ياقۇب يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا خەيرلىك دۇئا ئوقۇيدۇ
48
‏1 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يۈسۈپكە: «مانا، ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر يەتتى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرائىمنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. ‏2 «مانا، ئوغلۇڭ يۈسۈپ كەلدى» دەپ ياقۇبقا خەۋەر بېرىلدى. ئىسرائىل كۈچىنى يىغىپ، ياتقان ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى. ‏3 ياقۇب يۈسۈپكە مۇنداق دېدى: «ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا كەنئان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا كۆرۈنۈپ، ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ‏4 ماڭا: ‹مانا، مەن ساڭا پەرزەنت ئاتا قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سەندىن نۇرغۇن خەلق چىقىرىپ، بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن› دېگەنىدى. ‏5 ئەمدى مەن مىسىرغا كەلمەستە، مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ، ئەفرائىم بىلەن ماناسسە، رۇبەن بىلەن شىمونغا ئوخشاش مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ. ‏6 لېكىن ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ. ئۇلار ئاكىلىرىنىڭ مىراسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ناملىرى بىلەن ئاتالسۇن. ‏7 مەن ئۆزۈم پادداندىن كېلىۋاتقىنىمدا، راھىلە كەنئان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتاغا يېتىشكە ئاز قالغاندا ۋاپات بولۇپ، مېنى ھەسرەتتە قالدۇردى. مەن ئۇنى ئۇ يەرگە، بەيتلەھەم دەپ ئاتالغان ئەفراتاغا بارىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلدىم». ‏8 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرۈپ: «بۇلار كىمدۇر؟» دەپ سورىدى. ‏9 يۈسۈپ ئاتىسىغا: «بۇلار خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر» دېدى. ئىسرائىل: «ئۇلارنى يېنىمغا يېقىن كەلتۈرگىن. مەن ئۇلارغا خەيرلىك دۇئا قىلاي» دېدى. ‏10 ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن غۇۋالىشىپ كۆرەلمەيتتى. يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن كەلتۈردى. ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى. ‏11 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: «مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى يەنە كۆرىمەن دەپ، ھېچ ئويلىمىغانىدىم، لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى» دېدى. ‏12 يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ، ئۆزى يۈزى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ‏13 ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىسىنى ئېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ، ئىسرائىلنىڭ سول قولىنىڭ يېنىغا تۇرغۇزۇپ، ماناسسەنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يېنىغا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭغا يېقىن كەلتۈردى. ‏14 ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كىچىكى بولغان ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويۇپ، سول قولىنى ماناسسەنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسە تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ قوللىرىنى ئەتەي شۇنداق قويغانىدى. ‏15 ئۇ يۈسۈپكە خەيرلىك دۇئا قىلىپ: «ئاتىلىرىم ئىبراھىم ۋە ئىسئھاق ئۇنى خۇدا دەپ بىلىپ، ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتۈن ئۆمرۈمدە بۈگۈنكى كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا، ‏16 ھەممە يامانلىقتىن مېنى قۇتۇلدۇرغان پەرىشتە بۇ ئىككى بالىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ئۇلار ئارقىلىق مېنىڭ نامىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسئھاقنىڭ ناملىرى داۋاملاشقاي. ئۇلار يەر يۈزىدە ناھايىتى ئاۋۇپ كەتكەي» دېدى.
‏17 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ، خاپا بولۇپ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ، ماناسسەنىڭ بېشىغا يۆتكەپ قويماقچى بولدى. ‏18 يۈسۈپ ئاتىسىغا: «ئەي ئاتام، مۇنداق قىلمىغىن. مانا، تۇنجىسى بۇدۇر. ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن» دېدى. ‏19 لېكىن ئاتىسى ئۇنىماي: «بىلىمەن! ئەي ئوغلۇم، بىلىمەن. ئۇنىڭدىنمۇ بىر خەلق چىقىدۇ، ئۇمۇ كاتتا بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كىچىكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كاتتا بولىدۇ، ئۇنىڭ نەسلىدىن كۆپ خەلقلەر پەيدا بولىدۇ» دېدى. ‏20 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىككىسىگە ئۇ كۈنى خەيرلىك دۇئا قىلىپ: «ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلغاندا: ‹خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەدەك قىلسۇن› دەيدىغان بولىدۇ» دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. ‏21 ئاندىن كېيىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: «مەن ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدىمەن، لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ. ‏22 مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن ئارتۇق قىلىپ، ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىمنى ئىشلىتىپ، ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان تاغ ئېتىكىنى بېرىمەن» دېدى.