يۈسۈپنىڭ مىسىرغا سېتىلىشى
37
1 لېكىن ياقۇب كەنئان زېمىنىدا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە تۇرۇپ قالدى. 2 ياقۇبنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قويلارنى باقاتتى. ئۇ ياش يىگىت بولغاچ، ئاتىسىنىڭ بىلھا ۋە زىلپا دېگەن خوتۇنلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا خەۋەر قىلىپ تۇراتتى. 3 يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىلىقىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئىسرائىل ئۇنى باشقا ھەممە ئوغۇللىرىدىن ياخشى كۆرەتتى. شۇنداقكى، ئۇ ئۇنىڭغا گۈزەل رەڭلىك بىر تون تىكتۈرۈپ بەردى. 4 ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ھەممە قېرىنداشلىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگىنىدە، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىشتى، ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلالمايدىغان بولدى.
5 بىر كۈنى، يۈسۈپ بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 6 يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئاڭلاڭلار. 7 مانا، بىز ئېتىزلىقتا تۇرۇپ، بۇغداي باغلاۋاتقانىدۇق. قارىسام، مېنىڭ بۇغداي ئۆنچەم قوپۇپ، ئۆرە تۇرۇپتۇ. سىلەرنىڭ بۇغداي ئۆنچىلىرىڭلار بولسا چۆرىسىگە يىغىلىپ، مېنىڭ ئۆنچەمگە تەزىم قىلىپتۇ» دېدى. 8 ئاكىلىرى ئۇنىڭغا: «ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولۇپ، ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟» دەپ، ئۇنىڭ چۈشى ۋە سۆزلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. 9 كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۆز ئاكىلىرىغا دەپ بېرىپ: «مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، كۈن، ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپتۇ» دېدى. 10 ئۇ بۇنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەرگىنىدە، ئاتىسى ئۇنى ئەيىبلەپ: «بۇ كۆرگىنىڭ قانداق چۈش؟ ئەجەبا مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، ساڭا يەرگە ئېگىلىپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟» دېدى. 11 ئاكىلىرى بولسا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشاتتى. ئەمما ئاتىسى دېيىلگەنلەرنى يادىدا ساقلىدى.
12 يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەندە، 13 ئىسرائىل يۈسۈپكە: «ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ كەلگىن، مەن سېنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتەي» دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن تەييار» دەپ جاۋاب بەردى. 14 ئۇ ئۇنىڭغا: «سەن ئاكىلىرىڭ ۋە پادىلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بېرىپ، ماڭا خەۋەر ئېلىپ كەلگىن» دەپ ئۇنى خېبرون ۋادىسىدىن يولغا سالدى. ئۇ شەكەمگە يېتىپ بېرىپ، 15 دالادا تېنەپ يۈرگەندە، بىر ئادەم ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىزدەۋاتىسەن؟» دەپ سورىدى. 16 ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەيمەن. ئۇلارنىڭ قەيەردە پادا بېقىۋاتقانلىقىنى ماڭا دەپ بەرگىنە» دېدى. 17 ئۇ ئادەم: «ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى. مەن ئۇلارنىڭ: ‹يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى› دېگىنىنى ئاڭلىدىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندا تاپتى.
18 ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارغا يېتىپ كەلمەستە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. 19 ئۇلار ئۆزئارا كۇسۇلدىشىپ: «مانا، چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ! 20 كېلىڭلار، ئەمدى بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ يەردىكى قۇدۇقلارنىڭ بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ‹بىر يىرتقۇچ ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ› دەپ قويايلى. قېنى بىر كۆرەيلى، ئۇنىڭ چۈشلىرى نېمە بولىدىكىن!» دېيىشتى. 21 ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: «ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى» دېدى. 22 رۇبەن ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا سالامەت قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە ئۇلارغا يەنە: «سىلەر قان تۆكمەڭلار! ئۇنى چۆلدىكى بۇ قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلار» دېدى.
23 يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار يۈسۈپنىڭ كىيگەن گۈزەل رەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، 24 ئۆزىنى تۇتۇپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە تاشلىۋەتتى. قۇدۇق قۇرۇق ئىدى، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى. 25 ئاندىن كېيىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا، ئىسمائىلىيلارنىڭ بىر توپ كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، مەلھەم ۋە مۇرمەككى ئارتىپ مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. 26 يەھۇدا ئاكا-ئۇكىلىرىغا: «ئۆز ئۇكىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى بار؟ 27 كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىلىيلارغا ساتايلى. بىزنىڭ قولىمىز ئۇنىڭغا تەگمىسۇن، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ۋە قاندىشىمىز» دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا ماقۇل بولدى. 28 مىدىياندىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئىسمائىلىيلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە ساتتى. ئىسمائىلىيلار يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
29 رۇبەن قۇدۇققا قايتىپ كەلگەندە، يۈسۈپنىڭ قۇدۇقتا يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، 30 ئۇكىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «بالا يوق! ئەمدى مەن نەگە باراي؟» دېدى. 31 ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ، توننى قانغا مىلەپ، 32 بۇ گۈزەل رەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ: «بۇنى بىز تېپىۋالدۇق. بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن» دېدى. 33 ئۇ توننى تونۇپ: «بۇ مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن. بىر يىرتقۇچ ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ. يۈسۈپ شەكسىز تىتما-تىتما قىلىنىپتۇ» دېدى. 34 شۇنىڭ بىلەن ياقۇب كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز رەخت باغلاپ، نەچچە كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. 35 ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكە تىرىشتى، لېكىن ئۇ تەسەللى تاپقىلى ئۇنىماي: «مەن گۆرگە چۈشۈپ، ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە ماتەم تۇتىمەن» دېدى. ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكتى.
36 ئەمدى مىدىيانلۇقلار يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، فىرئەۋننىڭ ئوردا ئەمەلدارى، ياساۋۇل بېگى پوتىفارغا ساتتى.