شەكەمنىڭ دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشى
34
1 بىر كۈنى، لېيانىڭ ياقۇبقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىنا ئۇ يۇرتنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىققىنىدا، 2 ئۇ يەرنىڭ ئەمىرى بولغان خىۋۋىي خامورنىڭ ئوغلى شەكەم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى. 3 ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇبنىڭ قىزى دىناغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئاشق بولدى، ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىنى ئىژھار قىلدى. 4 شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاتىسى خامورغا: «بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگىن» دېدى. 5 ياقۇب بولسا ئۆز قىزى دىنانىڭ نومۇسىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئەمما ئوغۇللىرى ماللىرى بىلەن دالادا بولغاچقا، ياقۇب ئۇلار كەلگۈچە ئۈن چىقماي سۈكۈتتە تۇردى. 6 شەكەمنىڭ ئاتىسى خامور بولسا ياقۇبنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى چىقتى. 7 ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرى دالادىن قايتىپ كەلگەندە بۇنى ئاڭلىدى. ئۇلار شەكەم ياقۇبنىڭ قىزى بىلەن يېتىپ، ئىسرائىل ئىچىدە قىلغۇسىز يامان ئىشنى قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن رەنجىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. 8 خامور ئۇلارغا: «ئوغلۇم شەكەم قىزىڭلارنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەرگەيسىلەر. 9 بىز بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ، قىزلىرىڭلارنى بىزگە بېرىڭلار ۋە بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار. 10 ئارىمىزدا تۇرۇڭلار. مانا، بۇ زېمىندا ئەركىن ماكان تۇتۇپ، ئوقەت قىلىپ، يەر–مۈلۈك ئېلىڭلار» دېدى. 11 شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىغا: «نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام، ماڭا نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي. 12 دەرۋەقە مەندىن قانچىلىك تويلۇق ۋە ھەدىيەلەر سورىساڭلار، مەن ھەممىنى ئېيتقىنىڭلارچە بېرىمەن. پەقەت بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلارلا بولدى» دېدى. 13 ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، شەكەم ئۇلارنىڭ سىڭلىسى دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەچكە، ئۇنىڭغا ۋە ئاتىسىغا ھىيلە بىلەن جاۋاب بېرىپ، 14 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنداق قىلالمايمىز، سىڭلىمىزنى خەتنىسىز بىر كىشىگە بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بىز ئۈچۈن نومۇس بولىدۇ. 15 پەقەت بىر شەرت بىلەن، يەنى سىلەرمۇ بىزدەك بولۇپ، ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەر كىشى خەتنە قىلىنسا، بىز تەلىپىڭلارغا ماقۇل بولىمىز. 16 شۇنداق بولغاندا قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ۋە ھەم سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز. ئاراڭلاردا ياشاپ، بىر خەلق بولۇپ قالىمىز. 17 ئەمما خەتنە قىلىنىشقا ئۇنىمىساڭلار، بىز قىزىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز». 18 ئۇلارنىڭ سۆزلىرى خامور ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شەكەمنىڭ قۇلىقىغا ياقتى. 19 يىگىت مۇنداق قىلىشتىن ئىككىلەنمىدى، چۈنكى ئۇ ياقۇبنىڭ قىزىغا كۆيۈپ قالغانىدى. ئۇ ھەم ئۆز ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق كىشى ئىدى.
20 شۇنىڭ بىلەن خامور ئوغلى شەكەم بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ كىشىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ: 21 «بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن ئىناق ئۆتكۈسى بار ئىكەن. شۇڭا ئۇلار بۇ زېمىندا تۇرۇپ، ئوقەت قىلسۇن. مانا، زېمىن كەڭرى، ئۇلارغا يېتىپ ئاشىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئالايلى، ۋە ئۇلارمۇ بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالسۇن. 22 لېكىن پەقەت ئارىمىزدىكى ھەممە ئەركەكنى ئۇلار خەتنە قىلىنغاندەك خەتنە قىلساق، ئاندىن ئۇ ئادەملەر ئارىمىزدا تۇرۇپ، بىز بىلەن بىر خەلق بولۇشقا ئۇنايدىكېن. 23 بۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ھەممە چارۋا ماللىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا پەقەتلا ‹ماقۇل› دېسەك بولىدۇ» دېدى. 24 شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا يىغىلغانلارنىڭ ھەممىسى خامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغىلغان ئەركەكلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى. 25 ئەمما ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئاغرىق ياتقىنىدا، دىنانىڭ ئاكىلىرى بولغان ياقۇبنىڭ شىمون بىلەن لاۋىي دېگەن ئىككى ئوغلى قولىغا قىلىچ ئېلىپ، خاتىرجەم ھالدىكى شەھەرنى بېسىپ، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 26 ئۇلار خامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى ۋە دىنانى شەكەمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى. 27 ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرى، سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى دەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جايىغا كېلىپ، شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. 28 ئۇلار ئۇلارنىڭ قوي، كالا ۋە ئېشەكلىرىنى تارتىۋېلىپ، شەھەر ۋە ئېتىزلىقلاردىكى پۈتۈن بارلىقىنى ئېلىۋېلىپ، 29 ئۇلارنىڭ پۈتۈن مال-دۇنياسىنى بۇلاپ-تالاپ، خوتۇن ۋە بالا-چاقىلىرىنىمۇ ئۆي ئىچىدىكى بارچە نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتتى. 30 لېكىن ياقۇب شىمون ۋە لاۋىيغا: «سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، مېنى بۇ زېمىندىكى ئاھالە بولغان كەنئانلار ۋە پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلدىڭلار. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز. ئەمدى ئۇلار ماڭا قارشى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ تەرىقىدە مەن جەمەتىم بىلەن بىرگە يوق بولۇپ كېتىمەن» دېدى. 31 ئەمما ئۇلار: «سىڭلىمىزنى بىر پاھىشە ئايالدەك كۆرسە بولامدۇ؟» دېدى.