36
1 پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مۇقەددەس جاينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى توغرا قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان بارچە باشقا ھۈنەرۋەنلەرمۇ، بېزالەل ۋە ئوھولىيابقا قوشۇلۇپ بۇ ئىشنى قىلسۇن». 2 مۇسا، بېزالەل ۋە ئوھولىيابنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ھېكمەت بىلەن كۆڭۈللىرىنى تولدۇرغان ھەممە ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە بۇ ئىشنى قىلىشقا كۆڭلى تارتقانلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ يىغدى. 3 ئۇلار كېلىپ، مۇقەددەس جاينى ياساش ئۈچۈن بەنى ئىسرائىل ئېلىپ كەلگەن ھەممە ھەدىيەلەرنى مۇسادىن تاپشۇرۇۋالدى. خەلق بولسا ھەر ئەتتىگەنلىكى مۇساغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەدىيە كەلتۈرۈپ تۇراتتى. 4 مۇقەددەس جاينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى ئىشىنى توختىتىپ، 5 مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: «خەلق ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر پەرۋەردىگار بىزگە قىلىشنى بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزۈشكە لازىم بولغىنىدىن ئېشىپ كەتتى» دېيىشتى. 6 مۇسا بۇيرۇپ، بارگاھتا: «ئەمدى ھېچ ئەر ياكى ئايال يەنە مۇقەددەس جاي ئۈچۈن ھەدىيە تەييارلىمىسۇن» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن خەلق ھەدىيەلەر ئېلىپ كېلىشتىن توختىتىلدى. 7 چۈنكى يىغقان نەرسىلەر قىلىنىدىغان ئىش ئۈچۈن يېتىپ ئاشقۇدەك ئىدى.
8 ياساش ئىشىنى قىلىۋاتقان ماھىر ئۇستىلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئون پەردىسىنى تاللانغان ئاق كەندىر يىپتىن ۋە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپتىن نەپىس توقۇلغان رەختتىن ياساپ، ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن ئۇنىڭغا كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى كەشتىلەپ چىقتى. 9 ھەربىر پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى. ھەممە پەردىلەر ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى. 10 بۇ پەردىلەرنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلاندى، قالغان بەش پەردىمۇ بىر-بىرىگە ئۇلاندى. 11 ئۇلاشقان بىرىنچى پەردىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ تۇتىشىدىغان يان تەرىپىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە قادىلىپ، ئىككىنچى ئۇلاشقان پەردىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ تۇتىشىدىغان يان تەرىپىگىمۇ ئىزمە قادالدى. 12 بىر پەردىنىڭ يان تەرىپىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر پەردىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ تۇتىشىدىغان يان تەرىپىگە ئەللىك ئىزمە قادالدى. بۇ ئىزمىلەر بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئورنىتىلدى. 13 ئىبادەت چېدىرى بىر پۈتۈن بولسۇن دەپ ئالتۇندىن ئەللىك ئىلمەك ياسالدى ۋە پەردىلەر بۇ ئىلمەكلەر بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى.
14 ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە يۇڭىدىن يوپۇقلار ياسالدى. شۇنداق يۇپۇقلاردىن ئون بىر دانە ياسالدى. 15 ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى. ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى. 16 بۇ يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر قىلىنىپ ئۇلاندى. قالغان ئالتە يوپۇقمۇ بىر قىلىنىپ ئۇلاندى. 17 ئۇلاشقان بىرىنچى يوپۇقنىڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ يان تەرىپىگە ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاشقان يوپۇقنىڭ چېتىدىكى پارچىسىنىڭ يان تەرىپىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادالدى. 18 ئىككى ئۇلاشقان يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىر پۈتۈن قىلىش ئۈچۈن، مىستىن ئەللىك ئىلمەك ياسالدى.
19 بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن بىر يوپۇق ۋە يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان دېلفىن تېرىسىدىن بىر يوپۇق ياسالدى.
20 ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ تىكلەندى. 21 ھەر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 22 ھەربىر تاختاينىڭ ئىككى ئۇلىغۇچى بار بولۇپ، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتى. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە تاختايلىرى شۇنداق ياسالدى. 23 ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى مۇنداق قىلىندى: يىگىرمىسى جەنۇبقا قاراپ جەنۇب تەرىپىگە ئورنىتىلدى. 24 بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق پۇت ياسالدى. ھەربىر تاختاينىڭ ئاستىغا ئىككى ئۇلىغۇچ ئۈچۈن ئىككىدىن پۇت ئورنىتىلدى. 25 شۇنىڭدەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاي ئورنىتىلدى. 26 بۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق پۇت ياسالدى. ھەربىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن پۇت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 27 ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەربكە قارايدىغان تەرىپىگە، ئالتە تاختاي قويۇلدى. 28 ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاي ياسالدى. 29 بۇلارنىڭ ھەربىرى ئاستىدىن ئۈستىگىچە قوشۇلۇپ بىرلەشتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۇچى بىر ھالقا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. ئىككىسى شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا قويۇلدى. 30 بۇ تەرىقىدە سەككىز تاختاي بولدى. ھەربىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن پۇت ھېسابىدا جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولدى. 31 بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياغاچ بالداقلار ياسالدى. ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر تەرىپىدىكى تاختايلار ئۈچۈن بەش بالداق، 32 ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تاختايلار ئۈچۈنمۇ بەش دانە بالداق ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلار ئۈچۈنمۇ بەش دانە بالداق تەييارلاندى. 33 تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئوتتۇرا بالداق بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە يەتكۈزۈلۈپ ياسالدى. 34 تاختايلار ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلار ئالتۇندىن ياسالدى. بالداقلارمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى.
35 كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلغان بىر ئايرىما پەردە ياسالدى. ئۇنىڭغا ئۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى كەشتىلەندى. 36 ئۇنى ئېسىش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت تۈۋرۈك ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن ياسالدى. بۇ تۈۋرۈكلەر ئۈچۈن كۈمۈشتىن تۆت دانە پۇت قۇيۇلۇپ ياسالدى.
37 چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزى ئۈچۈن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپتىن نەپىس توقۇلغان ۋە كەشتىلەنگەن بىر پەردە ياسالدى. 38 بۇ پەردە ئۈچۈن بەش تۈۋرۈك ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ياسالدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلاش تاياقلىرى ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. تۈۋرۈكلەرنىڭ تېگىگە قويۇلىدىغان بەش دانە پۇت مىستىن ياسالدى.