گۇناھ قۇربانلىقى
4
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹بىر كىشى بىلمەستىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىدىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ مەنئى قىلىنغان ئىش قىلىپ سېلىپ، گۇناھكار بولسا، تۆۋەندىكىدەك قىلسۇن:
 
‏3 ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا تىقىپ قويىدىغان بىر گۇناھ قىلسا، ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن، ئەيىبسىز بىر تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرسۇن.    ‏4 ئۇ تورپاقنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۆز قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ‏5 ئاندىن كېيىن مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنە ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ بارسۇن. ‏6 ئۇ يەردە كاھىن بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ ئايرىما پەردىسىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن. ‏7 كاھىن قاندىن ئېلىپ، ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. لېكىن تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكسۇن. ‏8 ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنىڭ ئىچىدىكى ھەممە يېغىنى، يەنى ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغ ۋە قالغان ئىچ يېغىنى، ‏9 ۋە ئىككى بۆرىكى بىلەن ئۈستىدىكى ئىككى يانپاشتىكى ياغنى ئاجراتسۇن، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغنىمۇ بۆرەك بىلەن قوشۇپ كېسىپ ئايرىسۇن. ‏10 كاھىن ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىنىپ كەلتۈرۈلگەن بۇقىلارغا قىلغىنىدەك ياغنى چىقىرىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. ‏11 لېكىن تورپاقنىڭ تېرىسى، ھەممە گۆشى، بېشى، پاچاقلىرى، ئۈچەي-باغىرلىرى ۋە تېزىكى، ‏12 يەنى تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قىسمىنى بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ، كۈل تۆكۈلىدىغان پاك يەرگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ نەرسىلەر كۈل تۆكۈلىدىغان يەرنىڭ ئۆزىدە كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن.
‏13 ئەگەر بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى ئۆزلىرى بىلمەستىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىدىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ مەنئى قىلىنغان بىر ئىشنى قىلىپ سېلىپ، گۇناھكار بولسا، ‏14 جامائەتنىڭ ئۆز قىلغان گۇناھى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئۇلار گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تورپاقنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. ‏15 جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تورپاقنىڭ بېشىغا ئۆز قوللىرىنى قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ‏16 مەسىھلەنگەن كاھىن بولسا تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنە ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرسۇن. ‏17 ئاندىن كېيىن ئۇ كاھىن بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى ئايرىما پەردىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن. ‏18 ئاندىن ئۇ قاندىن ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. قالغان ھەممە قېنىنى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكسۇن. ‏19 ئۇ بۇقىنىڭ ھەممە يېغىنى چىقىرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. ‏20 ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ئىلگىرىكى تورپاققا قىلغىنىدەك، بۇ تورپاققىمۇ شۇنداق قىلسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇلار ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈلىدۇ. ‏21 ئاندىن كېيىن ئۇ ئىلگىرىكى تورپاقنى قىلغىنىدەك، بۇ تورپاقنىمۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەت ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
‏22 ئەگەر باشلىق بولغان كىشى بىلمەستىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىدىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ مەنئى قىلىنغان ئىش قىلىپ سېلىپ، گۇناھكار بولسا، ‏23 ۋە قىلغان گۇناھى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلسە، قۇربانلىقى ئۈچۈن ئەيىبسىز بىر تېكىنى كەلتۈرسۇن. ‏24 ئۇ ئۆز قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان ھايۋاننى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. ‏25 ئاندىن كېيىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ھايۋاننىڭ قېنىدىن بارمىقى بىلەن ئازغىنە ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان قېنىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكسۇن. ‏26 ئامانلىق قۇربانلىقى بولىدىغان ھايۋاننىڭ يېغىنى كۆيدۈرگەندەك، ئۇ بۇنىڭمۇ ھەممە يېغىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
‏27 ئەگەر ئاۋام خەلقتىن بىرى بىلمەستىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىدىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ مەنئى قىلىنغان ئىش قىلىپ سېلىپ، گۇناھكار بولغان بولسا، ‏28 ۋە قىلغان گۇناھى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلسە، ئۆزى قىلغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بىر ئەيىبسىز چىشى ئوغلاق كەلتۈرسۇن. ‏29 ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان ھايۋاننىڭ بېشىغا ئۆز قولىنى قويۇپ، ئاندىن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان بۇ ھايۋاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ بوغۇزلىنىدىغان جايىغا ئېلىپ بېرىپ بوغۇزلىسۇن. ‏30 ئاندىن كېيىن كاھىن ئۇنىڭ قېنىدىن بارمىقى بىلەن ئازغىنە ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكسۇن. ‏31 ئامانلىق قۇربانلىقى بولىدىغان ھايۋاننىڭ يېغىنى چىقارغاندەك، كاھىن بۇنىڭمۇ ھەممە يېغىنى چىقىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. ‏32 ئەگەر بىر كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر قوزا كەلتۈرۈشنى خالىسا، ئەيىبسىز بىر چىشى قوزىنى كەلتۈرسۇن. ‏33 ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان قوزىنىڭ بېشىغا ئۆز قولىنى قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان ھايۋانلار بوغۇزلىنىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بوغۇزلىسۇن. ‏34 ئاندىن كېيىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ھايۋاننىڭ قېنىدىن بارمىقى بىلەن ئازغىنە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكسۇن. ‏35 ئامانلىق قۇربانلىقى بولىدىغان قوزىنىڭ يېغىنى چىقارغاندەك كاھىن بۇنىڭمۇ ھەممە يېغىنى چىقىرىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان باشقا ھەدىيە-قۇربانلىقلار ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.