يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا بىرىنچى قېتىم بېرىشى
42
‏1 ياقۇب مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى بىلگىنىدە ئوغۇللىرىغا: «نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ تۇرىسىلەر؟» دېدى. ‏2 ئاندىن يەنە: «مانا، ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئۇ يەرگە بېرىپ بىزگىمۇ ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ساق قېلىپ، ئۆلۈپ كەتمەسمىز» دېدى. ‏3 بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ‏4 ئەمما ياقۇب يۈسۈپنىڭ ئۇكىسى بەنيامىننى، ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر پالاكەت كەلمىسۇن دەپ ئاكىلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتمىدى. ‏5 كەنئان زېمىنىدىمۇ ئاچارچىلىق بولغاچقا، ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. ‏6 ئۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ زېمىننىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، خەلقنىڭ ھەممىسىگە ئاشلىقنى ئۇ سېتىپ بېرەتتى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ‏7 يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپ ئۇلارنى تونۇدى، ئەمما ئۇلارنى تونۇمىغاندەك ئۇلارغا قاتتىق گەپ قىلىپ: «قەيەردىن كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «كەنئان زېمىنىدىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق» دېدى. ‏8 يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى. ‏9 ئۇ چاغدا يۈسۈپ ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى يادىغا ئېلىپ، ئۇلارغا: «سىلەر جاسۇس، بۇ زېمىننىڭ ئاجىز يەرلىرىنى كۆزەتكىلى كەلدىڭلار» دېدى. ‏10 ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا: «ياق، ئەي خوجام، قۇللىرىڭ پەقەتلا ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلگەن. ‏11 ھەممىمىز بىر كىشىنىڭ ئوغۇللىرى، دۇرۇس ئادەملەرمىز. قۇللىرىڭ جاسۇس ئەمەس» دېدى. ‏12 لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا: «ئۇنداق ئەمەس، بەلكى زېمىننىڭ ئاجىز يەرلىرىنى كۆزەتكىلى كەلدىڭلار» دېدى. ‏13 ئۇلار: «قۇللىرىڭ ئون ئىككى قېرىنداش بولۇپ، كەنئان زېمىنىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. لېكىن ئەڭ كىچىكى ئاتىمىزنىڭ قېشىدا قالدى، يەنە بىر ئۇكىمىز يوق بولۇپ كەتتى» دېدى. ‏14 ئەمما يۈسۈپ ئۇلارغا يەنە: «سىلەر ئېيتقىنىمدەك جاسۇسسىلەر. ‏15 قېنى سىلەرنى مۇنداق سىناپ باقاي: فىرئەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئۇكاڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە سىلەر بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەيسىلەر. ‏16 ئۇكاڭلارنى ئېلىپ كەلگىلى بىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، قالغىنىڭلار سولاقلىق تۇرىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. بولمىسا، فىرئەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەزمەن جاسۇس!» دېدى. ‏17 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممىسىنى ئۈچ كۈنگىچە سولاپ قويدى.
‏18 ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مەن خۇدادىن قورقىمەن. تىرىك قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇنۇ ئىشنى قىلىڭلار: ‏19 ئەگەر دۇرۇس ئادەملەر بولساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى سىلەر سولانغان ئۆيدە سولاقلىق تۇرسۇن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ، ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلىلىرىڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار. ‏20 ئاندىن كىچىك ئۇكاڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. ئەگەر سۆزلىرىڭلار راست چىقىپ قالسا، ئۆلمەيسىلەر». ئۇلار شۇنداق قىلىدىغان بولدى. ‏21 ئۇلار ئۆزئارا: «بەرھەق، بىز ئۇكىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق. ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ، ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا كەلدى» دېيىشتى. ‏22 رۇبەن ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە: ‹بۇ بالىغا زۇلۇم قىلماڭلار› دېگىنىمدە، ئۇنىمىدىڭلار ئەمەسمۇ؟ مانا، ئەمدى ئۇنىڭ قېنى بىزدىن تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى. ‏23 ئەمما يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەچكە، ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىۋاتقىنىنى بىلمىدى. ‏24 ئۇ بولسا ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ يىغلاپ كەتتى. كېيىن ئۇلارنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارغا يەنە سۆز قىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىموننى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باغلاپ قويدى. ‏25 ئاندىن كېيىن يۈسۈپ: «ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇلۇپ، ھەربىرىنىڭ پۇلى قايتۇرۇلۇپ تاغىرىغا سېلىپ قويۇلسۇن. سەپەر ئۈچۈنمۇ ئوزۇق-تۈلۈك بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇدى. ئۇلارغا شۇنداق قىلىندى. ‏26 ئۇلار بولسا ئاشلىقنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يولغا راۋان بولدى.
