ئەساۋنىڭ ئاۋلادلىرى
36
‏1 ئېدوم دەپ ئاتالغان ئەساۋنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق: ‏2 ئەساۋ ئۆز ئاياللىرىنى كەنئانلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى. ئۇ ھېتىتلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئادا ۋە خىۋۋىيلاردىن بولغان زىبوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىبامانى ئالدى. ‏3 ئۇ ئىسمائىلنىڭ قىزى، نەبايوتنىڭ سىڭلىسى بولغان باسىماتنىمۇ خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. ‏4 ئادادىن ئەساۋغا ئەلىفاز تۇغۇلدى. باسىمات بولسا رېھۇئەلنى تۇغدى. ‏5 ئوھولىباما بولسا يەئۇش، يالام ۋە قوراھنى تۇغدى. بۇلار ئەساۋنىڭ كەنئان زېمىنىدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى.
‏6 ئەساۋ ئۆز ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرى، چارۋا مال، بارلىق ئۇلاغلىرى ۋە كەنئان زېمىنىدا تاپقان ھەممە مال-مۈلكىنى ئېلىپ، ئۇكىسى ياقۇبتىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى. ‏7 چۈنكى ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئۇلار بىر يەردە بىللە ياشاپ تۇرالمىدى ۋە ئۇلار مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن پادىلىرىغا يېتىشمەي قالدى. ‏8 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەساۋ ئېدوم دەپ ئاتالغان سېئىر تاغلىقىغا بېرىپ تۇرۇپ قالدى.
 
‏9 سېئىر تاغلىقلىرىدىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولغان ئەساۋنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداق:
‏10 ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: ئەلىفاز ئەساۋنىڭ ئايالى ئادانىڭ ئوغلى ئىدى ۋە رېھۇئەل ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى ئىدى.
‏11 ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى تېمان، ئومار، زېفو، گاتام ۋە قېناز ئىدى.
‏12 ئەساۋنىڭ ئوغلى ئەلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئەلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. بۇلار ئەساۋنىڭ خوتۇنى ئادانىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
‏13 رېھۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ناھات، زېراھ، شامما ۋە مىززا ئىدى. ئۇلار ئەساۋنىڭ خوتۇنى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
‏14 زىبوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىبامانىڭ ئەساۋغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى يەئۇش، يالام ۋە قوراھ ئىدى.
 
‏15 ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئەمىرلەر بولسا ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زېفو، ئەمىر قېناز، ‏16 ئەمىر قوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك ئىدى. بۇلار ئېدوم زېمىنىدىكى ئەلىفازنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر بولۇپ، ئادانىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
‏17 ئەساۋنىڭ ئوغلى رېھۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ئەمىر ناھات، ئەمىر زېراھ، ئەمىر شامما ۋە ئەمىر مىززا ئىدى. بۇلار ئېدوم زېمىنىدىكى رېھۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان، ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
‏18 ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىبامانىڭ ئوغۇللىرى ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يالام ۋە ئەمىر قوراھ ئىدى. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىبامادىن تۇغۇلغان ئەمىرلەر ئىدى. ‏19 مەزكۇرلار ئېدوم دەپ ئاتالغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
 
‏20 ئۇشبۇ زېمىندا ئولتۇراقلىق خورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى لوتان، شوبال، زىبون، ئاناھ، دىشون، ئەزەر ۋە دىشان ئىدى. ‏21 بۇلار خورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدىكى سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
‏22 لوتاننىڭ ئوغۇللىرى خورى ۋە ھېمام ئىدى. تىمنا بولسا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى.
‏23 شوبالنىڭ ئوغۇللىرى ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى.
‏24 زىبوننىڭ ئوغۇللىرى ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. ئاتىسى زىبوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىپ تۇرغىنىدا، چۆلدە ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھ دېگەن كىشى شۇ ئىدى.
‏25 دىشون ئاناھنىڭ ئوغلى ئىدى ۋە ئوھولىباما ئاناھنىڭ قىزى ئىدى.
‏26 دىشوننىڭ ئوغۇللىرى خەمدان، ئەشبان، يىتران ۋە كەران ئىدى.
‏27 ئەزەرنىڭ ئوغۇللىرى بىلھان، زائاۋان ۋە ئاقان ئىدى.
‏28 دىشاننىڭ ئوغۇللىرى ئۇز ۋە ئارران ئىدى.
 
‏29 خورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولسا ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبون، ئەمىر ئاناھ، ‏30 ئەمىر دىشون، ئەمىر ئەزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار خورىي ئەمىرلەر بولۇپ، سېئىر زېمىنىدا ئۆز ئەمىرلىكىدە تۇردى.
 
‏31 بەنى ئىسرائىلغا تېخى ھېچقانداق پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلماستا، ئېدوم زېمىنىدا تۆۋەندىكى پادىشاھلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى:
‏32 بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھابا ئىدى.
‏33 بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزرادىن كەلگەن زېراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
‏34 يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن خۇشام ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
‏35 خۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. ئۇ موئاب يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.   
‏36 ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، شەرقتىن كەلگەن ساملا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
‏37 ساملا ئۆلگەندىن كېيىن، دەريانىڭ بويىدىكى رەخوبوتتىن كەلگەن شائۇل ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
‏38 شائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
‏39 ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مېزاھابنىڭ نەۋرىسى، ماترەدنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى مەھېتابەل ئىدى.
 
‏40 ئەساۋدىن يېيىلغان ئەمىرلەرنىڭ ئىسىملىرى بولسا ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە مۇنداق: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋا، ئەمىر يەتەت، ‏41 ئەمىر ئوھولىباما، ئەمىر ئېلا، ئەمىر پىنون، ‏42 ئەمىر قېناز، ئەمىر تېمان، ئامىر مىبسار، ‏43 ئەمىر ماگدىئەل ۋە ئەمىر ئىرام ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان زېمىندا، تۇرغان جايلىرى بويىچە، ئېدومنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى، مانا، بۇ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋدۇر.