سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش
9
1 بەنى ئىسرائىل مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا سۆز قىلىپ: 2 «بەنى ئىسرائىل ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى بېكىتىلگەن ۋاقتىدا ئۆتكۈزسۇن. ■ 3 سىلەر ئۇنى بۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشام ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈڭلار. بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ھەممە قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدە-نىزاملىرى بويىچە ئۇنى ئۆتكۈزۈڭلار» دېدى.
4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بەنى ئىسرائىلغا: «سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 5 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشام ۋاقتىدا، سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. بەنى ئىسرائىل ھەر ئىشتا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.
6 لېكىن ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ئۆزىنى ناپاك قىلىپ، ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمەيدىغان بىرنەچچە كىشى بار ئىدى. ئۇلار ئۇ كۈندە مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا كەلدى. 7 بۇ كىشىلەر مۇساغا سۆزلەپ: «مانا، بىز بىر ئۆلۈك ئادەمنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولدۇق. ئەمدى بۇ ئىش سەۋەبىدىن بىز بەنى ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ھەدىيەسىنى كەلتۈرۈشكە رەت قىلىنىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى. 8 مۇسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «ساقلاپ تۇرۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق نېمە بۇيرۇيدىغىنىنى ئاڭلاپ باقاي» دېدى.
9 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
10 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەگەر سىلەردىن ياكى ئەۋلادلىرىڭلاردىن بىرى ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بولسىمۇ، ياكى ئۇزۇن سەپەردە بولسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن. 11 ئۇلار ئۇنى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشام ۋاقتىدا ئۆتكۈزسۇن. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى بولسا پېتىر نان ۋە ئاچچىق ئوتياش بىلەن بىللە يېيىلىپ، 12 ئەتىسىگە ئۇنىڭدىن ھېچنېمە قالدۇرمىسۇن ۋە ئۇنىڭ ھېچبىر سۆڭىكى سۇندۇرۇلمىسۇن. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئۇنى ئۆتكۈزسۇن. 13 لېكىن بىر كىشى پاك بولۇپ، سەپەرمۇ قىلماي، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۇنداق كىشى، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ھەدىيەسىنى كەلتۈرمىگىنى ئۈچۈن، ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىپ، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 14 ئەگەر بىر مۇساپىر ئاراڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئۇنى ئۆتكۈزسۇن. بۇ قانۇن-بەلگىلىمە مەيلى ئاراڭلاردىكى مۇساپىر بولسۇن، مەيلى يەرلىك ئادەم بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بولسۇن›».
پەرۋەردىگارنىڭ بەنى ئىسرائىلنى بۇلۇت بىلەن يېتەكلىشى
15 ئۇچرىشىش چېدىرى تىكلەنگەن كۈنىدە، ئۇچرىشىش چېدىرىنى، يەنى شاھادەت چېدىرىنى بىر بۇلۇت قاپلاپ تۇردى، ۋە ئاخشام ۋاقتىدىن تارتىپ تاڭ يورۇغۇچە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇت ئوتتەك كۆرۈنۈپ تۇردى. 16 بۇ شۇنداق داۋام قىلدى: كۈندۈزى ئۇنىڭ ئۈستىنى بۇلۇت قاپلاپ تۇراتتى ۋە كېچىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇت ئوتتەك كۆرۈنەتتى. 17 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەندە، بەنى ئىسرائىل قوزغىلىپ ماڭاتتى ۋە بۇلۇت بېرىپ توختىغان يەردە بەنى ئىسرائىل توختاپ چېدىر-بارگاھ تىكەتتى. 18 شۇنداقكى، بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوزغىلىپ ماڭاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چېدىر-بارگاھ تىكەتتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچە ئۇزاق تۇرسا، ئۇلارمۇ شۇنچە ئۇزاق بارگاھتا تۇراتتى. 19 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاق كۈنلەرگىچە تۇرۇپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلمۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا رىئايە قىلىپ، قوزغىلىپ ماڭمايتتى.
20 بۇلۇت بىرنەچچە كۈنلا ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىغاندىمۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە توختاپ تۇراتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە قوزغىلىپ ماڭاتتى. 21 بۇلۇت ئاخشامدىن تاڭ يورۇغۇچە تۇرۇپ، سەھەر ۋاقتىدا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ قوزغىلىپ ماڭاتتى. مەيلى كۈندۈزى بولسۇن، مەيلى كېچىسى بولسۇن، بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ قوزغىلىپ ماڭاتتى. 22 بۇلۇت ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇزۇنراق ۋاقىتقىچە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختاپ تۇرغاندا، بەنى ئىسرائىلمۇ شۇ ۋاقىتقىچە چېدىرلىرىدا توختاپ تۇرۇپ، قوزغىلىپ ماڭمايتتى، لېكىن بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە ئۇلارمۇ قوزغىلىپ ماڭاتتى. 23 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توختاپ چېدىر-بارگاھ تىكەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوزغىلىپ ماڭاتتى. مۇسا ئارقىلىق بېرىلگەن پەرۋاردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇناتتى.