يەھۇدا بىلەن تامار
38
‏1 ئۇ كۈنلەردە يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، ئادۇللاملىك خىرا ئىسىملىك بىر كىشىنىڭكىگە چۈشتى. ‏2 ئۇ يەردە يەھۇدا شۇئا ئىسىملىك كەنئانلاردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قىزىنى كۆرۈپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. ‏3 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. يەھۇدا ئۇنىڭغا ئېر دەپ ئات قويدى. ‏4 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭغا ئونان دەپ ئات قويدى. ‏5 ئاندىن ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا شېلا دەپ ئات قويدى. ئۇ تۇغۇلغاندا يەھۇدا كېزىبتا ئىدى. ‏6 يەھۇدا ئۆز تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. ‏7 لېكىن يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈردى. ‏8 يەھۇدا ئونانغا: «سەن ئۆز ئاكاڭنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغىن، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئاكاڭ ئۈچۈن نەسىل قالدۇرغىن» دېدى. ‏9 ئەمما ئونان بۇ نەسىلنىڭ ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا، ئۆزىنىڭ مەنىيسىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. ‏10 لېكىن ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغاچقا، ئۇ ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى.
‏11 ئاندىن يەھۇدا كېلىنى تامارغا: «ئوغلۇم شېلا چوڭ بولغۇچە سەن ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن» دېدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە: ئۇمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتەرمىكىن دەپ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
‏12 ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەھۇدانىڭ ئايالى بولغان شۇئانىڭ قىزى ۋاپات بولدى. يەھۇدا ماتەم تۇتۇپ تەسەللى تاپقاندىن كېيىن، ئادۇللاملىق دوستى خىرا بىلەن بىللە قوي قىرقىغۇچىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن تىمناھقا چىقتى. ‏13 تامارغا: «قېيناتاڭ قويلىرىنى قىرقىغىلى تىمناھقا چىقىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر يەتكەندە، ‏14 ئۇ تۇللۇق كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، چۈمبىلىنى تارتىپ، يۆگىنىپ، تىمناھ يولىنىڭ ئۈستىدىكى ئەنائىمنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ ئولتۇردى. چۈنكى ئۇ، شېلا چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمىگىنىنى كۆرگەنىدى. ‏15 ئۇ يۈزىنى يېپىۋالغىنى ئۈچۈن يەھۇدا ئۇنى بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. ‏16 ئۇ يولنىڭ چېتىگە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: «كەلگىن، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي» دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مەن بىللەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟» دېدى. ‏17 ئۇ ئۇنىڭغا: «پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي» دېدى. ئايال بولسا: «سەن ئۇنى ئەۋەتكۈچە ماڭا بىرەر نەرسە گۆرۈگە بېرەمسەن؟» دەپ سورىدى. ‏18 ئاندىن ئۇ: «ساڭا نېمىنى گۆرۈگە بېرەي؟» دەپ سورىدى. ئايال: «ئۆز مۆھۈرۈڭ، زۇننارىڭ ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى گۆرۈگە بەرگىن» دېدى. ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى ۋە ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ‏19 ئاندىن تامار ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ كېتتى. ئۇ چۈمبىلىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىمىنى كىيىۋالدى.
‏20 يەھۇدا بولسا ئۇ ئايالنىڭ قولىدىكى گۆرۈگە بەرگەنلىرىنى قايتۇرۇپ كەلسۇن دەپ ئادۇللاملىق دوستى ئارقىلىق ئوغلاقنى ئەۋەتتى. ئەمما ئۇ ئۇنى تاپالمىدى. ‏21 ئۇ شۇ جايدىكى ئادەملەردىن: «ئەنائىم يولىنىڭ بويىدا ئولتۇرغان پاھىشە ئايال قېنى؟» دەپ سورىسا، ئۇلار: «بۇ يەردە ھېچبىر پاھىشە ئايال يوق ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى. ‏22 بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: «مەن ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇ جايدىكى خەلقمۇ: ‹بۇ يەردە ھېچبىر پاھىشە ئايال يوق ئىدى› دېيىشتى» دېدى. ‏23 يەھۇدا: «بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ تۇتۇپ قالسۇن. ئۆزىمىزنى خىجالەتكە قويمايلى. قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئوغلاقنى ئەۋەتتىم. لېكىن سەن ئۇ ئايالنى تاپالمىدىڭ» دېدى.
‏24 ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن يەھۇداغا: «سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، بۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. يەھۇدا: «ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، ئۇ كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن» دېدى. ‏25 لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىرىلغىنىدا، ئۆز قېيناتىسىغا: «مەن مانا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدىم. ئەمدى سەن بۇ مۆھۈر، زۇننار ۋە ھاسا كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باققىن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. ‏26 يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ قېلىپ: «مەن ئۇنى ئوغلۇم شېلاغا ئېلىپ بەرمىگەچكە، ئۇ مەندىن بەكرەك ھەقلىقتۇر» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىللە بولمىدى.
‏27 ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، مانا، قورسىقىدا قوشكېزەك بار ئىدى. ‏28 تۇغۇتتا، بالىلاردىن بىرىسى قولىنى چىقىرىۋىدى، تۇغۇت ئانىسى دەرھال بىر توق قىزىل يىپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا چىگىپ قويۇپ: «بۇ ئاۋۋال چىقتى» دېدى. ‏29 لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، بۇ ئەسنادا مانا ئۇنىڭ قېرىندىشى تۇغۇلدى. تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ؟» دېدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا پەرەز دەپ ئىسىم قويۇلدى.    ‏30 ئاندىن كېيىن قولىغا توق قىزىل يىپ چىگىلگەن قېرىندىشى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمى زېراھ دەپ قويۇلدى.