يۈسۈپ ئىككى چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى بېرىدۇ
40
1 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيى ۋە ناۋىيى ئۆز خوجايىنى بولغان مىسىر پادىشاھى ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى. 2 شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن باش ساقىي ۋە باش ناۋاي بولغان بۇ ئىككى ئوردا ئەمەلدارىغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، 3 ئۇلارنى خاس ياساۋۇل بېگىنىڭ سارىيىدىكى يۈسۈپ سولاقلىق تۇرغان زىندانغا سولاپ قويدى. 4 ياساۋۇل بېگى يۈسۈپنى ئۇلارغا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەپ قويدى. ئۇلار سولاقتا بىر مەزگىل يېتىپ قالدى. 5 مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيى ۋە ناۋىيى زىنداندا سولاقلىق تۇرغىنىدا، ئىككىلىسى بىر كېچىدە ھەربىرى ئۆزىگە يارىشا تەبىرى بار چۈش كۆردى. 6 ئەتىگىنى يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، 7 ئۆزى بىلەن بىللە خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە سولاقلىق تۇرغان فىرئەۋننىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن: «بۈگۈن نېمىشقا چىرايىڭلار سولغۇن؟» دەپ سورىدى. 8 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان كىشى يوق» دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: «تەبىر بېرىش خۇدادىن ئەمەسمۇ؟ چۈشنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.
9 بۇنىڭ بىلەن باش ساقىي يۈسۈپكە ئۆز چۈشىنى ئېيتىپ بېرىپ: «چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر ئۈزۈم تېلى تۇرغىنىنى كۆردۈم. 10 بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ شېخى بار ئىكەن. مانا، ئۇ بىخلاپ، كۆكلەپ، چېچەكلەپ، ساپاقلىرىدا ئۈزۈم پىشىپ ساڭگىلاپ تۇرۇپتۇ. 11 فىرئەۋننىڭ قەدىھىنى قولۇمدا تۇتۇپ، ئۈزۈملەرنى ئېلىپ فىرئەۋننىڭ قەدىھىگە سىقىپ، قەدەھنى ئۇنىڭ قولىغا بەردىم» دېدى. 12 يۈسۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «چۈشنىڭ تەبىرى شۇكى: بۇ ئۈچ شاخ ئۈچ كۈن دېمەكتۇر. 13 ئۈچ كۈن ئىچىدە فىرئەۋن ساڭا ئىززەت ئاتا قىلىپ، سېنى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىڭگە ئولتۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن بۇرۇن فىرئەۋنگە ساقىي بولغاندا قىلغىنىڭدەك، يەنە ئۇنىڭ قولىغا قەدەھ بېرىدىغان بولىسەن. 14 لېكىن ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ ماڭا غەمخورلۇق قىلغايسەن. فىرئەۋننىڭ ئالدىدا مەن توغرۇلۇق گەپ قىلىپ، مېنى بۇ ئۆيدىن چىقارتقايسەن. 15 چۈنكى مەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق ئېلىپ كېتىلدىم. بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم».
16 باش ناۋاي بولسا يۈسۈپنىڭ ياخشى تەبىر بەرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «مەنمۇ بىر چۈشنى كۆردۈم. مانا، بېشىمدا ئۈچ سېۋەت ئاق نان بار ئىكەن. 17 ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە فىرئەۋن يەيدىغان ھەر خىل نانلار بار ئىكەن. لېكىن قۇشلار بېشىمدىكى سېۋەتتىن ئۇلارنى يېمەكتە ئىكەن» دېدى. 18 يۈسۈپ جاۋاب بېرىپ: «چۈشنىڭ تەبىرى شۇكى: بۇ ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈن دېمەكتۇر. 19 ئۈچ كۈن ئىچىدە فىرئەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، سېنى دارغا ئاسىدۇ ۋە قۇشلار كېلىپ، گۆشۈڭنى يەيدۇ» دېدى.
20 ئۈچىنچى كۈنى فىرئەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىي ۋە باش ناۋاينىڭ «بېشىنى كۆتۈردى»، 21 شۇنداقكى ئۇ باش ساقىينى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇ يەنە فىرئەۋننىڭ قولىغا قەدەھ بېرىدىغان بولدى. 22 لېكىن باش ناۋاينى يۈسۈپ تەبىر بەرگەندەك دارغا ئېسىۋەتتى. 23 ئەمما باش ساقىي، يۈسۈپنى ئەسلىمەي ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى.