ياقۇبنىڭ دەپنە قىلىنىشى
50
‏1 يۈسۈپ ئۆزىنى ئاتىسىنىڭ يۈزىگە يېقىپ، ھەسرەت بىلەن يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى. ‏2 ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدىكى تېۋىپلارغا ئاتىسىنى موميالاشنى بۇيرۇدى. تېۋىپلار ئىسرائىلنى موميالاپ، ‏3 قىرىق كۈن ئىچىدە بۇ ئىشنى تامام قىلدى، چۈنكى موميالاشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار بولسا ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى. ‏4 ئۇنىڭغا ماتەم تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ فىرئەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: «ئەگەر مەن نېزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، سىلەر فىرئەۋنگە ئىلتىجا قىلىپ: ‏5 ‹ئاتام مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا، مەن ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدىمەن. مېنى مەن كەنئان زېمىنىدىكى ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى ماڭا ئىجازەت بېرىلسە، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ قايتىپ كېلەي› دېگەن سۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈڭلار» دېدى. ‏6 فىرئەۋن: «سەن بېرىپ، ئاتاڭ سېنى قەسەم قىلدۇرغىنى بويىچە ئۇنى دەپنە قىلغىن» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
‏7 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. فىرئەۋننىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى، مىسىرنىڭ ھەممە چوڭلىرى، ‏8 يۈسۈپنىڭ ھەممە ئۆيىدىكىلىرى، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى ۋە قوي-كالىلىرىنى گوشەن زېمىنىدا قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى. ‏9 جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن ئىدى. ‏10 ئۇلار يۈرۈپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئاتادنىڭ خامىنىغا يەتكەندە، ئۇ يەردە ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن قاتتىق يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتتى. يۈسۈپ ئۇ يەردە يەتتە كۈن ئاتىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. ‏11 ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كەنئانلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرگەندە: «مىسىرلىقلارنىڭ بۇ تۇتقان ماتىمى قاتتىق قايغۇلۇق ئىكەن» دېيىشتى. شۇڭا ئۇ جايغا ئابەل-مىزرايىم دەپ نام قويۇلدى. بۇ جاي ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر.    ‏12 ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ‏13 ئۇنى كەنئان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان ماكپېلانىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلدى. ئىبراھىم شۇ غارنى ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ، ئۇنى يەرلىك قىلاي دەپ، ھېتىتلاردىن بولغان ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. ‏14 يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان بارچە خەلق بىلەن بىللە مىسىرغا قايتىپ كەلدى.
‏15 يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: «ئەمدى يۈسۈپ بىزگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھەممە يامانلىقىمىزنى ئۆزىمىزگە ياندۇرارمىكىن؟» دېيىشىپ، ‏16 يۈسۈپقا كىشى ئەۋەتىپ: «ئاتاڭ ئۆلمەستىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ: ‏17 ‹سىلەر يۈسۈپكە: «سەن ئەمدى ئاكىلىرىڭنىڭ ئاسىيلىقى ۋە گۇناھىدىن ئۆتۈپ، ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى كەچۈرگىن» دەڭلار› دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى سەن ئاتاڭنىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرگىن» دېدى. يۈسۈپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا يىغلاپ كەتتى. ‏18 ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ: «مانا، بىز سېنىڭ قۇللىرىڭدۇرمىز» دېيىشتى. ‏19 يۈسۈپ ئۇلارغا: «قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟ ‏20 سىلەر ماڭا يامانلىق قىلماقچى ئىدىڭلار، لېكىن خۇدا بۈگۈنكىدەك، كۆپ خەلقنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ياخشىلىققا ئايلاندۇردى. ‏21 شۇنىڭ ئۈچۈن قورقماڭلار. مەن سىلەرنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى باقىمەن» دەپ، ئۇلارنى يۇمشاق گەپ بىلەن خاتىرجەم قىلدى.
‏22 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى. ‏23 يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئۆز قۇچىقىغا ئېلىش ئۇنىڭغا نېسىپ بولدى.
 
يۈسۈپنىڭ ۋاپات بولۇشى
‏24 يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: «مەن ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدىمەن. لېكىن خۇدا سىلەرنى يوقلاپ، سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ» دېدى. ‏25 ئاندىن يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا قەسەم قىلدۇرۇپ: «خۇدا سىلەرنى يوقلىغاندا، بۇ يەردىن مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار» دېدى. ‏26 يۈسۈپ بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇلار ئۇنى موميالاپ، مىسىردا بىر تاۋۇتقا سېلىپ قويدى.