33
1 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن قوزغىلىپ ماڭغىن، ئۆزۈڭ مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن خەلق بىلەن بىللە بۇ يەردىن كېتىپ: ‹مەن سېنىڭ نەسلىڭگە ئۇنى بېرىمەن› دەپ قەسەم قىلىپ ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىن. 2 مەن سىلەرىڭ ئالدىڭلاردا يول باشلاپ بارىدىغان پەرىشتەمنى ئەۋەتىپ، كەنئانلار، ئامورىيلار، ھېتىتلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، 3 سىلەرنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن. سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق بولغاچقا، يولدا سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم سىلەر بىلەن بىللە چىقمايمەن» دېدى. 4 خەلق بۇ قاتتىق سۆزنى ئاڭلىغاندا، قايغۇغا چۆمدى. ھېچبىرى ئۆز زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىمىدى. 5 چۈنكى، پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن بەنى ئىسرائىلغا دېگىنكى: ‹سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر. ئەگەر مەن پەقەت بىر دەملا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ ماڭسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكۈدەكمەن. ئەمدى ئۈستۇ-بېشىڭلاردىن زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى ئېلىۋېتىڭلار، ئاندىن مەن سىلەرگە نېمە قىلىشىمنى قارار قىلاي› » دېگەنىدى. 6 شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىۋېتىپ، خورېب تېغىدىن تارتىپ ئۇلارنى تاقىمىدى. 7 لېكىن مۇسا چېدىرنى ئېلىپ، بارگاھنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭدىن نېرىراق جايدا تىكىپ، ئۇنى «ئۇچرىشىش چېدىرى» دەپ ئاتىدى. پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ دۇئا قىلماقچى بولغانلار بارگاھنىڭ سىرتىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىغا باراتتى. ■ 8 مۇسا ھەر قېتىم چېدىر تەرەپكە بارغاندا، ھەممە خەلق ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئۆرە تۇرۇپ، مۇسا چېدىرغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇراتتى. 9 مۇسا چېدىرغا كىرگەندە، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختاپ تۇراتتى ۋە پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. 10 ھەممە خەلق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختاپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى. ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇراتتى ۋە ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، سەجدە قىلاتتى.
11 خۇددى بىر كىشى ئۆز دوستى بىلەن گەپلەشكەندەك، پەرۋەردىگار يۈزمۇ-يۈز مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. ئاندىن كېيىن مۇسا بارگاھقا قايتىپ كېلەتتى. لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىردىن چىقمايتتى.
خۇدانىڭ شان-شەرىپى
12 مۇسا پەرۋەردىگارغا: «مانا، سەن ماڭا: ‹بۇ خەلقنى ئېلىپ چىققىن› دەپ بۇيرۇدۇڭ، ھەم ماڭا: ‹مەن سېنى ئىسمىڭ بىلەن تونۇيمەن› ۋە ‹نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ› دېگەن بولساڭمۇ، مەن بىلەن بېرىشقا كىمنى ئەۋەتىشىڭنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭ. 13 ئەگەر مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ھەمىشە نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن، ماڭا ئۆز يولۇڭنى كۆرسەتكەيسەن. مانا، بۇ خەلقنىڭ سېنىڭ ئۆز خەلقىڭ بولغىنىنى نەزىرىڭدە تۇتقايسەن» دېدى. 14 «مەن ئۆزۈم سەن بىلەن بېرىپ، سېنى خاتىرجەم قىلىمەن» دېدى پەرۋەردىگار. ■ 15 مۇسا ئۇنىڭغا: «ئەگەر سەن بىز بىلەن بىللە بارمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن چىقارمىغايسەن. 16 چۈنكى مەن ۋە سېنىڭ خەلقىڭنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز قانداق بىلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە سېنىڭ بىز بىلەن بىللە بېرىشىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ بۇ تەرىقىدە مەن ۋە سېنىڭ خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىمىز» دېدى. 17 پەرۋەردىگار مۇساغا: «بۇ تىلىكىڭنىمۇ ئورۇندايمەن، چۈنكى سەن نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە سېنى ئىسمىڭ بىلەن تونۇيمەن» دېدى.
18 ئاندىن مۇسا: «ئۆز شان-شەرىپىڭنى ماڭا كۆرسەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن» دېدى. 19 ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن شاپائىتىمگە تولغان شان-شەرىپىمنى سېنىڭ تۇرغان جايىڭدىن ئۆتكۈزۈپ، ئالدىڭدا ‹ياھۋەھ› دېگەن نامىمنى جاكارلايمەن. مەن كىمگە شاپائەت قىلماقچى بولسام، ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىمەن، كىمگە رەھىم قىلماقچى بولسام، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن» دېدى. ■ 20 ۋە يەنە: «سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن، چۈنكى ئادەمزات مېنى كۆرۈپ ھايات قالمايدۇ» دېدى. 21 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار: «مانا، ماڭا يېقىن بىر جاي بار. ئۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. 22 مېنىڭ شان-شەرىپىم ئۆتۈپ بولغۇچە، مەن سېنى بۇ قورام تاشنىڭ كاۋىكىغا قويۇپ، ئۆزۈم ئۆتۈپ بولغۇچە سېنى قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. 23 ئاندىن كېيىن قولۇمنى كۆتۈرسەم، مېنى كەينىمدىن كۆرىسەن، لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ» دېدى.