يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشللىرىغا ئاشكارىلايدۇ
45
1 يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى توختىتالماي: «ھەممە ئادەملەر چىقىپ كەتسۇن!» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم قالمىغاندا، يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلدى. 2 ئۇ مىسىرلىقلار ۋە فىرئەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەر ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. 3 يۈسۈپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا: «مەن يۈسۈپ بولىمەن. ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟» دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى. 4 لېكىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: «ماڭا يېقىن كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار يېقىن كەلگەندە، مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ ئۇكاڭلار، سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 5 سىلەر مېنى سېتىپ بۇ يەرگە ئەۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن، غەمكىن ياكى پەرىشان بولۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى خۇدا جانلىرىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مېنى سىلەردىن ئىلگىرى بۇ يەرگە ئەۋەتكەن. 6 چۈنكى ھازىر، زېمىندا ئىككى يىل ئاچارچىلىق بولدى، تېخى يەنە بەش يىل ھېچ تېرىم بولمايدۇ، ئورمىمۇ ئورۇلمايدۇ. 7 سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى دۇنيادا ساقلاپ قېلىش ئۈچۇن، كاتتا قۇتۇلۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، سىلەرنى ھايات قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا مېنى سىلەردىن ئىلگىرى بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 8 ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتكەن سىلەر ئەمەس، خۇدادۇر. ئۇ مېنى فىرئەۋنگە ئاتا بولۇشقا تەيىنلەپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆيىگە خوجا قىلىپ تىكلەپ، پۈتۈن زېمىنىغا ئەمىر قىلىپ قويدى. 9 ئەمدى سىلەر تېزدىن ئاتامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئوغلۇڭ يۈسۈپ: «خۇدا مېنى پۈتۈن مىسىرغا ئەمىر قىلىپ قويدى. سەن ئەمدى كېچىكمەي مېنىڭ قېشىمغا كەلگىن. 10 گوشەن ۋىلايىتىدە تۇرىسەن. بالا-نەۋرىلىرىڭ، قوي-كالا ۋە ھەممە مال-مۈلكۈڭ بىلەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن. 11 مەن سېنى ئۇ يەردە باقىمەن، بولمىسا ئائىلەڭ ۋە ھەممە بارلىقىڭ بىلەن قاششاقلىققا چۈشىسەن، چۈنكى ئاچارچىلىق يەنە بەش يىل داۋام قىلىدۇ» دەيدۇ› دەڭلار. 12 مانا، سىلەرگە گەپ قىلىپ تۇرغان مەن ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈۋاتىسىلەر ۋە ئۇكام بەنيامىن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈۋاتىدۇ. 13 سىلەر ئاتامغا مېنىڭ بۇ مىسىردا تاپقان ھەممە شان-شەرىپىم ۋە بارچە كۆرگىنىڭلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئاتامنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار». 14 بۇنى دەۋېتىپ، ئۇ ئۇكىسى بەنيامىننىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. بەنيامىنمۇ ئۇنىڭ بوينىغا بېشىنى قويۇپ قاتتىق يىغلىدى. 15 ئاندىن يۈسۈپ ھەممە قېرىنداشلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىدى. ئاندىن قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا باشلىدى. 16 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى كەلدى، دېگەن خەۋەر فىرئەۋننىڭ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە بۇ خەۋەر فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنى شادلاندۇردى. 17 فىرئەۋن يۈسۈپكە مۇنداق دېدى: «سەن قېرىنداشلىرىڭغا: ‹سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار: ئۇلاغلىرىڭلارغا يۈك ئارتىپ، كەنئان زېمىنىغا بېرىپ، 18 ئاتاڭلار ۋە ئائىلىلىرىڭلارنى ئېلىپ، مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار. مىسىر زېمىنىدىكى ئەڭ ياخشى جاينى سىلەرگە بېرىمەن. سىلەر بۇ زېمىننىڭ ئەڭ ياخشى نازۇنېمەتلىرىدىن يەيسىلەر› دېگىن. 19 ئۇلارغا يەنە مۇنداق قىلىشنى جېكىلەپ: ‹بالىلىرىڭلار ۋە ئاياللىرىڭلار ئۈچۈن بۇ مىسىر زېمىنىدىن ھارۋىلار ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭلارنىمۇ بۇ يەرگە يەتكۈزۈپ كېلىڭلار. 20 مال-جابدۇقلىرىڭلار توغرىسىدا ئەندىشە قىلماڭلار، چۈنكى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئەڭ ئېسىلى سىلەرنىڭ بولىدۇ› دەپ بۇيرۇغىن».
21 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى شۇ بويىچە ئىش قىلدى. يۈسۈپ فىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارغا ھارۋىلار ۋە يولدا يەيدىغان ئوزۇق-تۈلۈك بەردى. 22 ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىر قۇر يېڭى كىيىم بەردى. لېكىن بەنيامىنغا ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە ۋە بەش قۇر يېڭى كىيىم بەردى. 23 ئۇ ئاتىسىغا مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى ئارتىلغان ئون ئېشەك ۋە ئاشلىق، نان ۋە يەنە ئاتىسىغا يول ئۈچۈن ئوزۇق ئارتىلغان ئون مادا ئېشەكنى ئەۋەتتى. 24 ئاندىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سالدى. ئۇلار يولغا چىققاندا، ئۇ ئۇلارغا: «يولدا گەپ تالاشماڭلار» دەپ تاپىلىدى. 25 ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، كەنئان زېمىنىغا ئاتىسى ياقۇبنىڭ قېشىغا يېتىپ باردى. 26 ئۇلار ئۇنىڭغا: «يۈسۈپ ھازىر ھايات ئىكەن. ئۇ پۈتۈن مىسىر زېمىنىغا ئەمىر بولۇپتۇ» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشىنەلمەي، يۈرىكى قېتىپ قالغاندەك تۇرۇپ قالدى. 27 لېكىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەندە، ھەمدە يۈسۈپنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارنىمۇ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياقۇبنىڭ روھىغا جان كىردى. 28 ئىسرائىل: «ئەمدى بولدى! ئوغلۇم يۈسۈپ ھاياتكەن! مەن ئۆلمەستە بېرىپ، ئۇنى كۆرەي» دېدى.