ياقۇبنىڭ گوشەن زېمىنىدا ئولتۇرۇشى
47
1 يۈسۈپ فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم كەنئان زېمىنىدىن، قوي-كالىلىرى ۋە ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى بىللە ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلار ھازىر گوشەن زېمىنىغا چۈشتى» دەپ خەۋەر بېرىپ، 2 قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىن بەش كىشىنى ئېلىپ، فىرئەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. 3 فىرئەۋن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: «نېمە ئىش-ئوقەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، ئۇلار فىرئەۋنگە: «بىز، قۇللىرىڭ، كىچىكلىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز» دېدى. 4 ئاندىن ئۇلار فىرئەۋنگە: «بىز بۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىلى كەلدۇق. كەنئان زېمىنىنى قاتتىق ئاچارچىلىق باسقاچقا، قۇللىرىڭنىڭ پادىلىرىغا يايلاق تېپىلماي قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇللىرىڭنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغايسەن» دەپ ئىلتىماس قىلدى. 5 فىرئەۋن يۈسۈپكە: «ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ قېشىڭغا كەلگەن بولسا، 6 مانا، مىسىر زېمىنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ زېمىننىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدە ماكانلاشسۇن. ئۇلار گوشەن زېمىنىدا تۇرسۇن. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلسەڭ، ئۇلارنى مېنىڭ پادىلىرىمنى باشقۇرۇشقا قويۇپ قويغىن» دېدى. 7 ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇبنى ئېلىپ كىرىپ، فىرئەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. ياقۇب بولسا فىرئەۋنگە خەيرلىك دۇئا قىلدى. 8 فىرئەۋن ياقۇبتىن: «ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى نەچچىگە يەتتى؟» دەپ سورىسا، 9 ياقۇب فىرئەۋنگە: «مۇساپىرلىقىمنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يىلغا يەتتى. ئۆمرۈمنىڭ كۈنلىرى ئاز بولۇپ، دەرد-ئەلەم ئىچىدە ئۆتتى، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مۇساپىرلىق ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىگە تېخى يەتمىدى» دېدى. 10 ئاندىن ياقۇب فىرئەۋنگە يەنە خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. 11 يۈسۈپ بولسا ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىر زېمىنىدا ماكانلاشتۇرۇپ، زېمىننىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدە، فىرئەۋننىڭ بۇيرۇغىنىدەك، رامسەس دېگەن جايدىن ئۇلارغا يەر بەردى. 12 يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكىلىرىگە، ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى.
يۈسۈپنىڭ ئاچارچىلىق ۋاقىتتىكى ئالغان تەدبىرلىرى
13 ئەمدى ئاچارچىلىق شۇنچىلىك ئېغىرلاشتىكى، زېمىننىڭ ھېچ يېرىدە ئاشلىق تېپىلمىدى. مىسىر زېمىنى ۋە كەنئان زېمىنى قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن خارابلىشىپ كەتتى. 14 يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ، مىسىر زېمىنى ۋە كەنئان زېمىنىدىكى بار پۇلنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى. ئاندىن يۈسۈپ بۇ پۇلنى فىرئەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. 15 مىسىر زېمىنى ۋە كەنئان زېمىنىدىكىلەردە پۇل تۈگەپ كەتكەندە، مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «بىزگە ئاشلىق بەرگىن. پۇلىمىز تۈگەپ كەتتى. ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا بىزنىڭ ئۆلۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دېدى. 16 يۈسۈپ ئۇلارغا: «پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، چارۋا ماللىرىڭلارنى بېرىڭلار، مەن ماللىرىڭلارغا ئاشلىق تېگىشىپ بېرىمەن» دېدى. 17 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز چارۋا ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، قوي، كالا ۋە ئېشەكلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇ يىلى ئۇ ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئاشلىق بېرىپ باقتى.
18 ئۇ يىلى تامام بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «بىز خوجىمىزدىن ھېچنېمىنى يوشۇرمايمىز. پۇلىمىز تۈگىدى. چارۋا ماللىرىمىز بولسا خوجىمىزنىڭ بولدى. ئەمدى خوجىمىزنىڭ ئالدىدا بەدەنلىرىمىز بىلەن يېرىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسە قالمىدى. 19 ئەمدى بىز ۋە بىزنىڭ يەرلىرىمىزمۇ سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۆلۈشىمىز كېرەكمۇ؟ سەن بىزنى ۋە يېرىمىزنى ئاشلىققا سېتىۋالغىن. ئۆزىمىز ۋە يېرىمىز فىرئەۋننىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇل بولايلى. بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشىمىز ئۈچۈن، يېرىمىزنىڭمۇ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن، بىزگە ئۇرۇق بەرگىن» دېدى.
20 بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتۈن يېرىنى فىرئەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى. چۈنكى ئاچارچىلىق مىسىرلىقلار ئۈچۈن بەك ئېغىر بولغاچ، ھەممىسى ئۆز يېرىنى سېتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يەر فىرئەۋننىڭ بولۇپ قالدى. 21 ئۇ خەلقنى مىسىرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە شەھەرلەرگە كۆچۈردى. 22 لېكىن ئۇ كاھىنلارنىڭ يېرىنى ئالمىدى. كاھىنلارغا فىرئەۋن تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئاشلىق تېگىپ تۇرغاچقا، ئۇلار فىرئەۋن تەرىپىدىن بېرىلگەن تېگىشلىكىنى يەپ تۇرۇپ، ئۆز يەرلىرىنى ساتمىغانىدى. 23 يۈسۈپ خەلققە سۆزلەپ: «ئەمدى مەن ئۆزۈڭلار ۋە يەرلىرىڭلارنى فىرئەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدىم. مانا، سىلەرگە ئۇرۇق! ئەمدى ئۇنى يەرگە تېرىڭلار. 24 ئەمما چىققان ھوسۇلدىن بەشتىن بىرىنى فىرئەۋنگە بېرىڭلار، قالغان تۆت قىسمى ئۆزۈڭلارغا قېلىپ، يەرگە ئۇرۇقلۇق، ۋە ئۆزۈڭلارغا، ئۆيۈڭدىكىلەرگە ۋە كىچىك بالىلىرىڭلارغا ئوزۇق بولسۇن» دېدى. 25 ئۇلار: «سەن جېنىمىزنى قۇتقۇزدۇڭ. خوجىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولساق، فىرئەۋننىڭ قۇللىرى بولىمىز» دېدى. 26 يۈسۈپ «مىسىر زېمىنىدا ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرى فىرئەۋنگە بېرىلسۇن» دېگەن قانۇننى بېكىتىپ يولغا قويدى. بۇ قانۇن بۈگۈنكى كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىلا فىرئەۋننىڭ بولماي قالدى.
ياقۇبنىڭ ئاخىرقى يىللىرى
27 ئىسرائىل بولسا مىسىر زېمىنىدا گوشەن ۋىلايىتىدە تۇرۇپ قالدى. ئۇلار ئۇ يەردە يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، نەسىل قالدۇرۇپ ھەسسىلەپ كۆپەيدى. 28 ياقۇب مىسىر زېمىنىدا يەنە ئون يەتتە يىل ياشىدى. ياقۇب جەمئىي بىر يۈز قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 29 ئىسرائىل ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئوغلى يۈسۈپنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا جېكىلەپ: «ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ قەسەم قىلغىن: ماڭا ئىلتىپات ۋە ساداقەت كۆرسىتىپ، مېنى مىسىردا دەپنە قىلمىغىن، 30 بەلكى، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا راھەت تاپقىنىمدا مېنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغىن» دېدى. يۇسۇپ جاۋاب بېرىپ: «چوقۇم ئېيتقىنىڭدەك قىلىمەن» دېدى. ■ 31 ياقۇب ئۇنىڭغا: «ماڭا قەسەم قىلىپ بەرگىن» دېسە، يۈسۈپ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى. ئاندىن كېيىن ئىسرائىل ياتقان ئورنىنىڭ باش تەرىپىدە سەجدە قىلدى.