يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئۆيىدە
39
1 يۈسۈپ مىسىرغا كەلتۈرۈلگىنىدە، فىرئەۋننىڭ بىر ئوردا ئەمەلدارى، ئۇنىڭ ياساۋۇل بېگى پوتىفار، ئۇنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىلىيلارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. 2 لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 3 ئۇنىڭ خوجايىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا يار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىغا مۇۋەپپەقىيەت كەلتۈرۈپ بەرگىنىنى كۆردى. 4 شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. خوجايىنى ئۇنى ئۆز ئۆيىنىڭ غوجىدارى قىلىپ تەيىنلەپ، بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 5 ئۇ ئۇنى ئۆيى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويغاندىن تارتىپ، پەرۋەردىگار بۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆيىگە يۈسۈپنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەت ئاتا قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۆيىدىكى ۋە دالادىكى پۈتۈن بارلىقىغا كەلدى. 6 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پۈتۈن بارلىقىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى يەيدىغان ناندىن باشقا نەرسە بىلەن كارى بولمىدى. يۈسۈپ قەددى-قامىتى كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى.
7 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يۈسۈپكە ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتقىن» دېدى. 8 ئەمما ئۇ ئۇنىماي، خوجايىنىنىڭ ئايالىغا: «مانا، خوجايىنىم ئۆيدىكى مېنىڭ قولۇمدا بولغان بارلىق نەرسىلىرى بىلەن كارى يوق. ئۇ پۈتۈن بارلىقىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرۇپ قويدى. 9 بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ كىشى يوق. سەندىن باشقا ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى، چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ بۇنداق يامانلىقنى قىلىپ، خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟» دېدى. 10 ئۇ ھەر كۈنى يۈسۈپكە گەپ قىلسىمۇ، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ياتمىدى، ئۇنىڭغا يېقىن يولىمىدى.
11 بىر كۈنى ئۆيدىكىلەردىن ھېچكىم يوق ۋاقتىدا، يۈسۈپ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆيگە كىرسە، 12 بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىغا ئېسىلىۋېلىپ: «مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتقىن» دېدى. يۈسۈپ تونىنى ئۇنىڭ قولىدا قالدۇرۇپ قويۇپ، قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. 13 ئايال ئۇنىڭ ئۆز تونىنى ئۇنىڭ قولىدا قالدۇرۇپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتكىنىنى كۆرگەندە، 14 ئۆيىدىكى خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «قاراڭلار، بىزگە ھاقارەت قىلسۇن دەپ، ئېرىم بىر ئىبرانىي ئادەمنى بىزگە ئېلىپ كەلدى! بۇ ئادەم قېشىمغا كىرىپ، مەن بىلەن بىللە ياتماقچى بولدى، لېكىن مەن قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدىم. 15 ئۇ مېنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلىغاندا ئۆز تونىنى يېنىمغا تاشلاپ قويۇپ، قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى» دېدى. 16 ئۇ ئۇنىڭ تونىنى خوجايىنى ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە ئۆز يېنىدا ساقلاپ قويدى. 17 ئاندىن ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش گەپ قىلىپ: «سەن ئېلىپ كەلگەن ئىبرانىي قۇل ماڭا ھاقارەت قىلىشقا قېشىمغا كىردى. 18 لېكىن مەن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىسام، ئۇ ئۆز تونىنى يېنىمغا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى» دېدى. 19 ئۇنىڭ خوجايىنى ئۆز ئايالىنىڭ: «سېنىڭ قۇلۇڭ ماڭا ئۇنداق قىلدى-مۇنداق قىلدى» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، قاتتىق غەزەپكە كەلدى. 20 خوجايىنى يۈسۈپنى تۇتۇپ، پادىشاھنىڭ مەھبۇسلىرى سولانغان ئوردا زىندانىغا سولاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە سولاقتا يېتىپ قالدى.
يۈسۈپنىڭ سولاقتا يېتىشى
21 لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، گۇندىپاينىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. 22 شۇنداقكى، گۇندىپاي زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. ئۇ يەردىكى ھەممە ئىشلارغا ئۇ مەسئۇل ئىدى. 23 گۇندىپاي ئۇنىڭ قولىدىكى ھېچ ئىشتىن ئەندىشە قىلمايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولغاچقا، ھەممە ئىشلىرىدا پەرۋەردىگار ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلاتتى.