يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا ئىككىنچى قېتىم بېرىشى
43
1 ئەمما زېمىندا ئاچارچىلىق ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. 2 ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقنى يەپ بولغاندا، ئاتىسى ئۇلارغا: «يەنە بېرىپ، بىزگە بىرئاز ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. 3 لېكىن يەھۇدا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇ كىشى بىزگە تەكىتلەپ: ‹ئۇكاڭلار سىلەر بىلەن بىللە بولمىسا، يۈزۈمنى ھەرگىز قايتا كۆرمەيسىلەر› دېگەن. 4 ئەگەر ئۇكىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسەڭ، بىز بېرىپ، ساڭا ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز. 5 ئەمما ئۇنى ئەۋەتكىلى ئۇنىمىساڭ، بىز بارمايمىز. چۈنكى ئۇ كىشى بىزگە: ‹ئۇكاڭلار سىلەر بىلەن بىللە بولمىسا، يۈزۈمنى ھەرگىز قايتا كۆرمەيسىلەر› دېگەن» دېدى. 6 ئىسرائىل ئۇلارغا: «نېمە ئۈچۈن ماڭا يامانلىق قىلىپ، ئۇ كىشىگە: ‹يەنە بىر ئۇكىمىز بار› دەپ ئېيتتىڭلار؟» دېدى. 7 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «ئۇ كىشى بىز ۋە جەمەتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كوچىلاپ: ‹ئاتاڭلار ھازىر ھاياتمۇ؟ باشقىمۇ قېرىندىشىڭلار بارمۇ؟› دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ سوئالىغا مۇۋاپىق جاۋاب بەردۇق. بىز ئۇنىڭ بىزگە: ‹ئۇكاڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار› دەيدىغىنىنى نەدىن بىلەتتۇق؟» دېدى. 8 يەھۇدا ئاتىسى ئىسرائىلغا: «بالىنى مەن بىلەن ئەۋەتسەڭ، بىز دەرھال قوزغىلىپ يولغا چىقىمىز. شۇنداق قىلغاندا، بىز ۋە سەن ۋە بالىلىرىمىزمۇ ئۆلمەي ھايات قالىمىز. 9 مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ قولۇمدىن تەلەپ قىلغىن. ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئالدىڭدا تۇرغۇزۇپ قويمىسام، ئۆمۈرۋايەت ئالدىڭدا گۇناھكار بولاي. 10 چۈنكى ئەگەر ۋاقىتنى سوزمىغان بولساق، بۇ ۋاقىتقىچە ئىككىنچى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق» دېدى. 11 ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ئۇ كىشىگە سوۋغات بولسۇن دەپ تاغارلىرىڭلارغا بۇ زېمىننىڭ ئەڭ ياخشى مېۋىلىرىدىن ئېلىپ، ئازغىنە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرمەك، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداممۇ ئالغاچ بېرىڭلار. 12 يەنە قولۇڭلاردا ئىككى ھەسسە پۇلنى ۋە تاغارلىرىڭلارنىڭ ئاغزىدىكى قايتۇرۇلغان پۇلنىمۇ ئالغاچ بېرىڭلار. ئېھتىمال، بىر سەۋەنلىك ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. 13 ئۇكاڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ قوزغىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا يەنە بېرىڭلار. 14 ھەممىگە قادىر خۇدا سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا مەرھەمەتكە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردىكى يەنە بىر قېرىندىشىڭلارنى ۋە بەنيامىننى سىلەرگە قوشۇپ يولغا سېلىپ قويار. بولمىسا بالىلىرىمدىن جۇدا بولغىنىم بولغان».