‏27 ئەمما ئۆتەڭگە چۈشكىنىدە، ئۇلارنىڭ بىرى ئېشىكىگە بوغۇز بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئاچسا، تاغىرىنىڭ ئاغزىدا ئۆز پۇلىنى كۆردى. ‏28 ئۇ قېرىنداشلىرىغا: «مېنىڭ پۇلۇم قايتۇرۇلۇپتۇ. مانا، تاغىرىمدا تۇرىدۇ» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى قېپىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇلار تىترىشىپ ئۆزئارا: «خۇدانىڭ بىزگە بۇ نېمە قىلغىنىدۇ؟» دېيىشتى. ‏29 ئۇلار كەنئان زېمىنىغا، ئاتىسى ياقۇبنىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ‏30 «ئۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ، بىزنى زېمىنغا كەلگەن جاسۇس دەپ قارىدى. ‏31 ئەمما بىز ئۇنىڭغا: ‹بىز دۇرۇس ئادەملەر، جاسۇس ئەمەسمىز. ‏32 بىز ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق، بىر ئاتىنىڭ ئوغۇللىرى. بىرى يوق بولۇپ كەتتى، ئەڭ كىچىك ئۇكىمىز بولسا كەنئان زېمىنىدا ئاتىمىزنىڭ قېشىدا قالدى› دېسەك، ‏33 ئۇ زېمىننىڭ خوجىسى بولغان كىشى بىزگە: ‹دۇرۇس ئىكەنلىكىڭلارنى شۇنىڭدىن بىلەيكى، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بىرىنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ، ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلىلىرىڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار. ‏34 ئاندىن كىچىك ئۇكاڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كەلسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، دۇرۇس ئادەملەر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ، قېرىندىشىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرەي. ئاندىن كېيىن بۇ زېمىندا ئوقەت-تىجارەت قىلساڭلار بولىدۇ› دېدى». ‏35 كېيىن ئۇلار تاغارلىرىنى بوشاتقىنىدا، مانا، ھەربىرىنىڭ چىگىكلىك پۇلى تاغىرىدا تۇراتتى. ئۇلار ۋە ئاتىسى چىگىكلىك پۇللىرىنى كۆرگەندە قورقۇپ كەتتى.
‏36 ئاتىسى ياقۇب ئۇلارغا: «مېنى بالىلىرىمدىن جۇدا قىلىۋاتىسىلەر. يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق. ئەمدى بەنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇڭلارمۇ؟ مانا، پۈتۈن بۇ ئىشلار مېنىڭ بېشىمغا كەلدى» دېدى. ‏37 رۇبەن ئاتىسىغا: «ئەگەر مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن. ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغىن. مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كېلىمەن» دېدى. ‏38 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كەتتى ۋە ئۇ يالغۇز قالدى. مۇبادا يولدا كېتىۋاتقىنىڭلاردا ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر پالاكەت كېلىپ قالسا، مېنى ئاق چاچلىرىم بىلەن دەرد ئىچىدە گۆرگە چۈشۈرىسىلەر» دېدى.