ياقۇب پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن مىسىرغا بېرىشى
46
1 ئىسرائىل ھەممە مال-مۈلكىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بەئەرشېباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسئھاقنىڭ خۇداسىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 2 كېچىسى خۇدا بىر ۋەھىيدە ئىسرائىلغا: «ئەي ياقۇب، ئەي ياقۇب» دېدى. ئۇ: «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەردى. 3 ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى ئۇ يەردە چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. 4 مەن سەن بىلەن بىللە مىسىرغا بېرىپ، يەنە شۇ يەردىن سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ» دېدى. 5 ئاندىن ياقۇب بەئەرشېبادىن قوزغىلىپ يولغا چىقتى. ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز ئاتىسى ياقۇب ۋە بالا-چاقىلىرىنى، فىرئەۋن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، 6 چارۋا ماللىرى ۋە كەنئان زېمىنىدا تاپقان مال-مۈلكىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇب ھەممە ئەۋلادلىرى بىلەن بىللە مىسىرغا كەلدى. 7 ئۇ ئوغۇللىرى ۋە ئوغۇل نەۋرىلىرىنى، قىزلىرى ۋە قىز نەۋرىلىرىنى يىغىپ، ھەممە ئەۋلادلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە مىسىرغا ئېلىپ كەلدى.
ياقۇبنىڭ ئەۋلادلىرى
8 مىسىرغا كەلگەن ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:
ياقۇب ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: ياقۇبنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى.
9 رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىدى.
10 شىموننىڭ ئوغۇللىرى يېمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار ۋە كەنئانلىق ئايالدىن بولغان شائۇل ئىدى.
11 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گەرشون، قوھات ۋە مەرارى ئىدى.
12 يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر، ئونان، شېلا، پەرەز ۋە زېراھ ئىدى. ئەمما ئېر ۋە ئونان كەنئان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەسنىڭ ئوغۇللىرى بولسا خەزرون ۋە خامۇل ئىدى.
13 ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى تولاھ، پۇۋا، يوباب ۋە شىمرون ئىدى.
14 زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى سېرەد، ئېلون ۋە ياھلىئەل ئىدى.
15 بۇلار لېيانىڭ ياقۇبقا پاددان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن بولغان ئوغۇل-قىز ئەۋلادلىرى، قىزى دىنا بىلەن جەمئىي ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى.
16 گادنىڭ ئوغۇللىرى زىفيون، خاگگى، شۇنىي، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئېلى ئىدى.
17 ئاشەرنىڭ ئوغۇللىرى يىمنا، يىشۋا، يىشۋى ۋە بەرىيا ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراخ ئىدى. بەرىيانىڭ ئوغۇللىرى بولسا خېبەر ۋە مالكىئەل ئىدى.
18 بۇلار لابان قىزى لېياغا دېدەك قىلىپ بەرگەن زىلپانىڭ ياقۇبقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن بولغان ئەۋلادلىرى جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى.
19 ياقۇبنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بەنيامىن ئىدى.
20 مىسىر زېمىنىدا يۈسۈپنىڭ ئۆزىگە تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ماناسسە ۋە ئەفرائىم ئىدى. بۇلارنى ئون شەھىرىنىڭ كاھىنى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى.
21 بەنيامىننىڭ ئوغۇللىرى بېلا، بېكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېخى، روش، مۇپپىم، خۇپپىم ۋە ئارد ئىدى.
22 بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇبقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن بولغان ئەۋلادلىرى جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى.
23 داننىڭ ئوغلى خۇشىم ئىدى.
24 نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى ياخسىئەل، گۇنى، يېسەر ۋە شىللەم ئىدى.
25 بۇلار لابان ئۆز قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھانىڭ ياقۇبقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن بولغان ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە جان ئىدى.
26 ياقۇبنىڭ پۇشتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مىسىرغا كەلگەنلەر، ياقۇبنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى. 27 يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇب جەمەتىدىن بولۇپ مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى.
ياقۇبنىڭ مىسىرغا يېتىپ كېلىشى
28 ياقۇب، يۈسۈپ ئۇنى گوشەنگە باشلاپ بارسۇن دەپ، يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن ۋىلايىتىگە كېلىپ چۈشتى. 29 يۈسۈپ ئۆز ھارۋىسىنى تەييارلاپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. 30 ئىسرائىل يۈسۈپكە: «مەن يۈزۈڭنى كۆرۈپ ھايات ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم! ئەمدى ئۆلۈپ كېتىشكە رازىمەن» دېدى. 31 ئاندىن كېيىن يۈسۈپ ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر بېرىپ فىرئەۋنگە خەۋەر بېرىپ: ‹كەنئان زېمىنىدىكى قېرىنداشلىرىم ۋە ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى. 32 بۇ كىشىلەر پادىچى بولۇپ، مال بېقىپ كەلگەچكە، قوي-كالىلىرى ۋە ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى› دەپ ئېيتاي. 33 ئەمدى فىرئەۋن سىلەرنى چاقىرىپ سىلەردىن: ‹نېمە ئىش-ئوقەت قىلىسىلەر؟› دەپ سورىسا، 34 سىلەر ئۇنىڭغا: ‹بىز، قۇللىرىڭ، كىچىكلىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز› دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار، سىلەرنىڭ گوشەن زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىشىڭلارغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. چۈنكى مىسىرلىقلار پادىچىلارنىڭ ھەممىسىدىن يىرگىنىدۇ».