33
1 ياقۇب بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا، ئەساۋ تۆت يۈز كىشى بىلەن كېلىۋاتاتتى. ئۇ دەرھال بالىلىرىنى ئايرىپ لېيا، راھىلە ۋە ئىككى دېدىكىگە تاپشۇردى. 2 ئۇ ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئەڭ ئالدىدا ماڭدۇردى، ئاندىن لېيا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى، ئەڭ ئاخىرىدا راھىلە ۋە يۈسۈپنى ماڭدۇردى. 3 ئۆزى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يەتتە قېتىم يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 4 ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ، ئۇنى قۇچاقلاپ بوينىغا گىرە سېلىپ، ئۇنى سۆيدى. ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى. 5 ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: «بۇ يېنىڭدىكىلەر كىم بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. ياقۇب: «بۇلار خۇدا مەرھەمەت قىلىپ قۇلۇڭغا بەرگەن بالىلاردۇر» دېدى. 6 ئاندىن ئىككى دېدەك بالىلىرى بىلەن ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى، 7 ئاندىن لېيامۇ بالىلىرى بىلەن ئالدىغا كېلىپ، تەزىم قىلدى. ئاخىرىدا يۈسۈپ ۋە راھىلە ئالدىغا كېلىپ، تەزىم قىلدى. 8 ئەساۋ: «ماڭا ئۇچرىغان بۇ توپلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈندۇر؟» دېسە، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر» دېدى. 9 بىراق ئەساۋ: «ئەي ئۇكام، مەندە يەتكۈدەك بار. سېنىڭ نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن» دېدى. 10 ئەمما ياقۇب: «ياق، بولمايدۇ. ئەگەر مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇمدىن ھەدىيەمنى قوبۇل قىلغايسەن. چۈنكى سېنىڭ مەندىن رازى بولغان يۈزۈڭنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ يۈزىنى كۆرگەندەك بولدۇم. 11 ئەمدى مېنىڭ ساڭا كەلتۈرگەن ھەدىيەمنى قوبۇل قىلىپ ئالغايسەن. خۇدا ماڭا مەرھەمەت قىلغاچقا، ھەممە نەرسەم بار» دېدى. ياقۇب قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر قوبۇل قىلىپ ئالدى. 12 ئاندىن ئەساۋ: «ئەمدى بىز قوزغىلىپ ماڭايلى. مەن ئالدىڭدا ماڭاي» دېدى. 13 ياقۇب ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئەي خوجام، سەن بىلىسەن، بالىلار كىچىك ۋە قېشىمدا ئېمىتىدىغان قوي ۋە كالىلار بار. ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا زىيادە ماڭدۇرسام، پۈتۈن پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ. 14 شۇڭا، خوجام ئۆز قۇلىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. مەن ئالدىمدىكى پادا ۋە بالىلارنىڭ مېڭىشىغا قاراپ ئاستا-ئاستا مېڭىپ، ئۆز خوجامنىڭ قېشىغا سېئىرغا يېتىپ باراي» دېدى. 15 ئەساۋ ئۇنىڭغا: «ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قالدۇرۇپ كېتەي» دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: «بۇ لازىم ئەمەس. پەقەتلا خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپسام، شۇ ماڭا كۇپايە» دېدى. 16 شۇنىڭ بىلەن ئەساۋ شۇ كۈنى سېئىرغا قايتىپ كەتتى.
17 ياقۇب بولسا يولغا راۋان بولۇپ، سۇككوت دېگەن جايغا كەلدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆزىگە ئۆي ۋە ماللىرىغا لاپاس سالدى. شۇڭا بۇ يەر سۇككوت دەپ ئاتالدى. ■ 18 ياقۇب پاددان-ئارامدىن كەنئان زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرىگە تىنچ-ئامان كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. 19 ئۇ ئۇ يەرنىڭ چېدىر تىككەن پارچىسىنى شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان خامورنىڭ بالىلىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. 20 ئۇ بۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، نامىنى ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل دەپ ئاتىدى. ■