15 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر سوۋغاتلارنى ۋە قوللىرىغا ئىككى ھەسسە پۇلنى ئېلىپ، بەنيامىننىمۇ ئېلىپ قوزغىلىپ، مىسىرغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. 16 يۈسۈپ بەنيامىننى ئۇلار بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، غوجىدارىغا بۇيرۇق بېرىپ: «بۇ ئادەملەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىپ، مال سويۇپ تاماق تەييارلىغىن، چۈنكى بۇ كىشىلەر چۈشلۈك تاماقنى مەن بىلەن يەيدۇ» دېدى. 17 ئۇ كىشى يۈسۈپنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇ ئادەملەرنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. 18 ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈلگەندە قورقۇشۇپ كېتىپ: «بىز چوقۇم ئاۋۋالقى قېتىم تاغارلىرىمىزدا قايتۇرۇلغان پۇلنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ئۆيگە كىرگۈزۈلدۇق. ئۇ بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى تۇتۇپ قۇل قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋالماقچى بولغان ئوخشايدۇ» دېيىشتى. 19 ئۇلار يۈسۈپنىڭ غوجىدارىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا 20 ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەي خوجام، بىز ئىلگىرىمۇ بۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق. 21 بىز ئۆتەڭگە كېلىپ، ئۆز تاغارلىرىمىزنى ئاچساق، ھەر كىشىنىڭ پۇلى ئۆز تاغىرىنىڭ ئاغزىدا ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ. شۇڭا بىز بۇ پۇللارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدۇق. 22 ئاشلىق ئېلىش ئۈچۈن باشقا پۇلمۇ ئېلىپ كەلدۇق، ئەمما تاغارلىرىمىزغا پۇلنى كىمنىڭ سېلىپ قويغىنىنى بىلمىدۇق» دېدى. 23 ئۇ ئۇلارغا: «خاتىرجەم بولۇڭلار، قورقماڭلار. سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى تاغارلىرىڭلارغا سىلەر ئۈچۈن خەزىنە سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ. پۇلۇڭلار ماڭا تەگدى» دېدى. ئاندىن ئۇ شىموننى زىنداندىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى. 24 ئۇ كىشى ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا پۇتلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ بەردى ۋە ئېشەكلىرىگە بوغۇز بەردى. 25 ئاندىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ چۈشتە كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ سوۋغاتلارنى تەييارلاپ قويدى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇ يەردە تاماق يەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى.
26 يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە، ئۇلار قوللىرىدىكى سوۋغاتلارنى ئۆيگە، ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى. 27 ئۇ بولسا ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سوراپ: «سىلەر گېپىنى قىلغان قېرى ئاتاڭلار سالامەتمۇ؟ ئۇ ھاياتمۇ؟» دەپ سورىدى. 28 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «قۇلۇڭ ئاتىمىز ساق-سالامەت، تېخى ھاياتتۇر» دەپ ئېگىلىپ تەزىم قىلىشتى. 29 ئاندىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، بىر ئانىدىن بولغان ئۆز ئۇكىسى بەنيامىننى كۆرۈپ: «سىلەر ماڭا گېپىنى قىلغان كىچىك ئۇكاڭلار بۇمۇ؟» دەپ سوراپ: «ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا مەرھەمەت قىلسۇن» دېدى. 30 يۈسۈپ ئۆز ئۇكىسىغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى تۈپەيلى، يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى. شۇڭا ئۇ خالىي جاي ئىزدەپ، ئالدىراپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ، ئۇ يەردە تازا يىغلىدى. 31 ئاندىن يۈزىنى يۇيۇپ چىقىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ: «تاماق تارتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 32 خىزمەتكارلار ئۇنىڭ ئۆزىگە ئايرىم، ئۇلارغا ئايرىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مىسىرلىقلارغىمۇ ئايرىم جايدا تاماق تارتتى. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن تاماق يېيىشنى يىرگىنچلىك دەپ بىلگەچكە، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېمەيتتى. 33 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا، تۇنجىسى تۇنجىلىقىغا يارىشا، كىچىكى كىچىكلىكىگە يارىشا ئولتۇرغۇزۇلغىنى ئۈچۈن ئۇلار ھەيران قېلىشىپ بىر-بىرىگە قاراشتى. 34 ئاندىن كېيىن ئۇ ئالدىدىكى تاماقتىن ئېلىپ بۆلۈپ بەردى. ئەمما بەنيامىننىڭ ھەسسىسى باشقىلارنىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن خۇش ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتى.