يۈسۈپ قېرىنداشللىرىنى سىنايدۇ
44
1 ئاندىن كېيىن ئۇ غوجىدارىغا بۇيرۇق بېرىپ: «بۇ كىشىلەرنىڭ تاغارلىرىغا كۆتۈرەلىشىچە ئاشلىق قاچىلاپ، ھەر ئادەمنىڭ پۇلىنى تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن. 2 مېنىڭ قەدىھىم بولغان كۈمۈش قەدەھنى ئاشلىقنىڭ پۇلى بىلەن بىللە كىچىكىنىڭ تاغىرىنىڭ ئاغزىغا تىقىپ قويغىن» دېدى. غوجىدار يۈسۈپنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. 3 ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا بۇ ئادەملەر ئېشەكلىرى بىلەن بىللە يولغا سېلىندى. 4 لېكىن ئۇلار شەھەردىن چىقىپ، ئازغىنە ماڭغاندا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: «سەن قوزغىلىپ بۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بارغىن. سەن يېتىشىپ بارغىنىڭدا ئۇلارغا: ‹نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلدىڭلار؟ 5 مانا بۇ خوجايىنىم شاراب ئىچىدىغان، ھەم پال باقىدىغان قەدەھ ئەمەسمۇ؟ مۇنداق قىلىش ئارقىلىق يامان ئىش قىلدىڭلار› دېگىن» دېدى. 6 بۇ كىشى ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىپ بېرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزنى قىلغىنىدا، 7 ئۇلار ئۇنىڭغا: «خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ قۇللىرىڭ ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. 8 مانا، بىز تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن تاپقان پۇلنىمۇ كەنئان زېمىنىدىن ساڭا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق، خوجايىنىڭنىڭ ئۆيىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئوغرىلامدۇق؟ 9 قۇللىرىڭنىڭ ئىچىدىن كىمدىن ئۇ نەرسە تېپىلسا، ئۇ ئۆلتۈرۈلسۇن، بىزمۇ خوجىمىزغا قۇل بولايلى» دېدى. 10 ئۇ كىشى جاۋاب بېرىپ: «ئېيتقىنىڭلاردەك بولسۇن. قەدەھ كىمنىڭ قېشىدىن چىقىپ قالسا، ئۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ، قالغانلىرىڭلار بىگۇناھ ھېسابلىنىسىلەر» دېدى. 11 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئالدىراپ ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ ئېچىپ بەردى. 12 ئۇ چوڭىنىڭكىدىن باشلاپ كىچىكىنىڭكىگىچە ئاختۇرسا، قەدەھ بەنيامىننىڭ تاغىرىدىن چىقىپ قالدى.
13 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ھەربىرى ئېشىكىگە يۈكنى ئارتىپ، شەھەرگە قايتتى. 14 يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلسە، ئۇ تېخى ئۇ يەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئاتتى. 15 يۈسۈپ ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك بىر كىشىنىڭ پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمىدىڭلارمۇ؟» دېدى. 16 يەھۇدا جاۋاب بېرىپ: «ئەمدى بىز خوجىمىزغا نېمە دەيلى؟ نېمە دەپ گەپ قىلايلى؟ ئۆزىمىزنى قانداق قىلىپ ئاقلايلى؟ خۇدا قۇللىرىڭنىڭ گۇناھىنى ئاشكارا قىلدى. مانا، ئەمدى ھەم بىز ھەم قولىدىن قەدەھ تېپىلغان كىشى، ھەممىمىز خوجىمىزغا قۇل بولايلى» دېدى. 17 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: «ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، بەلكى قەدەھ كىمنىڭ قولىدا تېپىلغان بولسا، پەقەت شۇ كىشى ماڭا قۇل بولسۇن. قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىڭلار» دېدى.
18 بۇ چاغدا يەھۇدا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەي خوجام، قۇلۇڭغا خوجامنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيسەن. قۇلۇڭغا غەزەپلەنمىگەيسەن، چۈنكى سەن فىرئەۋنگە ئوخشاشسەن. 19 مانا، خوجام ئۆز قۇللىرىدىن: ‹ئاتاڭلار ياكى ئۇكاڭلار بارمۇ؟› دەپ سورىغىنىدا، 20 بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: ‹بىزنىڭ بىر قېرى ئاتىمىز بار. ئۇنىڭ قېرىلىقىدا تاپقان بىر كىچىك بالىسىمۇ بار. بۇ بالىنىڭ بىر ئانىدىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالغاچقا، ئاتىسى ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ› دېگەنىمىزدە، 21 سەن قۇللىرىڭغا: ‹ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي› دېدىڭ. 22 بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: ‹بۇ بالا ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر ئاتىسىدىن ئايرىلسا، ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ› دېگىنىمىزدە، 23 سەن ئۆز قۇللىرىڭغا: ‹ئەگەر كىچىك ئۇكاڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى ھەرگىز قايتا كۆرمەيسىلەر› دېگەنىدىڭ. 24 بىز سېنىڭ قۇلۇڭ ئاتىمىزنىڭ قېشىغا بارغاندا، خوجامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردۇق. 25 ئاتىمىز بولسا: ‹يەنە بېرىپ، بىزگە ئازراق ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار› دېگەندە، 26 بىز جاۋاب بېرىپ: ‹بىز بارالمايمىز. پەقەت كىچىك ئۇكىمىز بىز بىلەن بىللە بارسا، بارالايمىز. چۈنكى كىچىك ئۇكىمىز بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيمىز› دېدۇق. 27 سېنىڭ قۇلۇڭ ئاتىمىز بىزگە: ‹سىلەر بىلىسىلەركى، ئايالىم ماڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. 28 بىرى يېنىمدىن چىقىپ، يوق بولۇپ كەتتى. مەن بولسام، ئۇ جەزمەن تالىنىپ تىتما-تىتما قىلىنىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇندىن كېيىن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم. 29 ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر پالاكەت كېلىپ قالسا، مېنى ئاق چاچلىرىم بىلەن دەرد ئىچىدە گۆرگە چۈشۈرىسىلەر› دېگەنىدى. 30 ئەمدى مەن سېنىڭ قۇلۇڭ ئاتامنىڭ قېشىغا بارغاندا، بۇ بالا بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇنىڭ جېنى بۇ بالىنىڭ جېنىغا باغلانغان بولغاچقا، 31 ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرگەندە ئۆلۈپ قالىدۇ. بىز قۇللىرىڭ بولسا سېنىڭ قۇلۇڭ بولغان ئاق چاچلىق ئاتىمىزنى دەرد ئىچىدە گۆرگە چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. 32 مەن قۇلۇڭ ئاتامغا بۇ بالا ئۈچۈن كېپىل بولۇپ: ‹ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمىسەم، ئۆمۈرۋايەت ئاتامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالىمەن› دېگەنىدىم. 33 شۇڭا ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن قۇلۇڭ بۇ بالىنىڭ ئورنىغا بۇ يەردە قېلىپ خوجامغا قۇل بولغاي. لېكىن ئۇ بالا ئاكىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسۇن. 34 چۈنكى بۇ بالا مەن بىلەن بولمىسا، مەن ئاتامنىڭ قېشىغا قانداق بارالايمەن؟ ئاتام تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمايمەن».