ئامانلىق قۇربانلىقى
3
1 ئەگەر بىر كىشى بىر ئامانلىق قۇربانلىقى كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بۇنى كالىلاردىن سۇنۇشنى خالىسا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئەيىبسىز بىر ئەركەك ياكى چىشى ھايۋاننى كەلتۈرسۇن. 2 ئۇ قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا ئۆز قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى يېنىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى كاھىنلار، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچسۇن. ■ 3 ئۇ بۇ ئامانلىق قۇربانلىقىدىن ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغ ۋە قالغان ئىچ يېغىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، 4 ئىككى بۆرىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى يانپىشىدىكى ياغنى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغنىمۇ بۆرەك بىلەن قوشۇپ كېسىۋېلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. 5 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى بولسا بۇ نەرسىلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرۈپ، ئوت ئۈستىگە قويۇلغان ئوتۇننىڭ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ.
6 ئەگەر بىر كىشى ئۇششاق مالدىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئامانلىق قۇربانلىقى كەلتۈرۈشنى خالىسا، ئۇ ئەيىبسىز بىر ئەركەك ياكى چىشى ھايۋاننى ئېلىپ كەلسۇن.
7 ئەگەر ئۇنىڭ قۇربانلىقى بىر قوي بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، 8 قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا ئۆز قولىنى قويسۇن، ئاندىن ئۇنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچسۇن. 9 بۇ ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ياغلىق قۇيرۇقىنى ئومۇرتقىدىن پۈتۈن ئاجرىتىۋېلىپ، ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغ ۋە قالغان ئىچ يېغىنىمۇ ئېلىپ، 10 ئىككى بۆرىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى يانپىشىدىكى ياغنى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغنىمۇ بۆرەك بىلەن قوشۇپ كېسىۋېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. 11 كاھىن بۇ نەرسىلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ.
12 ئەگەر بىر كىشى بىر ئۆچكە قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا، بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، 13 ئۇنىڭ بېشىغا ئۆز قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچسۇن. 14 قۇربانلىق قىلغۇچى بۇ قۇربانلىقتىن ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغ ۋە قالغان ئىچ يېغىنى ئېلىپ، 15 ئىككى بۆرىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى يانپىشىدىكى ياغنى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغنىمۇ بۆرەك بىلەن قوشۇپ كېسىۋېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. 16 كاھىن بۇ نەرسىلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان تائام ھەدىيەسى بولۇپ، خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ. ياغنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۈچۈندۇر. 17 سىلەر تۇرىدىغان ھەممە جايلىرىڭلاردا ياغ ۋە قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ سىلەر ئۈچۈن نەسىلدىن نەسىلگە مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ›».