغان بولسا، شۇنداق قىلدى.
 
لاۋىيلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇددىتى
‏23 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏24 «لاۋىيلار توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، يىگىرمە بەش ياشتىن ئاشقانلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن سەپكە كىرسۇن. ‏25 لېكىن لاۋىيلاردىن بولغان كىشى ئەللىك ياشقا كىرگەندىن تارتىپ، خىزمەت قىلىشتىن ئازاد بولىدۇ. ئۇ يەنە خىزمەت قىلمىسۇن. ‏26 ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇلارغا ياردەم بەرسە بولىدۇ، ئەمما خىزمەت قىلمىسۇن. لاۋىيلارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغىن.