ياقۇب ئوغۇللىرىغا خەيرلىك دۇئا ئوقۇيدۇ
49
‏1 ئاندىن كېيىن ياقۇب ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلار جەم بولۇڭلار. مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە بولىدىغان ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرەي.
 
‏2 ئەي ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرى، يىغىلىپ بىرلىكتە ئاڭلاڭلار،
ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار.
‏3 ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن،
كۈچ-قۇۋۋىتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسى بولغاچ، ئابرۇي ۋە قۇدرەتتە ئۈستۈنسەن.
‏4 ئەمما كەلكۈندەك تىزگىنسىز بولغىنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى ئۈستۈن بولالمايسەن.
چۈنكى سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقىپ، ئۇنى بۇلغىدىڭ!
ئۇ مېنىڭ كۆرپەمگە چىقتى!
‏5 شىمون بىلەن لاۋىي، بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ پىچاقلىرى
زۇلۇمنىڭ قوراللىرىدۇر.
‏6 ئەي جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرمىگىن!
ئەي ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ مەجلىسىگە قوشۇلمىغىن!
چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ،
ئۆزلىرى خالىغانچە بۇقىلارنىڭ پەيىنى كەستى.
‏7 ئۇلارنىڭ يامان ئاچچىقى ۋە قاتتىق غەزىپىگە لەنەت ياغسۇن.
مەن ئۇلارنى ياقۇبنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتەرمەن،
ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە چېچىۋېتەرمەن.
‏8 ئەي يەھۇدا، قېرىنداشلىرىڭ سېنى ماختار.
قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىدە بولار.
ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا تەزىم قىلار.
‏9 يەھۇدا بىر ياش شىردۇر.
ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋدىن قايتىپ يۇقىرىغا چىقتىڭ.
ئۇ شىردەك، ياكى بىر چىشى شىردەك سوزۇلۇپ يېتىۋالسا،
كىم ئۇنى قوزغاشقا جۇرئەت قىلار؟
‏10 ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇق ئىگىسى كەلمىگۈچە،
يەھۇدادىن ھاكىمىيەت تايىقى كېتىپ قالماس
ۋە ئۇنىڭ نەسلىدىن سەلتەنەت ھاسىسى يوقالماس.
خەلقلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلار.   
‏11 ئۇ مادا ئېشەكنى ئۈزۈم تېلىغا،
مادا ئېشەكنىڭ تەخىيىنى سەرخىل ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار.
ئۇ لىباسىنى شارابتا، تونىنى ئۈزۈم قېنىدا يۇيار.
‏12 ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر،
چىشلىرى سۈتنىڭ سەۋەبىدىن ئاپئاق تۇرار.
‏13 زەبۇلۇن دېڭىز بويىدا تۇرار.
ماكانى كېمىلەرنىڭ پورتى بولار.
چېگرىسى سىدونغىچە يېتىپ بارار.
‏14 ئىسساكار كۈچلۈك بىر ئېشەكتۇر.
ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتار.
‏15 ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ،
زېمىننىڭ ئوبدانلىقىنى كۆرگىنىدە،
يۈك كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۈرىسىنى ئېگىپ،
قۇل بولۇپ ھاشارغا تۇتۇلار.
‏16 دان ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،
ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار.
‏17 دان يول ئۈستىدىكى يىلاندۇر.
ئۇ چىغىر يول ئۈستىدە تۇرۇپ، ئاتنىڭ پاچىقىنى چېقىپ،
مىنگۈچىنى ئارقىسىغا موللاق ئاتقۇزىدىغان زەھەرلىك يىلاندۇر.
‏18 ئەي پەرۋەردىگار، مەن قۇتقۇزۇشۇڭنى تەلمۈرۈپ كۈتىمەن.
‏19 گادقا قاراقچىلار ھۇجۇم قىلار،
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ تاپىنىنى باسار.
‏20 ئاشەرنىڭ نېنى ياغلىق بولار.
ئۇ پادىشاھلارنى لەززەتلىك تاماقلار بىلەن تەمىنلەر.   
‏21 نافتالى ئەركىن قويۇۋېتىلغان كېيىكتۇر.
ئۇ چىرايلىق گەپ قىلار.
‏22 يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەختۇر.
ئۇ بۇلاقنىڭ بويىدىكى مېۋىلىك دەرەختۇر.
ئۇنىڭ شاخلىرى تامدىن ھالقىپ ئۆتەر.
‏23 ئوقيا ئاتقۇچىلار ئۇنى رەنجىتىپ،
ئۇنىڭغا ئوق ئېتىپ بىئارام قىلسىمۇ،
‏24 ئۇنىڭ يايى مۇستەھكەم تۇرار.
ئۇنىڭ قوللىرى ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى ھەم پادىچى،
ياقۇبنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداسىنىڭ قولى بىلەن كۈچلۈك قىلىنار.
‏25 ساڭا مەدەت بېرىپ تۇرغۇچى ئاتاڭنىڭ خۇداسىنىڭ ياردىمى بىلەن،
ساڭا يۇقىرىدىن ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرىنى،
تۆۋەندە چوڭقۇرنىڭ بەرىكەتلىرىنى،
شۇنداقلا ئەمچەك ۋە قورساقنىڭ بەرىكىتىنى
ئاتا قىلغۇچى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن
سەن قۇۋۋەتلىنىسەن.
‏26 ئاتاڭنىڭ بەرىكىتى بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ بەرىكىتىدىن زىيادە بولۇپ،
مەڭگۈلۈك قىيا-دۆڭلۈكلەرنىڭ چېتىگىچە تاقىشار.
بۇ بەرىكەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا كېلەر،
ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر.
‏27 بەنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدۇر.
ئەتىگەندە ئۇ ئوۋ ئوۋلاپ تۇتقىنىنى يەر.
ئاخشامدا ئۇ ئولجىنى بۆلەر».
 
‏28 مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدۇر. مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا خەيرلىك دۇئا قىلغاندا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە خاس بولغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا خەيرلىك دۇئا قىلدى. ‏29 ئاندىن كېيىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: «مەن ئەجدادلىرىمنىڭ قېشىغا كېتىش ئالدىدىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىغا، ھېتىتلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار. ‏30 ئۇ غار، كەنئان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلانىڭ ئېتىزلىقىغا جايلاشقان. ئىبراھىم شۇ غارنى ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ، ئۇنى يەرلىك قىلاي دەپ، ھېتىتلاردىن بولغان ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. ‏31 شۇ يەردە ئىبراھىم ۋە ئايالى ساراھ دەپنە قىلىندى، شۇ يەرگە ھەم ئىسئھاق ۋە ئايالى رىبەقامۇ دەپنە قىلىندى. يەنە شۇ يەرگە، مەن لېيانىمۇ دەپنە قىلدىم. ‏32 بۇ ئېتىزلىق، ئىچىدىكى غار بىلەن بىرگە خىتنىڭ ئەۋلادىدىن سېتىۋېلىنغانىدى».
‏33 ياقۇب ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاماملاپ بولغاندا، ئورنىدا پۇتلىرىنى يىغىپ، ئاخىرقى نەپىسىنى بېرىپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى.