مۇسانىڭ ئىبادەت چېدىرىنى تىكلىشى
40
‏1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‏2 «بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سەن ئىبادەت چېدىرى بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكلىگىن. ‏3 ئۇنىڭ ئىچىگە شاھادەت ساندۇقىنى قويۇپ، ساندۇقنىڭ ئالدىغا كىرىشنى توسۇپ تۇرىدىغان ئايرىما پەردىنى ئاسقىن. ‏4 شىرەنى ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە قويۇلىدىغان نەرسىلەرنى تىزىپ قويغىن. ئاندىن چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن. ‏5 ئالتۇن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنى شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويغىن. ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى تارتىپ قويغىن. ‏6 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا قويغىن. ‏7 داسنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويغىن. ‏8 ھويلىنىڭ چۆرىسىگە پەردە تارتىپ، ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويغىن. ‏9 مەسىھلەش يېغىنى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى مەسىھلىگىن. بۇ تەرىقىدە ئۇنى ۋە ھەممە ئەشيالىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن ئىبادەت چېدىرى مۇقەددەس بولىدۇ. ‏10 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى مەسىھلەپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ. ‏11 سەن داس ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنىمۇ مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. ‏12 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن. ‏13 ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ئۇنى مەسىھلەپ، مۇقەددەس قىلئىپ ماڭا ئايرىغىن. شۇندىلا ئۇ ماڭا كاھىن بولۇپ خىزمەت قىلالايدۇ. ‏14 ئاندىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا ئىچ كۆينەكلىرىنى كىيدۈرۈپ، ‏15 ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگەندەك ماڭا كاھىن بولۇپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن. بۇ مەسىھلىنىشى ئۇلار ئۈچۈن نەسىلدىن نەسىلگە ھەمىشە كاھىنلىقنىڭ بەلگىسى بولىدۇ».
 
‏16 مۇسا شۇنداق قىلدى. ئۇ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى.
 
‏17 شۇنىڭ بىلەن، ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرى تىكلەندى. ‏18 مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى تىكىپ، پۇتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاختايلىرىنى تىزىپ، ئوتتۇرا بالداقلىرىنى بېكىتىپ، تۈۋرۈكلىرىنى تىكلەپ، ‏19 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىگە يوپۇقنى يېپىپ، يوپۇقنىڭ ئۈستىگە ئىككىنچى يوپۇقىنى يېپىپ قويدى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى. ‏20 ئاندىن كېيىن ئۇ شاھادەت تاختىلىرىنى ئېلىپ، ساندۇققا سېلىپ، كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ساندۇقنىڭ ھالقىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، مەرھەمەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى. ‏21 ئۇ ساندۇقنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، شاھادەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كىرىشنى توسۇپ تۇرىدىغان ئايرىما پەردىنى تارتتى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى. ‏22 ئۇ شىرەنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئايرىما پەردىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‏23 ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى تىزىپ قويدى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى. ‏24 ئۇ چىراغداننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى شىرەنىڭ ئۇدۇلىدا ئىبادەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويۇپ، ‏25 چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى. ‏26 ئاندىن كېيىن ئۇ ئالتۇن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئايرىما پەردىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‏27 ئۇنىڭ ئۈستىدە خۇشبۇي ئىسرىقنى كۆيدۈردى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى. ‏28 ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردىنى تارتتى. ‏29 ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى. ‏30 ئۇ داسنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، يۇيۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويدى. ‏31 ئۇنىڭ سۈيىدە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پۇت-قوللىرىنى يۇياتتى. ‏32 ئۇلار ھەر قېتىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە ياكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە ئۆزىنى يۇياتتى. ‏33 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئىبادەت چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ھويلىسىنىڭ چۆرىسىگە پەردە تارتتى ۋە ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويدى. بۇ تەرىقىدە مۇسا پۈتۈن ئىشنى پۈتكۈزدى.
 
‏34 ئۇ چاغدا بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئىبادەت چېدىرىنى تولدۇردى. ‏35 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىگە قونۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى چېدىرنى تولدۇرغىنى ئۈچۈن مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرەلمىدى. ‏36 بۇلۇت ھەر قېتىم ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەندە، بەنى ئىسرائىل قوزغىلىپ ماڭاتتى. ئۇلار ھەممە سەپەرلىرىدە شۇنداق قىلاتتى. ‏37 ئەمما بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە، ئۇلار بۇلۇت كۆتۈرۈلىدىغان كۈنىگىچە قوزغىلىپ ماڭمايتتى. ‏38 كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى، كېچىسى بۇلۇت ئىچىدە ئوت كۆرۈنەتتى. پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ پۈتۈن سەپەر جەريانىدا شۇنداق كۆرۈندى.