37
1 ئاندىن بېزالەل، بىر ساندۇقنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ۋە ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 2 ئۇ ئۇنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك ياسىدى. 3 ئۇ ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇنىڭ تۆت پۇتىغا ئورناتتى. ئۇ ئىككى ھالقىنى بىر تەرىپىگە، قالغان ئىككى ھالقىنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. 4 ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى خادا ياساپ، ئىككىلىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 5 ساندۇقنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خادىلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. 6 ئۇ ساپ ئالتۇندىن ساندۇقنىڭ ئۈستىگە مەرھەمەت تەختىنى ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 7 ئۇ مەرھەمەت تەختىنىڭ ئىككى بېشىغا ئالتۇندىن ئىككى كېرۇب ھەيكىلىنى سوقۇپ ياسىدى. 8 ئۇ بىر كېرۇبنى بىر بېشىغا، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر بېشىغا ياساپ ئورناتتى. ئۇ بۇ ئىككى تەرەپتىكى كېرۇبلار مەرھەمەت تەختى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسىدى. 9 كېرۇبلار قاناتلىرىنى يېيىپ كۆتۈرۈپ، قاناتلىرى بىلەن مەرھەمەت تەختىنى يېپىپ تۇردى. ئۇلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، يۈزلىرى مەرھەمەت تەختىگە قارىتىلدى. 10 ئۇ شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 11 ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن بىر گىرۋەك ياسىدى. 12 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت بارماق كەڭلىكتە بىر پەۋاز ياساپ، ئۇ پەۋازنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن بىر گىرۋەك ياساپ قويدى. 13 ئۇ شىرە ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتلىرىغا ئورناتتى. 14 شىرەنى كۆتۈرۈشكە خادىلارنىڭ ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ھالقىلار پەۋازغا يېقىن ئورنىتىلدى. 15 ئۇ شىرەنى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان خادىلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 16 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ شىرە ئۈستىگە قويۇلىدىغان بۇيۇملارنى، يەنى تاۋاقلار، پىيالىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى قۇيىدىغان قەدەھلەر ۋە چۆگۈنلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
17 ئۇ ھەم ساپ ئالتۇندىن چىراغدان ياسىدى. ئۇ بۇ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى. ئۇنىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، گۈل غۇنچىسى ۋە گۈللىرى ھەممىسى بىر پۈتۈن قىلىنىپ ياسالدى. 18 چىراغداننىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخ چىقىرىلدى. بىر يېنىدىن ئۈچ شاخ، يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخ چىقىرىلدى. 19 بىر شاختا بادام چېچىكى شەكلىدە ئۈچ قەدەھ بار ئىدى. ھەر قەدەھتە بىر گۈل غۇنچىسى ۋە بىر گۈل شەكلى بار بولۇپ، يەنە بىر شېخىدىمۇ بادام چېچىكى شەكلىدە ئۈچ قەدەھ بار ئىدى ۋە ھەربىرىدە بىر گۈل غۇنچىسى ۋە بىر گۈل شەكلى بار ئىدى. چىراغداندىن چىقىرىلغان ئالتە شاخنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. 20 چىراغداننىڭ غولىدا بادام چېچىكى شەكلىدە گۈل غۇنچىسى ۋە گۈلى بار تۆت قەدەھ ياسالدى. 21 بىر غۇنچە چىراغداننىڭ غولىدىن چىققان بىرىنچى جۈپ شاخنىڭ ئاستىدا، يەنە بىر غۇنچە ئىككىنچى جۈپ شاخنىڭ ئاستىدا، ئۈچىنچى غۇنچە ئۈچىنچى جۈپ شاخنىڭ ئاستىغا ياسالدى. چىراغداننىڭ غولىدىن چىقىرىلغان ئالتە شاخنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. 22 غۇنچىلىرى ۋە شاخلىرى، چىراغدان بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى. 23 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغى، ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. 24 ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. ■
25 ئۇ يەنە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنى ياسىدى. ئۇ تۆت چاسا ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز قىلىندى. مۈڭگۈزلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن ئىدى. 26 ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇن گىرۋەك ياسىدى. 27 خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسىنى كۆتۈرىدىغان خادىلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالتۇندىن ئىككى ھالقىنى ياساپ، ئۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى يېنىغا گىرۋەكنىڭ ئاستىغا بېكىتتى. 28 ئۇ كۆتۈرۈش خادىلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29 ئۇ ئەتتىرچىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە مۇقەددەس مەسىھلەش يېغى ۋە ساپ خۇشبۇي ئىسرىقنى تەييارلىدى.