ئاشلىق قۇربانلىقى
2
1 ئەگەر بىر كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئاشلىق ھەدىيەسى كەلتۈرۈشنى خالىسا، ئۆز ھەدىيەسى ئۈچۈن ئېسىل ئۇن كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ياغ قۇيسۇن ۋە ئۈستىگە مەستىكى سالسۇن. ■ 2 ئۇ بۇنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى كاھىنلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. ئاندىن كېيىن كاھىن بۇ ئېسىل ئۇن بىلەن ياغدىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بۇ يادلىنىش ھەسسىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ. ■ 3 بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدىن ئېشىپ قالغىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەگسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلاردىن ئېلىنغان قىسىم ئەڭ مۇقەددەستۇر. 4 ئەگەر سەن تونۇردا پىشۇرۇلغانلاردىن ئاشلىق ھەدىيەسى كەلتۈرۈشنى خالىساڭ، بۇ ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن قىلىنغان توقاچ ياكى ياغلانغان پېتىر ھەمەك نان بولسۇن.
5 ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ تاۋىدا قۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان خېمىرتۇرۇچ سېلىنمىغان ئېسىل ئۇندىن قىلىنغان بولسۇن. 6 سەن بولساڭ ئۇنى پارچىلاپ، ئۈستىگە ياغ قۇيغىن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسى بولىدۇ.
7 ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن ياغدىن ئېتىلسۇن. 8 مەزكۇر تەرىقىلەردە تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا بەرگىن. ئۇ ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىغا كەلتۈرسۇن. 9 كاھىن ئاشلىق ھەدىيەسىدىن يادلىنىش ھەسسىسىنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 10 لېكىن ئاشلىق ھەدىيەسىدىن ئېشىپ قالغان نەرسە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەگسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلاردىن ئېلىنغان قىسىم ئەڭ مۇقەددەستۇر.
11 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرىنىڭ ھېچبىرى خېمىرتۇرۇچ بىلەن تەييارلانمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەل قوشۇلغان بىر نەرسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ.
12 بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى قىلىپ كەلتۈرسەڭلار بولىدۇ، لېكىن خۇش پۇراق كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلمىسۇن.
13 سېنىڭ ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭ تۇز بىلەن تۇزلانسۇن. ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قويماي، ھەممە ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن.
14 ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا دەسلەپكى ھوسۇلدىن ھەدىيە كەلتۈرۈشنى خالىساڭ، زىرائەتنىڭ كۆك بېشىنى ئېلىپ، دانلىرىنى ئوتتا قورۇپ، ئېزىپ، ئۇلارنى دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرگىن 15 ۋە ئۈستىگە ياغ قۇيۇپ، تۆپىسىگە مەستىكى سالغىن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسى بولىدۇ. 16 كاھىن بولسا قورۇلغان دانلار ۋە ياغدىن يادلىنىش ھەسسىسىنى ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ.