كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى قانۇن
6
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏2 «سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا مۇنداق قائىدە بېكىتكىن: ‹كۆيدۈرمە قۇربانلىق پۈتۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوچىقىنىڭ ئۈستىدە كۆيۈپ تۇرسۇن ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتى ئۆچمەي كۆيۈپ تۇرسۇن.
‏3 كاھىن كەندىردىن توقۇلغان لىباسنى كىيىپ، كەندىردىن بولغان ئىچ كىيىمىنى كىيىپ يالىڭاچ يەرلىرىنى يېپىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئوت كۆيدۈرۈۋەتكەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ كۈلىنى ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يان تەرىپىگە قويسۇن. ‏4 ئاندىن ئۇ ئۆز كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىم كىيىپ كېلىپ، كۈلنى بارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پاكىز بىر جايغا قويسۇن.
‏5 ئەمما قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتى كۆيۈپ تۇرسۇن، ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمىسۇن. كاھىن ھەر ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن تاشلاپ كۆيدۈرۈپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزىپ، ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. ‏6 قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتى ھەمىشە كۆيۈپ تۇرسۇن، ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمىسۇن›.
 
ئاشلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قانۇن
‏7 ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدىكى قانۇن شۇكى، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن.
‏8 كاھىن ئاشلىق ھەدىيەسى بولغان ئېسىل ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، يېغى ۋە ئۈستىدىكى ھەممە مەستىكىنى قوشۇپ، بۇ ئۇنىڭ يادلىنىش ھەسسىسى بولسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. ‏9 ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمىنى يېسۇن. ئۇ خېمىرتۇرۇچ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ، مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن. ئۇلار ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. ‏10 ئۇ بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلمىسۇن. مەن بۇنى ماڭا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارنىڭ ھەسسىسى قىلىپ بەردىم. بۇ گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. ‏11 ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەر كىشىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن يېسۇن. نەسلىڭلاردىن نەسلىڭلارغا، بۇ ھەمىشە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلاردىن ئۇلارنىڭ ھەققى بولىدۇ. ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگەن ھەربىر كىشى مۇقەددەس بولىدۇ›».   
 
‏12 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏13 «ھارۇن ياكى ئوغۇللىرىنىڭ بىرى مەسىھلەنگەن كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئېسىل ئۇندىن بىر ئېفانىڭ ئوندىن بىرىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە، ھەمىشە يېرىمىنى ئەتىگەندە، يەنە بىر يېرىمىنى ئاخشامدا سۇنسۇن. ‏14 ئۇ تاۋىدا ياغ بىلەن ئېتىلىپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئېلىپ كىرگىن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ پارچىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خۇش پۇراق كەلتۈرسۇن دەپ سۇنغىن. ‏15 ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇش ئۈچۈن مەسىھلەنسە، ئۇ ئۆزىمۇ شۇنداق قىلسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك قانۇن بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئۈچۈن بۇ قۇربانلىق تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن. ‏16 چۈنكى كاھىننىڭ ئاشلىق ھەدىيەسى ھەمىشە پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلۈپ، ھەرگىز يېيىلمىسۇن».
 
گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قانۇن
‏17 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏18 «سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېگىن: ‹كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بولغان ھايۋان بوغۇزلىنىدىغان جايدا، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان ھايۋانمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن. بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. ‏19 ئۇنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنغان كاھىن ئۇنى يېسۇن. بۇ قۇربانلىق ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا، مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن. ‏20 ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگەن ھەربىر كىشى مۇقەددەس بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەگەر قاندىن ئازغىنە بىر كىشىنىڭ كىيىمىگە چاچراپ قالسا، قان چاچرىغان جاي مۇقەددەس يەردە يۇيۇلسۇن.    ‏21 بۇ قۇربانلىق بىر ساپال قازاندا پىشۇرۇلغان بولسا، قازان سۇندۇرۇلسۇن، لېكىن مىس قازاندا پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۈرۈلۈپ، سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن. ‏22 كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن يېسۇن. بۇ ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. ‏23 لېكىن مۇقەددەس جايدا كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قېنى كەلتۈرۈلگەن گۇناھ قۇربانلىقى بولسا ھەرگىز يېيىلمەي، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن›.