ئەيىب قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قانۇن
7
1 ‹ئەيىب قۇربانلىقى ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، بۇ توغرىسىدىكى قانۇن شۇكى، 2 كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولغان ھايۋان بوغۇزلىنىدىغان جايدا ئەيىب قۇربانلىقى بولىدىغان ھايۋانمۇ بوغۇزلانسۇن. قېنى بولسا قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چېچىلسۇن ۋە 3 يېغىنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن. ياغلىق قۇيرۇقى ۋە ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغ، 4 ئىككى بۆرىكى ۋە ئۈستىدىكى ئىككى يانپاشتىكى ياغ ئاجرىتىلىپ، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغ بۆرەك بىلەن قوشۇپ كېسىلىپ ئاجرىتىلسۇن. 5 كاھىن بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن. بۇ ئەيىب قۇربانلىقى بولىدۇ. 6 كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن. بۇ ئەڭ مۇقەددەس بولغاچقا، مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن. 7 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ۋە ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن بېكىتىلگەن قائىدە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ قۇربانلىق كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى سۇنغان كاھىنغا تەگسۇن. 8 ئەگەر بىر كاھىن بىر كىشىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنغان بولسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن. 9 تونۇردا پىشۇرۇلغان ۋە قازاندا ياكى تاۋىدا ئېتىلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى، ئۇنى سۇنغان كاھىنغا تەگسۇن. 10 ئەمما ياغلانغان ياكى قۇرۇق كەلتۈرۈلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى، ھارۇننىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىرىگە باراۋەر تەگسۇن›.
ئامانلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قانۇن
11 ‹پەرۋەردىگارغا كەلتۈرۈلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قانۇن شۇكى،
12 ئەگەر بىر كىشى قۇربانلىقىنى شۈكۈر قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرسە، شۈكۈر قۇربانلىقى بولىدىغان ھايۋان بىلەن بىللە ياغ سۈرۈلگەن پېتىر توقاچ، ياغلانغان پېتىر ھەمەك نان ۋە ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇندىن قىلىنغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن. 13 بۇ نەرسىلەردىن باشقا، شۈكۈر قۇربانىلىقى ئۈچۈن ئامانلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان گىردە نانلارنىمۇ سۇنسۇن. 14 مەزكۇر نانلارنىڭ ھەر تۈرىدىن بىرىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرسۇن. بۇ ھەدىيە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە چاچقان كاھىنغا تەگسۇن. ■ 15 شۈكۈر قۇربانلىقى ئۈچۈن ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىنىپ كەلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان كۈنى يېيىلسۇن. تاڭ ئاتقۇچە ھېچنېمىسى قالمىسۇن.
16 ئەگەر بىر كىشىنىڭ كەلتۈرگەن قۇربانلىقى قىلغان ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن، ئېشىپ قالغىنى بولسا، ئەتىسى يېيىلسىمۇ بولىدۇ. 17 لېكىن بۇ قۇربانلىق گۆشىدىن ئېشىپ قالغانلار، ئۈچىنچى كۈنگىچە قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. 18 ئەمما بىر كىشى ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنى يەسە، قۇربانلىق مەقبۇل بولماي، كەلتۈرگۈچىنىڭ ياخشىلىقىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى يىرگىنچلىك بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن يېسە، شۇ قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 19 شۇنىڭدەك ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆش يېيىلمەي، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. ئەمما ناپاك بولمىغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن پاك بولغان ھەرقانداق ئادەم يېيىشى مۇمكىن. 20 لېكىن كىمكى ناپاك بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. 21 كىمكى، مەيلى ئادەمنىڭ ناپاكلىكى بولسۇن، مەيلى ناپاك ھايۋان بولسۇن ياكى ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن، ھەرقانداق ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالسا، ۋە ئارقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇ ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ›».
ياغ ۋە قان يېمەسلىك توغرىسىدىكى قانۇن
22 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
23 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ يېغىنى ھەرگىز يېمەڭلار. 24 ئۆز-ئۆزىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋان پارچىلىۋەتكەن ھايۋاننىڭ يېغى بولسا ھەر نەرسىگە ئىشلىتىڭلار، لېكىن ئۇنىڭدىن ھەرگىز يېمەڭلار. 25 چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىقنىڭ ھايۋانلىرىنىڭ يېغىدىن يېسە ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. 26 سىلەر تۇرىدىغان ھەممە جايىڭلاردا، مەيلى ئۇچار قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارۋا مالنىڭ بولسۇن، ھېچقانداق قاننى يېمەڭلار. 27 كىمكى قان يېسە، ئۆز خەلقىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ›».
ئامانلىق قۇربانلىقلىرىدىن كاھىنلارغا بېرىلىدىغان قىسمى
28 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
29 «سەن بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگىن: ‹پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئامانلىق قۇربانلىقى كەلتۈرۈشنى خالىغانلار بۇ ئامانلىق قۇربانلىقىدىن ئېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن تەيىنلەنگەن ھەدىيەسىنى كەلتۈرسۇن. 30 ئۇ ئۆز قوللىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ، ياغ ۋە تۆشنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. 31 ئاندىن كاھىن ياغنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەگسۇن. 32 ئامانلىق قۇربانلىقلىرىڭلاردىن ھايۋاننىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى، كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىلسۇن. 33 ئوڭ ئارقا پۇت ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن، ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنى ۋە يېغىنى سۇنغان كىشىگە تەگسۇن. 34 چۈنكى مەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئامانلىق قۇربانلىقلىرىدىن، پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولغان تۆش ۋە كۆتۈرمە ھەدىيە بولغان ئارقا پۇتنى ئېلىپ، ھەمىشە بەنى ئىسرائىلدىن ئۇلارنىڭ ئالىدىغان ھەققى بولسۇن دەپ كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقدىم قىلدىم. 35 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ئۇلارغا ئايرىلغان كاھىنلىق خىزمىتىنىڭ ھەققى بۇدۇر. 36 پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، بەنى ئىسرائىل تەرىپىدىن بۇ ھەسسە ئۇلارغا بېرىلسۇن، بۇ نەسىلدىن نەسىلگە ھەمىشە ئۇلارنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ بۇيرۇغانىدى. 37 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقى، خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قانۇن بۇدۇر›». 38 بۇ قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلغا: «سىلەر سىناي چۆلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇربانلىق كەلتۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇغان كۈنىدە، سىناي تېغىدا مۇساغا تاپشۇرغانىدى.