38
‏1 بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىدى. ئۇ تۆت چاسا ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىندى. ‏2 ئۇ ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە مۈڭگۈزلەر ياسىدى. مۈڭگۈزلەر قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ ياسالدى. ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى مىس بىلەن قاپلىدى. ‏3 ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەسۋاب-جابدۇقلىرى، يەنى داسلار، گۈرجەكلەر، جاۋۇرلار، لاخشىگىرلار ۋە ئوتدانلارنى ياسىدى. ئۇ بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلارنى مىستىن ياسىدى. ‏4 ئۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياساپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە يېتىپ تۇرىدىغان قىلىپ، گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا قويدى. ‏5 ئۇ كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مىس شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت دانە ھالقا قۇيۇپ ياسىدى. ‏6 ئۇ كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، مىس بىلەن قاپلىدى. ‏7 ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خادىلارنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىچىنى كاۋاك قىلىپ تاختايلاردىن ياسىدى.
 
‏8 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ مىس ئەينەكلىرىدىن بىر مىس داس ۋە ئۇنىڭ مىس تەگلىكىنى ياسىدى.
 
‏9 ئاندىن كېيىن ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىنى ھازىرلىدى: جەنۇبقا قارايدىغان ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلغان يۈز گەز كېلىدىغان پەردىلەرنى ياسىدى. ‏10 پەردىلەرنىڭ يىگىرمە تۈۋرۈكى ۋە ئۇلارنىڭ يىگىرمە پۇتى مىستىن ياسالدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە ئۇلاش تاياقلىرى بولسا كۈمۈشتىن ئىدى. ‏11 شىمال تەرەپتىكى پەردىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ يۈز گەز ئىدى. پەردىلەرنىڭ يىگىرمە تۈۋرۈكى ۋە ئۇلارنىڭ يىگىرمە پۇتى مىستىن ياسالدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە ئۇلاش تاياقلىرى بولسا كۈمۈشتىن ئىدى. ‏12 غەرب تەرەپتىكى پەردىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى. پەردىلەر ئۈچۈن ئون تۈۋرۈك ۋە ئون پۇت ياسالدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە ئۇلاش تاياقلىرى كۈمۈشتىن ئىدى. ‏13 شەرققە قارايدىغان ئالدى تەرىپىدىكى پەردىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى. ‏14 دەرۋازىنىڭ بىر تەرىپىدىكى پەردىلەرنىڭ كەڭلىكى ئون بەش گەز ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئۈچ تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالدى. ‏15 ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى پەردىلەرنىڭ كەڭلىكىمۇ ئون بەش گەز ئىدى. ئىككىلا تەرىپىدىكى پەردىلەر ئوخشاش ئىدى. ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئۈچ تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالدى. ‏16 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنىڭ ھەممىسى ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلدى. ‏17 تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى مىستىن ياسالدى، ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە ئۇلاش تاياقلىرى بولسا كۈمۈشتىن ياسالدى ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىمۇ كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. ھويلىنىڭ ھەممە تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن ياسالغان ئۇلاش تاياقلار بىلەن بىر-بىرىگە ئۇلاشتۇرۇلدى. ‏18 ھويلىنىڭ دەرۋازىسىدىكى پەردە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلۇپ كەشتىلەندى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ھويلىنىڭ پەردىلىرىدەك بەش گەز ئىدى. ‏19 ئۇنىڭ ئۈچۈن مىستىن تۆت تۈۋرۈك ۋە تۆت پۇت ياسالدى. تۆۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى، باشلىرى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى ۋە ئۇلاش تاياقلىرىمۇ كۈمۈشتىن ياسالدى. ‏20 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ۋە چۆرىسىدىكى ھويلىنىڭ قوزۇقلىرىنىڭ ھەممىسى مىستىن ياسالدى.
 
‏21 شاھادەت چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئەشيالار، مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ تىزىملانغانىدى. ‏22 يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بېزالەل، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىدى. ‏23 دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىياب ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئۇ نەققاش-ئويمىچىلىققا ئۇستا بولۇپلا قالماي، لايىھىلەش ۋە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن كەشتە تىكىشنىمۇ بىلەتتى. ‏24 مۇقەددەس جاينىڭ ياسىلىشىغا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن، يەنى ھەدىيەگە كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ھەممىسى، مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شېكەل ئىدى. ‏25 جامائەت ئىچىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ كەلتۈرگەن كۈمۈشى، مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شېكەل ئىدى. ‏26 يىگىرمە ياشتىن ئېشىپ ساناقتىن ئۆتۈپ سانالغانلارغا قوشۇلغان ھەربىر كىشىدىن بىر بېكا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ شېكەلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يېرىم شېكەل ئېلىنغانىدى. ساناقتىن ئۆتكەنلەر ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. ‏27 يۈز تالانت كۈمۈشتىن مۇقەددەس جاينىڭ پۇتلىرى ۋە ئايرىما پەردىنىڭ پۇتلىرى قۇيۇلدى. يۈز تالانتتىن يۈز پۇت ياسالدى. ھەربىر پۇت ئۈچۈن بىر تالانت ئىشلىتىلدى.    ‏28 قالغان بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شېكەل كۈمۈش تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەكلىرىنى ياساشقا، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قاپلاشقا ۋە ئۇلاش تاياقلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلدى. ‏29 ھەدىيە ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىس يەتمىش تالانت ئىككى مىڭ تۆت يۈز شېكەل چىقتى. ‏30 بۇنىڭدىن ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، مىس قۇربانلىق سۇپىسى، ئۇنىڭ مىس شالاسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى، ‏31 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ دەرۋازىسىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنىڭ قوزۇقلىرى ۋە چۆرىسىدىكى ھويلىنىڭ قوزۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياسىدى.