5
‏1 ئەگەر بىر كىشى گۇۋاھ بولۇپ، ئۇنىڭغا قەسەم بۇيرۇلغىنىدا، كۆرگەن بىلگەنلىرىنى دەپ بەرمىسە، ئۇ كىشى بۇ قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
‏2 ئەگەر بىر كىشى، مەيلى بىر ناپاك ياۋايى ھايۋاننىڭ ئۆلۈكى، مەيلى ئۆي ھايۋىنىنىڭ ئۆلۈكى ياكى ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ ئۆلۈكى بولسۇن، ھەرقانداق ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالسا، ئۇ بىلمەستىن ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ ناپاك ھېسابلىنىپ گۇناھكار بولىدۇ.
‏3 شۇنىڭدەك، ئەگەر ئۇ بىلمەي بىر كىشىنىڭ ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان ھەرقانداق نىجاسىتىگە تېگىپ قالسا، بۇنى بىلگەن ھامان گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
‏4 بىخەستەلىك بىلەن ھەرقانداق ئىش توغرىسىدا ئادەمنىڭ قەسەم قىلىشى مۇمكىن بولغاندەك، بىر كىشى بىلمەي بىخەستەلىك بىلەن يامان ياكى ياخشى بىر ئىش توغرىسىدا قەسەم قىلغاندىن كېيىن، بۇنى چۈشىنىپ يەتكەن ھامان گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
‏5 ئۇ گۇناھكار بولغاندىن كېيىن، ‹پالان گۇناھ قىلدىم› دەپ ئىقرار قىلىشى كېرەك. ‏6 ئۇ ئۆزى قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۇششاق مېلىدىن بىر چىشى قوزا ياكى ئوغلاقنى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن. ئاندىن كېيىن كاھىن، ئۇ گۇناھىدىن پاكلانسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن.
‏7 ئەمما ئەگەر ئۇ مۇنداق ھايۋاننى كەلتۈرەلمىسە، ئۇ ئۆزى قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىسىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن.
‏8 بۇلارنى كاھىننىڭ يېنىغا كەلتۈرگەندە كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىغا ئايرىلغاننى ئاۋۋال قۇربانلىق قىلىپ، بوينىنى ئۈزۈۋەتمەي، بېشىغا يېقىن جايىدىن تولغىسۇن. ‏9 ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان جانىۋارنىڭ قېنىدىن ئازغىنە ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېمىغا سەپسۇن. قالغان قېنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە سىقىپ سېپىلسۇن. بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. ‏10 ئەمما ئىككىنچى كەپتەرنى بۇيرۇلغان تەرىقىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. ‏11 ئەمما ئەگەر ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى كەلتۈرەلمىسە، ئۆزى قىلغان گۇناھىنىڭ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن بىرىنى ئېلىپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغاچ، ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ تۆكمەي، تۆپىسىگە مەستىكىمۇ سالماي،    ‏12 كاھىننىڭ يېنىغا كەلتۈرسۇن. كاھىن بۇنىڭدىن بىر چاڭگال ئېلىۋېلىپ، يادلىنىش ھەسسىسى بولسۇن دەپ بۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان باشقا ھەدىيە-قۇربانلىقلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. ‏13 بۇ تەرىقىدە كاھىن مەزكۇر گۇناھلاردىن بىرىنى قىلغان كىشى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن قىلىنغاندەك، قالغان ئۈلۈشى كاھىنغا تېگىدۇ›».
 
ئەيىب قۇربانلىقى
‏14 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏15 «ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلىرىگە نىسبەتەن گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆز گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن ئەيىبسىز بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن. سەن ئۆزۈڭ بۇ قوچكارنىڭ باھاسىنى، مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈمۈش شېكەلگە ھېسابلاپ بېكىتكىن. ‏16 ئۇ مەقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن كەلتۈرگەن زىياننى، ئۇنىڭغا بەشتىن بىرىنى قوشۇپ، كاھىنغا تۆلەپ بەرسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئەيىب قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، بۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. ‏17 ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىدە مەنئى قىلىنغان بىر ئىش قىلسا، گۇناھكار بولۇپ، قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ‏18 ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن باھاسىنى بېكىتقان ئەيىبسىز بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ بىلمەي قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسە، ئۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. ‏19 بۇ ئەيىب قۇربانلىقى بولىدۇ. چۈنكى شۈبھىسىزكى، ئۇ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولدى».
 
‏20 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏21 «ئەگەر بىر كىشى گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، قوشنىسى ئۇنىڭغا ئامانەت ياكى كاپالەتكە بەرگەن نەرسە ياكى ئوغرىلىغان نەرسە توغرىسىدا يالغان گاپ قىلسا، ياكى ئۆز قوشنىسىدىن ناھەق تەرىقىدە بىر نەرسىنى تارتىۋالغان بولسا، ‏22 ياكى يىتىپ كەتكەن بىر نەرسىنى تېپىپ، شۇنىڭدىن تانسا، ياكى ئادەملەر قىلىشى مۇمكىن ھەرقانداق بىر ئىش توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە،
‏23 خاتا قىلىپ گۇناھكار بولغان كىشى، مەيلى ئوغرىلىغان نەرسە بولسۇن، ياكى ئۆزىگە ئامانەت بېرىلگەن نەرسە بولسۇن، ياكى يىتىپ كېتىپ كېيىن تېپىۋالغان نەرسە بولسۇن، ‏24 ياكى توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچكەن ھەرقانداق نەرسە بولسۇن، ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۆز باھاسىغا يەنە بەشتىن بىرىنى قوشسۇن. ئۇ ئەيىب قۇربانلىقىنى كەلتۈرىدىغان كۈندە بۇنىڭ ھەممىسىنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسۇن.
‏25 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئەيىب قۇربانلىقىنى كەلتۈرسۇن. ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن بېكىتكەن باھادىكى ئەيىبسىز بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن كاھىننىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلسۇن. ‏26 بۇ تەرىقىدە كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەفارەت كەلتۈرسە، قايسى ئىشنى قىلىپ گۇناھكار بولغان بولسىمۇ، شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ».