ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىققا تىكلىنىشى
8
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
‏2 «ھارۇننى ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى، مەسىھلەش يېغىنى، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق ۋە ئىككى قوچقارنى، ھەم پېتىر نانلار سېلىنغان سېۋەتنى ئېلىپ كەلگىن ۋە ‏3 پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا يىغىپ جەم قىلغىن» دېدى.
‏4 مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىغا يىغىلدى. ‏5 ئاندىن مۇسا جامائەتكە: «مانا، بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلىشنى بۇيرۇغان ئىشتۇر» دېدى.
‏6 ئاندىن مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇدى. ‏7 ئاندىن ئۇ ئۇنىڭغا ئىچ كۆينەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغنى باغلاپ، توننى كىيدۈرۈپ، ئۈستىگە ئېفودنى تاقىدى. ئېفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئېفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ بولۇپ،    ‏8 ئاندىن ئۇنىڭغا كۆكرەكلىكنى باغلاپ، كۆكرەكلىكنىڭ ئىچىگە «ئۇرىم» ۋە «تۇمىم»نى سالدى.    ‏9 ئۇ ئۇنىڭ بېشىغا سەللە يۆگەپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە نەپىس ئالتۇن لەۋھەنى، يەنى مۇقەددەس بەلگىنى تاقاپ قويدى.
‏10 ئاندىن كېيىن مۇسا مەسىھلەش يېغىنى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى. ‏11 ئۇ مەسىھلەش يېغىدىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىگە يەتتە قېتىم سېپىپ، قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئۇنىڭ بارچە سايمانلىرىنى، داس بىلەن تەگلىكىنى مۇقەددەس قىلىش ئۈچۈن مەسىھلىدى. ‏12 ئاندىن ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا مەسىھلەش يېغىدىن قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىش ئۈچۈن مەسىھلىدى. ‏13 ئاندىن كېيىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىچ كۆينەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەر كىيدۈرۈپ قويدى.
‏14 ئاندىن كېيىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى كەلتۈردى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنىڭ بېشىغا ئۆز قوللىرىنى قويدى. ‏15 ئۇنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن، مۇسا قاندىن ئېلىپ، ئۇنى ئۆز بارمىقى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ چۆرىسىگە سۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىدى. ئۇ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى. كەفارەت كەلتۈرۈشكە لايىق بولسۇن دەپ، ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى شۇنداق قىلىپ مۇقەددەس قىلدى. ‏16 ئاندىن ئۇ ئۇنىڭ ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغنىڭ ھەممىسىنى ۋە جىگىرىنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغ، ئىككى بۆرىكى ۋە ئۇلارنىڭ يېغىنى ئالدى. ئاندىن مۇسا بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. ‏17 پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ تورپاقنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزىكىنى بارگاھنىڭ سىرتىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
‏18 ئاندىن كېيىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوچقارنى كەلتۈردى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. ‏19 ئۇنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن، مۇسا قاننى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە چاچتى. ‏20 ئاندىن قوچقارنى كېسىپ پارچىلىدى. ئاندىن كېيىن مۇسا باش، ياغ ۋە پارچىلىرىنى كۆيدۈردى. ‏21 ئۇ ئۈچەي-باغىرلىرى ۋە پاچاقلىرىنى سۇدا يۇدى. مۇسا بۇلارنى يۇغاندىن كېيىن، پۈتۈن قوچقارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. بۇ خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق ئىدى.
‏22 ئاندىن كېيىن ئۇ ئىككىنچى قۇربانلىقنى، يەنى خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قوچقىرىنى كەلتۈردى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. ‏23 ئۇنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن، مۇسا ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ، بۇنى ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باس بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ قويدى. ‏24 ئاندىن كېيىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى كەلتۈرۈپ، قاندىن ئېلىپ، بۇنى ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرى ۋە ئوڭ پۇتلىرىنىڭ باش بارماقلىرىغا سۈرۈپ قويدى. مۇسا قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە تۆكتى. ‏25 ئاندىن كېيىن ئۇ ئۇنىڭ يېغىنى، يەنى ياغلىق قۇيرۇقى، ئۈچەي-باغىرلىرىنى قاپلىغان ياغنىڭ ھەممىسىنى، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ياغ، ئىككى بۆرىكى ۋە ئۇلارنىڭ يېغىنى، ھەم شۇنداقلا ئوڭ ئارقا پۇتىنىمۇ كېسىپ ئېلىپ، ‏26 ئۇنىڭغا قوشۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان پېتىر ناننىڭ سېۋىتىدىن بىر پېتىر گىردە، بىر ياغلانغان توقاچ ۋە بىر دانە ھەمەك ناننى ئېلىپ، ياغ بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتنىڭ ئۈستىگە قويدى. ‏27 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، بۇ نەرسىلەرنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ قويدى. ‏28 ئاندىن كېيىن مۇسا بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى. بۇ خۇش پۇراق كەلتۈرىدىغان خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقى بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىق ئىدى. ‏29 ئاندىن كېيىن مۇسا تۆشنى ئېلىپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قوچقىرىنىڭ بۇ تۆشى مۇسانىڭ ئۆزىگە تەگدى.
‏30 ئاندىن كېيىن مۇسا مەسىھلەش يېغى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرىگە، ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگىمۇ سېپىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى، ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىمۇ مۇقەددەس قىلدى.
‏31 ئاندىن كېيىن مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى: «ئەمدى بۇ گۆشنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى يېنىدا پىشۇرۇپ، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ خىزمەتكە تەيىنلىنىش قۇربانلىقى بار سېۋەتتىكى نان بىلەن قوشۇپ يەڭلار. بۇلارنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى يېسۇن دەپ بۇيرۇغىنىمدەك سىلەر يەڭلار. ‏32 لېكىن گۆش ۋە ناندىن ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. ‏33 سىلەر يەتتە كۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدىن كەتمەي، تاكى خىزمەتكە تەيىنلەنگەن كۈنلىرىڭلار تامام بولغۇچە ئۇ يەردە قېلىڭلار. چۈنكى خىزمەتكە تەيىنلەنگەن ۋاقتىڭلار يەتتە كۈن بولىدۇ. ‏34 سىلەرگە بۇگۇن قىلىنغان ئىشلار، سىلەرگە كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنسۇن دەپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇدى.    ‏35 سىلەر، ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە رىئايە قىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا كېچە-كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇپ تۇرۇشۇڭلار كېرەك، چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى». ‏36 ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى.