39
1 پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇلار كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپتىن مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە كىيىلىدىغان كىيىملەرنى، ۋە ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى تىكىپ تەييار قىلدى. 2 ئۇ ئېفودنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇپ تەييارلىدى. 3 ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىزلىتىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن رەڭمۇ-رەڭ رەخت توقۇدى. 4 ئۇلار ئېفودنىڭ ئىككى قىسمىنى بىر-بىرىگە باغلاش ئۈچۈن ئىككى مۈرە تاسمىسىنى ياساپ، ئۇلار ئارقىلىق ئىككى بېشىنى بىر-بىرىگە باغلاپ قويدى. 5 ئۇنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئېفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلىنىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. 6 ئۇلار ھېقىق تاشلىرىنى تەييار قىلىپ، ئالتۇن كۆزلۈكلەرگە ئورناتتى. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلدى. 7 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ خاتىرە تېشى بولسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ بۇلارنى ئېفودنىڭ ئىككى مۈرە تاسمىسىغا قاداپ قويدى.
8 ئۇ كۆكرەكلىكنى ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن توقۇتۇپ، بۇنىمۇ ئېفودقا ئوخشاش زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇپ تەييار قىلدى. 9 كۆكرەكلىك ئىككى قاتلىق تۆت چاسا قىلىندى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ ئىدى. 10 ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ قىممەتلىك تاشلارنى ئورناتتى. بىرىنچى قاتاردا بىر قىزىل ياقۇت، بىر توپاز ۋە بىر زۇمرەت ئورنىتىلدى. 11 ئىككىنچى قاتاردا بىر كۆك قاشتاش، بىر كۆك ياقۇت ۋە بىر ئالماس، 12 ئۈچىنچى قاتاردا بىر سۆسۈن ياقۇت، بىر ھېقىق ۋە بىر سۆسۈن كۋارتس، 13 تۆتىنچى قاتاردا بىر سېرىق ياقۇت، بىر ئاق ھېقىق ۋە بىر يېشىل قاشتاش ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلدى. 14 بۇ قىممەتلىك تاشلار ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئون ئىككى دانە ئىدى. مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر تاشقا ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن ئويۇلغانىدى. 15 ئۇلار كۆكرەكلىككە شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن زەنجىرلەرنى ياسىدى. 16 ئۇلار كۆكرەكلىك ئۈچۈن ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ۋە ئىككى ھالقىنى ياساپ، ئىككى ھالقىنى كۆكرەكلىكنىڭ ئىككى بېشىغا بېكىتتى. 17 ئۇلار ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى كۆكرەكلىكنىڭ ئىككى بېشىغا بېكىتىلگەن ئىككى ھالقىغا ئۆتكۈزۈپ، 18 بۇ ئېشىلگەن زەنجىرلەرنىڭ قالغان ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە قاداپ، بۇلارنى ئېفودنىڭ ئىككى مۈرە تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتتى. 19 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان كۆكرەكلىكنىڭ ئىچ تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتىپ قويدى. 20 شۇنداقلا، ئۇلار ئالتۇندىن يەنە ئىككى ھالقا ياساپ، بۇلارنى ئېفودنىڭ ئىككى مۈرە تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى تۆۋەن قىسمىغا، ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، بەلۋاغدىن يۇقىرى بېكىتتى. 21 كۆكرەكلىك ئېفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرى تۇرۇشى ۋە ئېفودتىن ئاجراپ كەتمىسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار كۆكرەكلىكنىڭ ھالقىلىرىغا ئۆتكۈزۈلگەن كۆك رەڭلىك يىپ ئېفودنىڭ ھالقىلىرىغا باغلاپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.
22 ئۇ ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان توننى توقۇپ، پۈتۈنلەي كۆپ-كۆك قىلدى. 23 توننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باش تۆشۈكى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك قىلىندى. يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۆرىسىگە پەۋەز تۇتۇلدى. 24 ئۇلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپتىن ياسالغان ئانارلارنى ئورناتتى. 25 ئۇلار ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، بۇلارنى توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىدىكى ئانارلارنىڭ ئارىسىغا ئېسىپ قويدى. 26 خىزمەتتە كىيىلىدىغان توننىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتۈن چۆرىسىگە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، ئاندىن كېيىن بىر ئانار، ئاندىن يەنە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، ئاندىن يەنە بىر ئانار ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.
27 ئۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئاق كەندىردىن توقۇلغان ئىچ كۆينەكلەرنى تەييار قىلدى. 28 ئۇلار سەللە، زىننەتلىك ئېگىز بۆكلەر ۋە تامباللارنىمۇ ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇپ تەييار قىلدى. 29 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئاق كەندىر يىپتىن ۋە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپتىن نەپىس توقۇلۇپ كەشتىلەنگەن رەختتىن بەلۋاغنى تەييارلىدى. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى.
30 ئۇلار مۇقەددەس بەلگە بولغان لەۋھەنى ساپ ئالتۇندىن ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويغاندەك: «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان» دەپ ئويۇپ، 31 ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىگە چىگدى. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى.
مۇسانىڭ ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ جابدۇقلىرىنى تەكشۈرۈشى
32 بۇ تەرىقىدە ئىبادەت چېدىرى بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھەممە ئىشى تاماملاندى. بەنى ئىسرائىل بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدى.
33 ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنى مۇسانىڭ ئالدىغا كەلتۈردى، يەنى چېدىر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرى، ئىزمىلىرى، تاختايلىرى، ياغاچ بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى ۋە پۇتلىرى، 34 شۇنىڭدەك قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق، دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق ۋە ياپىدىغان ئايرىما پەردە، ■ 35 شاھادەت ساندۇقى بىلەن ئۇنىڭ كۆتۈرۈش خادىلىرى ۋە مەرھەمەت تەختى، 36 شىرە ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرى ۋە شۇنداقلا خۇداغا ئاتالغان نانلار، 37 ئالتۇن چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان چىراغلار، ھەم ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرى ۋە چىراغ يېغى، 38 ئالتۇن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسى بىلەن مەسىھلەش يېغى ۋە خۇشبۇي ئىسرىق، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، 39 مىس قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئۇنىڭ مىس شالاسى، كۆتۈرۈش خادىلىرى ۋە ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرى، شۇنداقلا داس بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكى، 40 ھويلىنىڭ پەردىلىرى بىلەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى ۋە پۇتلىرى، ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ پەردىسى بىلەن ئۇنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرى، ئىبادەت چېدىرى بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلار، 41 مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتى ئۈچۈن تىكىلگەن كىيىملەر، كاھىن ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى. 42 بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىغانىدى. 43 مۇسا ئىشنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەل پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلدى.