ياقۇبنىڭ بەيتەلگە بېرىشى
35
‏1 ئاندىن كېيىن خۇدا ياقۇبقا: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بەيتەلگە چىققىن. ئۇ يەردە، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ بارغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن خۇداغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالغىن» دېدى. ‏2 شۇنىڭ بىلەن ياقۇب ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارغا: «سىلەر ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلاڭلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ كىيىملىرىڭلارنى ئالماشتۇرۇڭلار. ‏3 بىز بۇ يەردىن چىقىپ، بەيتەلگە بارىمىز. ئۇ يەردە مەن ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغاندا دۇئايىمنى قوبۇل قىلىپ، ماڭغان يولۇمدا مەن بىلەن بىللە بولغان خۇداغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالماقچىمەن» دېدى. ‏4 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىدىكى ھەممە يات ئىلاھ بۇتلىرى ۋە قۇلاقلىرىدىكى زىرىلىرىنى چىقىرىپ، ياقۇبقا بەردى. ياقۇب بۇلارنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى. ‏5 ئاندىن كېيىن ئۇلار يولغا چىقتى. ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگە خۇدا تەرىپىدىن بىر قورقۇنچ كەلگەچكە، ئۇلار ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرىنى قوغلىمىدى. ‏6 بۇ تەرىقىدە ياقۇب ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغان خەلق كەنئان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايغا، يەنى بەيتەلگە، يېتىپ كەلدى. ‏7 ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدى. ئۇ ئاكىسىدىن قېچىپ بارغاندا، خۇدا ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنگەچكە، بۇ جاينىڭ نامىنى ئەل-بەيتەل قويدى.   
‏8 رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دېبورا ئۇ يەردە ۋاپات بولۇپ، بەيتەلنىڭ تۆۋىنىدە بىر دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ دەرەخكە ئاللون-باخۇت دەپ ئات قويۇلدى.    ‏9 ياقۇب پاددان-ئارامدىن قايتىپ كەلگىنىدە، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ‏10 خۇدا ئۇنىڭغا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇبتۇر. ئەمما بۇندىن كېيىن سەن ياقۇب دەپ ئاتالمايسەن، بەلكى ئىسمىڭ ئىسرائىل بولىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل دەپ قويدى. ‏11 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا: «مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نەسىل قالدۇرۇپ كۆپەيگىن. بىر خەلق، ھەتتا نۇرغۇن خەلقلەر سەندىن پەيدا بولىدۇ، پادىشاھلار سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ. ‏12 مەن ئىبراھىم ۋە ئىسئھاققا بەرگەن بۇ زېمىننى ساڭا بېرىمەن. سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگىمۇ بۇ زېمىننى بېرىمەن» دېدى. ‏13 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرى چىقىپ كەتتى. ‏14 ياقۇب خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايغا بىر تاش تۈۋرۈكنى، خاتىرە تۈۋرۈك قىلىپ تىكلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى قۇيدى ۋە ئۈستىگە ياغ تۆكتى.    ‏15 ياقۇب خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جاينى بەيتەل دەپ ئاتىدى.   
 
راھىلەنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىشى
‏16 ئاندىن كېيىن ئۇلار بەيتەلدىن مېڭىپ كېتىپ، ئەفراتاغا ئاز قالغاندا راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ قېلىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قىينالدى. ‏17 ئەمما تولغىقى قاتتىق ئېغىرلاشقاندا، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: «قورقمىغىن. بۇ نۆۋەت يەنە بىر ئوغۇل تۇغىسەن» دېدى. ‏18 لېكىن راھىلە ئۆلەي دېگەنىدى، ئۇ ئاخىرقى نەپىسىدە، ئۇنىڭغا بەن-ئونى دەپ ئات قويدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى بەنيامىن دەپ ئاتىدى.    ‏19 بۇ تەرىقىدە راھىلە ۋاپات بولۇپ، بەيتلەھەم دەپ ئاتالغان ئەفراتانىڭ يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. ‏20 ياقۇب ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تاش تۈۋرۈكىنى تىكلەپ قويدى. بۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە «راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ خاتىرە تېشى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
 
ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرى
‏21 ئاندىن ئىسرائىل كۆچۈپ، مىگدال-ئېدارنىڭ ئۇ تەرىپىدە چېدىرىنى تىكتى. ‏22 ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنى بىلھا بىلەن بىللە ياتتى ۋە ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى.
ياقۇبنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى:
 
ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرى – ئىسھاقنىڭ ۋاپات بولۇشى
‏23 لېيادىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى بولسا ياقۇبنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن ئىدى. ‏24 راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بەنيامىن ئىدى. ‏25 راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھادىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى دان ۋە نافتالى ئىدى. ‏26 لېيانىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى گاد ۋە ئاشەر ئىدى. بۇلار ياقۇبنىڭ پاددان-ئارامدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى.
 
ئىسھاقنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى
‏27 ياقۇب ئاتىسى ئىسئھاقنىڭ يېنىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسئھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىريات-ئاربا، يەنى خېبروندىكى مامرەگە كەلدى. ‏28 ئىسئھاق بىر يۈز سەكسەن يىل ئۆمۈر كۆردى. ‏29 ئىسئھاق قېرىپ قېلىپ، كۈنلىرى توشۇپ، ئاخىرقى نەپىسىنى بېرىپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ ۋە ياقۇب ئۇنى دەپنە قىلدى.