ئىككى يېڭى تاش تاختا
34
1 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن ئاۋۋالقىسىدەك ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختا يونۇپ ياسىغىن. مەن بۇ تاختىلارغا سەن ئىلگىرى چېقىۋەتكەن تاختىلاردىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويىمەن. 2 ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سەھەردە سىناي تېغىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تاغنىڭ چوققىسىدا مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بولغىن. 3 لېكىن ھېچ كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن ۋە تاغنىڭ ھېچقانداق يېرىدە باشقا كىشى كۆرۈنمىسۇن. قوي-كالىمۇ تاغقا يېقىن ئوتلىمىسۇن» دېدى. 4 مۇسا تاشتىن ئاۋۋالقىسىدەك ئىككى تاختىنى يونۇپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ بۇ ئىككى تاش تاختىنى قولىغا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سىناي تېغىغا چىقتى.
5 پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىدە چۈشۈپ، ئۇ يەرگە مۇسانىڭ يېنىغا كېلىپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى. 6 پەرۋەردىگار ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ: «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان خۇدا، مەرھەمىتى ۋە ۋاپادارلىقى كەڭدۇر. ■ 7 ئۇ مىڭلىغانلارغا مەرھەمەت قىلغۇچى، يامانلىق، ئاسىيلىق ۋە گۇناھلارنى كەچۈرگۈچىدۇر. لېكىن گۇناھكارلارنى ھەرگىز جازاسىز قويمايدۇ، بەلكى بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىگە، ھەتتا ئۈچىنچى-تۆتىنچى نەسلىگىچە ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى كەلتۈرىدۇ» دەپ جاكارلىدى.
8 شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىپ: 9 «ئەي رەببىم، ئەگەر مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سەن، ئەي رەببىم، سەندىن ئۆتۈنەيكى، بىز بىلەن بىللە بارغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، سەن ئۆزۈڭ خاتا ۋە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قوبۇل قىلغايسەن» دېدى. 10 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مانا، مەن بىر ئەھدە تۈزىمەن. سېنىڭ ھەممە خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ھېچبىر يەردە ۋە ھېچبىر خەلقنىڭ ئارىسىدا كۆرۈلمىگەن مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىمەن. سەن ئارىسىدا بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ كارامەت ئىشىنى كۆرىدۇ، چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغىنىم ھەيۋەتلىك ئىش بولىدۇ. 11 مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مانا، مەن ئامورىيلار، كەنئانلار، ھېتىتلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. 12 ئەمدى ئېھتىيات قىلىڭلاركى، سىلەر بارىدىغان زېمىندىكى ئاھالە بىلەن ئەھدە تۈزمەڭلار. چۈنكى بۇ سىلەرگە تۇزاق بولۇشى مۇمكىن. 13 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يىقىتىپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى كېسىپ ئۆرۈۋېتىڭلار. ■ 14 ‹قىزغانغۇچى› دەپ نامى بولغان پەرۋەردىگار قىزغىنىدىغان خۇدا بولغىنى ئۈچۈن، باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا سەجدە قىلماڭلار. 15 ئۇ زېمىندىكى ئاھالە بىلەن ھېچ ئەھدىمۇ تۈزمەڭلار. بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغاندا سىلەرنى چاقىرىدىغان بولىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەيدىغان بولىسىلەر. 16 بۇنىڭدىن باشقا، سىلەر ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭلار ئۈچۈن خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرسەڭلار، بۇ قىزلار پاھىشىلەردەك ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئازدۇرىدۇ.
17 ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئويما بۇتلار ياسىماڭلار.
18 پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. ئابىب ئېيىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققىنىڭلار ئۈچۈن مېنىڭ بۇيرۇغىنىمدەك ئابىب ئېيىنىڭ بېكىتىلگەن ۋاقتىدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار.
19 بالىياتقۇنى ئاچقاننىڭ ھەممىسى ماڭا مەنسۇپتۇر. چارۋا ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن مەيلى كالا، مەيلى قوي بولسۇن، تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا مەنسۇپ بولىدۇ. 20 لېكىن ئېشەكلەرنىڭ تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوي بەرمەك لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئورنىغا قوي بەرمىسەڭ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. پۈتۈن تۈنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىڭنىڭ ئورنىغا بەدەل تۆلەپ بەرگىن. ھېچكىم مېنىڭ ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن.
21 سەن ئالتە كۈن ئىش قىلغىن، لېكىن يەتتىنچى كۈنى، مەيلى ھەيدەش ۋاقتى بولسۇن، مەيلى ئورما ۋاقتى بولسۇن، ئارام ئالغىن.
22 تۇنجى پىشقان بۇغداي ئورمىسى ۋاقتىدا ھەپتىلەر ھېيتىنى ئۆتكۈزگۈڭلار ۋە يىلنىڭ ئاخىرىدا ھوسۇل يىغىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. ■
23 سىلەرنىڭ ھەممە ئەر كىشىلىرىڭلار يىلدا ئۈچ قېتىم ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولسۇن. 24 مەن خەلقلەرنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىمەن. سەن يىلدا ئۈچ قېتىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇش ئۈچۈن چىقساڭلار، ھېچكىم زېمىنىڭلارغا كۆز تىكەلمەيدۇ.
25 ماڭا كەلتۈرىدىغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى، بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىدىن ھېچنېمىنى ئەتىسىگە قالدۇرمىغىن.
26 يېرىڭنىڭ تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىنىڭ ئېسىلىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كەلگىن. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرمىغىن».
27 پەرۋەردىگار مۇساغا: «بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېزىۋالغىن، چۈنكى بۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ مەن سەن ۋە ئىسرائىل بىلەن ئەھدە تۈزدۈم» دېدى. 28 مۇسا ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز، نان يېمەي، سۇ ئىچمەي تۇردى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار تاختىلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى يازدى.
29 مۇسا ئىككى شاھادەت تاختىسىنى قولىغا ئېلىپ سىناي تېغىدىن چۈشتى. ئۇ ئۆز چىرايىنىڭ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن پارقىراپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 30 ئەمما ھارۇن ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى مۇسانىڭ چىرايىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشتىن قورقتى. 31 لېكىن مۇسا ئۇلارنى چاقىرغاندا، ھارۇن ۋە ھەممە جامائەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇسا ئۇلارغا سۆز قىلدى. 32 ئاندىن كېيىن بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى يېقىن كەلدى. مۇسا پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلغىنىدا بەرگەن ھەممە ئەمرلەرنى ئۇلارغا تاپىلىدى. 33 مۇسا ئۇلارغا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن يۈزىگە ياغلىق تارتىۋالدى. 34 مۇسا ھەر قېتىم پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بارغاندا، ئۇ يەردىن يېنىپ چىققانغا قەدەر ياغلىقنى ئېلىۋېتەتتى. يېنىپ چىققاندا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇيرۇقلارنى بەنى ئىسرائىلغا يەتكۈزەتتى. 35 بەنى ئىسرائىل مۇسانىڭ چىرايىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى. شۇڭا مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بارغۇچە، تەكرار يۈزىگە ياغلىق تارتىۋالاتتى.