ئىبادەت چېدىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق
35
‏1 مۇسا بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىنى يىغىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار سىلەرگە قىلىشنى بۇيرۇغان ئەمرلەر شۇكى: ‏2 ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش قىلىنسۇن، لېكىن يەتتىنچى كۈنى سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس كۈن بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئارام ئالىدىغان شابات كۈنىدۇر. كىمكى ئۇ كۈندە بىر ئىش قىلسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏3 سىلەر مەيلى قەيەردە ئولتۇرۇڭلار، شابات كۈنى ئوت ياقماڭلار».
 
‏4 مۇسا بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىگە يەنە مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار بۇيرۇپ ئېيتقان ئەمر شۇكى: ‏5 سىلەر ئۆز مېلىڭلاردىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەدىيە كەلتۈرۈڭلار. چىن كۆڭلىدىن بېرىشنى خالىغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەدىيە ئېلىپ كەلسۇن. ئۇلار ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، ‏6 كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئاق كەندىر يىپ، ئۆچكە يۇڭى، ‏7 قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، دېلفىن تېرىسى، ئاكاتسىيە ياغىچى، ‏8 چىراغ ئۈچۈن ياغ، مەسىھلەش يېغىغا ۋە خۇشبۇي ئىسرىققا ئىشلىتىلىدىغان دورا-دەرمەكلەر، ‏9 ھېقىق تاشلىرى ۋە ئېفود ۋە كۆكرەكلىككە قويۇلىدىغان باشقا ئېسىل تاشلارنى كەلتۈرسۇن. ‏10 ئاراڭلاردىكى ھەممە ھۈنەرۋەن ئۇستىلار كېلىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ياسىسۇن: ‏11 ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ يوپۇقى، ئىلمەكلىرى، تاختايلىرى، ئوتتۇرا ياغاچ بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى ۋە پۇتلىرى، ‏12 ساندۇق ۋە ئۇنىڭ كۆتۈرۈش خادىلىرى، مەرھەمەت تەختى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىشنى توسۇپ تۇرىدىغان ئايرىما پەردە، ‏13 شىرە ۋە ئۇنىڭ كۆتۈرۈش خادىلىرى، ھەممە قاچا-قۇچىلىرى ۋە خۇداغا ئاتالغان نانلار،    ‏14 چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرى، چىراغلىرى ۋە چىراغ يېغى، ‏15 خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ كۆتۈرۈش خادىلىرى، مەسىھلەش يېغى ۋە خۇشبۇي ئىسرىق، ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردە، ‏16 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، كۆتۈرۈش خادىلىرى ۋە ھەممە ئەسۋاب-جابدۇقلىرى، داس ۋە ئۇنىڭ تەگلىكى، ‏17 ھويلىنىڭ پەردىلىرى ۋە ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى ۋە پۇتلىرى، ھويلىنىڭ دەرۋازىسىدىكى پەردە، ‏18 ئىبادەت چېدىرىنىڭ قوزۇقلىرى، ھويلىنىڭ قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرى، ‏19 مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان كىيىملەر، يەنى كاھىن ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىمى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى تەييارلىسۇن». ‏20 بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى مۇسانىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى.
 
‏21 ئاندىن كېيىن كۆڭلى تارتقانلار ۋە روھىدىن رىغبەتلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ۋە مۇقەددەس كىيىملەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى. ‏22 چىن كۆڭلىدىن بېرىشنى خالىغان ئەر ۋە ئاياللار كېلىپ، ھەدىيە كەلتۈردى. ئۇلار بىلەزۈك، زىرە، ئۈزۈك، زۇننار قاتارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالتۇن ھەدىيە بەرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئېلىپ كەلدى. ‏23 كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپ، ئۆچكە يۇڭى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە دېلفىن تېرىسى بارلار ئۇلارنى ئېلىپ كەلدى. ‏24 كۈمۈش ياكى مىستىن ھەدىيە كەلتۈرەلەيدىغانلار ئۇنى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ كەلتۈردى. مۇقەددەس جاينىڭ ئىشلىرىغا يارىغۇدەك ئاكاتسىيە ياغىچى بارلارمۇ ئۇنى ئېلىپ كەلدى.
‏25 ھەممە قولى چېۋەر ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن چاق ئېگىرىپ، ئۆزلىرى ئېگىرگەن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپ كەلتۈردى. ‏26 كۆڭلى تارتقان چېۋەر ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۆچكە يۇڭى ئېگىردى.
‏27 جامائەت رەھبەرلىرى بولسا، ئېفود ۋە كۆكرەكلىككە ئورنىتىلىدىغان ھېقىق تېشى ۋە باشقا ئېسىل تاشلار، ‏28 دورا-دەرمەكلەر ۋە چىراغقا، مەسىھلەشكە ۋە خۇشبۇي ئىسرىققا ئىشلىتىلىدىغان ياغ كەلتۈردى.
‏29 بۇ تەرىقىدە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق بۇيرۇغان ئىشلىرى ئۈچۈن، كۆڭلى تارتقان ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەدىيە ئېلىپ كەلدى.
‏30 مۇسا بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېدى: «مانا، پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بېزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىپ، ‏31 ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھېكمەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئاتا قىلىپ، ھەر خىل ھۈنەرگە ماھىر قىلدى. ‏32 ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىستىن ياسىلىدىغان بۇيۇملارنى لايىھىلەپ، ‏33 تاشلارنى ئويۇپ ئورنىتىش، ياغاچقا نەقىش ئويۇش ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ماھىر بولدى. ‏34 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆڭلىگە ۋە دان قەبىلىسىدىن ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭ كۆڭلىگىمۇ، باشكىلارغا ھۈنەر ئۆگىتىشنى سېلىپ، ‏35 ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ھېكمەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەر خىل نەققاش-ئويمىچىلىققا، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ ۋە ئاق كەندىر يىپ بىلەن كەشتە تىكىش ۋە رەخت توقۇشقا ماھىر قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىرى قىلالايدىغان ۋە ئىجادىي لايىھىلەرنى ئويلاپ چىقالايدىغان ئادەملەر.