فىرەۋننىڭ چۈشى
41
1 ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، فىرئەۋن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. 2 قارىسا، دەريادىن يەتتە چىرايلىق، سېمىز كالا چىقىپ، قومۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. 3 ئاندىن كېيىن يەنە يەتتە سەت ۋە ئورۇق كالا دەريادىن چىقىپ، ئىلگىرىكى كالىلارنىڭ يېنىدا دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. 4 بۇ سەت ۋە ئورۇق كالىلار ئۇ يەتتە چىرايلىق سېمىز كالىنى يەپ كېتىپتۇ. فىرئەۋن چۈشتىن ئويغاندى، 5 ئەمما يەنە ئۇخلاپ قېلىپ، ئىككىنچى قېتىم چۈش كۆردى: مانا، بىر تۈپ بۇغدايدىن يەتتە تولغان ۋە چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ. 6 ئاندىن كېيىن شەرق شامىلىدا سولىشىپ قۇرۇپ قالغان يەتتە دانە ئورۇق باشاق چىقىپتۇ. 7 بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە سېمىز تولۇق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن فىرئەۋن ئويغىنىپ كېتىپ، قارىسا چۈشى ئىكەن.
8 ئەتىگىنى ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-سېھىرگەرلەر ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. فىرئەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى، لېكىن ھېچكىم فىرئەۋنگە تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى. 9 بۇ چاغدا باش ساقىي فىرئەۋنگە: «بۈگۈن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم يادىمغا كەلدى. 10 بۇرۇن فىرئەۋن ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئاچچىقلىنىپ، مەن بىلەن باش ناۋاينى ياساۋۇل بېگىنىڭ سارايىدا زىندانغا تاشلىغاندا، 11 بىر كېچىدە بىز ئىككىلىمىز تەڭلا چۈش كۆردۇق، ئەمما كۆرگەن چۈشلىرىمىزنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا ئىدى. 12 ئۇ يەردە بىز بىلەن بىللە، ياساۋۇل بېگىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ئىبرانىي بىر يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭغا چۈشلىرىمىزنى ئېيتساق، ئۇ بىزنىڭ چۈشلىرىمىزنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ، ھەربىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىگە قاراپ تەبىر بەردى. 13 ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرى ئېيتقىنىدەك چىقتى: مەن ئۆز مەنسىپىمگە قايتىدىن ئولتۇرغۇزۇلدۇم، باش ناۋاي بولسا دارغا ئېسىلدى» دېدى.
يۈسۈپ فىرەۋننىڭ چۈشىنىڭ تەبىرىنى بېرىدۇ
14 شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن كىشى ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى چاقىرتتى. ئۇلار دەرھال ئۇنى گۇندىخانىدىن چىقاردى. يۈسۈپ چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، فىرئەۋننىڭ ئالدىغا كىردى. 15 فىرئەۋن يۈسۈپكە: «مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى. سەن توغرۇلۇق: ‹بىر چۈشنى ئاڭلىسا، تەبىرىنى بېرەلەيدۇ› دەپ ئاڭلىدىم» دېدى. 16 يۈسۈپ فىرئەۋنگە: «تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن. ئۇ فىرئەۋنگە ياخشى جاۋاب بەرگەي» دەپ جاۋاب بەردى. 17 فىرئەۋن يۈسۈپكە مۇنداق دېدى: «چۈشۈمدە مەن دەريانىڭ لېۋىدە تۇرۇپتىمەن. 18 قارىسام، دەريادىن يەتتە سېمىز، چىرايلىق كالا چىقىپ، قومۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. 19 مانا، ئۇلاردىن كېيىن باشقا يەتتە كالا چىقىپتۇ. بۇلار ئاجىز، تولىمۇ سەت ۋە ئورۇق ئىدى. مەن مىسىر زېمىنىدا بۇنداق سەت كالىلارنى ھېچ كۆرگەن ئەمەسمەن. 20 بۇ ئورۇق ۋە سەت كالىلار بولسا ھېلىقى يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كېتىپتۇ. 21 ئۇلارنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىغا بىر نېمىنىڭ كىرگىنى بىلىنمەپتۇ، ئەكسىچە ئۇلار بۇرۇنقىدەك سەت ھالدا تۇرۇپتۇ. ئاندىن مەن ئويغىنىپ كەتتىم. 22 ئاندىن يەنە بىر چۈشۈمدە، مانا، بىر تۈپ بۇغدايدىن يەتتە تولۇق ۋە چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ. 23 ئاندىن كېيىن شەرقنىڭ شامىلى بىلەن سولىشىپ قۇرۇپ كەتكەن يەتتە دانە ئورۇق باشاق چىقىپتۇ. 24 بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە چىرايلىق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. مەن بۇنى پالچى-سېھىرگەرلەرگە دەپ بەرسەم، ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ھېچ كىشى چىقمىدى».
25 يۈسۈپ فىرئەۋنغا مۇنداق دېدى: «فىرئەۋننىڭ چۈشلىرىنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغىنىنى فىرئەۋنگە بىلدۈرۈپتۇ. 26 بۇ يەتتە ياخشى كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەرنىڭ مەنىسى بىردۇر. 27 ئۇلاردىن كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق ۋە سەت كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ، شەرق شامىلىدا سولىشىپ قالغان يەتتە ئورۇق باشاقمۇ شۇنداق بولۇپ، يەتتە ئاچارچىلىق يىلنى كۆرسىتىدۇ. 28 مەن فىرئەۋنگە: ‹خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغىنىنى فىرئەۋنگە بىلدۈرۈپتۇ› دېگەن سۆزۈمنىڭ مەنىسى بۇدۇر. 29 مانا، پۈتۈن مىسىر زېمىنىدا يەتتە يىلغىچە توقچىلىق بولىدۇ. 30 ئاندىن كېيىن يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدۇ. شۇنداقكى، مىسىر زېمىنىدا توقچىلىق تامامەن ئۇنتۇلۇپ كېتىپ، ئاچارچىلىق زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ. 31 ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن زېمىندا بۇرۇنقى توقچىلىق ئادەملەرنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاچارچىلىق ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. 32 چۈشنىڭ قايتىلىنىپ، فىرئەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ مەنىسى شۇكى: بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 33 ئەمدى فىرئەۋن بىر ئەقىل-پاراسەتلىك، دانا كىشىنى تېپىپ، ئۇنى مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇشقا قويسۇن. 34 فىرئەۋن مۇنداق قىلسۇنكى، توقچىلىق يەتتە يىل ئىچىدە مىسىر زېمىنىنىڭ ئاشلىقىنىڭ بەشتىن بىرىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن زېمىنغا نازارەتچىلەر تەيىنلىسۇن. 35 بۇلار شۇ كېلىدىغان ياخشى يىللاردا ھەممە ئاشلىقنى يىغىپ، شەھەر-شەھەردە بۇغداينى فىرئەۋننىڭ قول ئاستىغا جەم قىلىپ، ئوزۇقلۇق ئۈچۈن، ساقلاپ قويسۇن. 36 زېمىننىڭ قەھەتچىلىكتىن ھالاك بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ ئاشلىق مىسىر زېمىنىغا كېلىدىغان يەتتە يىللىق ئاچارچىلىق ئۈچۈن توپلىنىپ ساقلانسۇن» دېدى.
37 بۇ سۆز فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىغا ياقتى.
يۈسۈپنىڭ مىسىر ئۈستىگە باش ۋەزىر قىلىنىشى
38 شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار كىشى بىزگە تېپىلامدۇ؟» دېدى. 39 ئاندىن فىرئەۋن يۈسۈپكە: «خۇدا ساڭا بۇنىڭ ھەممىسىنى بىلدۈرگەن ئىكەن، دېمەك سەندىن ئەقىللىق ۋە دانا ھېچكىم يوق. 40 ئەمدى سەن مېنىڭ ئوردامنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىسەن ۋە پۈتۈن خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قارىسۇن. پەقەت مەنلا تەختنىڭ ئىگىسى بولغاچقا، سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن» دېدى. 41 فىرئەۋن يۈسۈپكە يەنە: «مەن سېنى پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدىم» دېدى. 42 بۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى. ئۇ ئۇنىڭغا كەندىر يىپىدىن نەپىس توقۇلغان لىباسنى كىيدۈرۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىرنى ئېسىپ، 43 ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ھارۋىسىغا مىندۈرۈپ، ئادەملىرىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىزلىنىڭلار!» دەپ جار سېلىپ مېڭىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، فىرئەۋن ئۇنى پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. 44 ئاندىن فىرئەۋن يۈسۈپكە: «مەن فىرئەۋندۇرمەن، لېكىن پۈتۈن مىسىر زېمىنىدا سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن» دېدى. 45 فىرئەۋن يۈسۈپكە زافنات-پائانىياھ دەپ ئات قويۇپ، ئون شەھىرىنىڭ كاھىنى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. يۈسۈپ بولسا مىسىر زېمىنىنى ئارىلاپ كېزىشكە چىقتى. 46 يۈسۈپ مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋننىڭ ئالدىدا تۇرغىنىدا ئوتتۇز ياشتا ئىدى. يۈسۈپ فىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى ئارىلاپ كەزدى.
47 توقچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى ناھايىتى مول بولغاچقا، 48 ئۇ بۇ يەتتە يىل ئىچىدە مىسىر زېمىنىدا زىيادە ئاشلىقنى شەھەر-شەھەرگە يىغىپ قويدى. ئۇ ھەر شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقنىڭ ئاشلىقىنى شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە يىغىپ جۇغلاپ قويدى. 49 بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ دېڭىزنىڭ قۇمىدەك ناھايىتى كۆپ ئاشلىق يىغدى. ئاشلىق ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇ ھېسابلاشنى توختاتتى.
يۈسۈپنىڭ ئائىلىسى
50 ئاچارچىلىق يىللار كەلمەستىن ئىلگىرى، يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۇغۇلدى. بۇلارنى ئون شەھىرىنىڭ كاھىنى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. 51 يۈسۈپ: «خۇدا ماڭا ھەممە مۇشەققىتىم ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ئۇنتۇلدۇردى» دەپ تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە دەپ ئات قويدى، ■ 52 ۋە «مەن جاپا-مۇشەققەت تارتقان يەردە خۇدا ماڭا پەرزەنت ئاتا قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى. ■
ئاچارچىلىقنىڭ باشلىنىشى
53 مىسىر زېمىنىدا بولغان بۇ يەتتە توقچىلىق يىل ئۆتۈپ كەتتى. 54 ئاندىن كېيىن يۈسۈپنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاچارچىلىقنىڭ يەتتە يىلى باشلاندى. ھەممە يۇرتلاردا ئاچارچىلىق بولدى، لېكىن مىسىرنىڭ زېمىنىدا ھەممە يەردە نان بار ئىدى. 55 ئاندىن پۈتۈن مىسىردىكىلەر ئاچلىق ئازابى چەككەندە، خەلق نان ئۈچۈن فىرئەۋنگە پەرياد قىلدى. فىرئەۋن ھەممە مىسىرلىقلارغا: «يۈسۈپنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ سىلەرگە نېمە دېسە، شۇنى قىلىڭلار» دېدى. 56 ئاچارچىلىق پۈتۈن زېمىننى قاپلىغاندا، يۈسۈپ ھەممە ئامبارلارنى ئېچىپ، مىسىرلىقلارغا ئاشلىق سېتىپ بەردى، چۈنكى مىسىر زېمىنىدىكى ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتاتتى. 57 باشقا ھەممە يەرلەردىنمۇ خەلق ئاشلىق ئالايلى دەپ، مىسىرغا، يۈسۈپنىڭ يېنىغا كېلەتتى، چۈنكى ئاچارچىلىق ھەممىلا يەردە ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.