ياقۇبنىڭ ئەساۋ بىلەن ئەپلەشتۈرۈلۈشى
32
‏1 ئەتىسى لابان سەھەر تۇردى، نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلغاندىن كېيىن، يولغا چىقىپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. ‏2 ياقۇبمۇ ئۆز يولىغا راۋان بولدى. يولدا ئۇنىڭغا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇچرىدى. ‏3 ياقۇب ئۇلارنى كۆرگەندە: «بۇ خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن» دەپ بۇ جاينىڭ نامىنى ماخانائىم قويدى.    ‏4 ئاندىن ياقۇب ئۆزىنىڭ ئالدىدا سېئىر زېمىنىغا، ئېدوم تۇپراقلىرىغا ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا خەۋەرچىلەر ئەۋەتىپ، ‏5 ئۇلارغا جېكىلەپ: «سىلەر خوجام ئەساۋغا مۇنداق دەڭلار: ‹قۇلۇڭ ياقۇب: «مەن ھازىرغىچە لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ تۇردۇم. ‏6 ئەمدى بولسا مېنىڭ كالا، ئېشەك ۋە قويلىرىم بار، قۇل-دېدەكلىرىممۇ بار. ئەمدى خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىش ئۈچۈن ئالدىغا خەۋەرچىلەر ئەۋەتتىم» دەيدۇ› » دېدى.
‏7 خەۋەرچىلەر ياقۇبنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: «بىز ئاكاڭ ئەساۋنىڭ ئالدىغا باردۇق. ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىۋاتىدۇ» دېدى. ‏8 ياقۇب ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ، بىئارام بولدى. ئۇ ئۆز ئادەملىرىنى ۋە قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئىككى توپقا ئايرىدى، ‏9 چۈنكى ئۇ: «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ، بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىدى. ‏10 ئاندىن ياقۇب مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: «ئەي سەن، ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسئھاقنىڭ خۇداسى، ماڭا: ‹سەن ئۆز يۇرتۇڭغا تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتكىن. مەن ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن› دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار! ‏11 مەن سېنىڭ ئۆز خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن ھەممە مەرھەمەتلىرىڭ ۋە بارچە ۋاپادارلىقىڭنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن. چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە پەقەتلا بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ كىشى بولۇپ قايتىۋاتىمەن. ‏12 مەن ساڭا يالۋۇرىمەنكى، سەن مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن، چۈنكى ئۇ كېلىپ، مېنى، ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن دەپ قورقىمەن. ‏13 سەن: ‹مەن چوقۇم ساڭا كۆپ ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى نۇرغۇنلۇقىدىن دېڭىزنىڭ ساناقسىز قۇمىدەك قىلىمەن› دېگەنىدىڭ ئەمەسمۇ؟»
‏14 ئۇ شۇ كېچىسى ئۇ يەردە قوندى، ئاندىن قول ئىلكىدىكى ماللاردىن ئېلىپ، ئاكىسى ئەساۋغا سوۋغات ھازىرلاپ، ‏15 ئىككى يۈز چىشى ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق، يىگىرمە قوچقار، ‏16 تايلاقلىرى بىلەن قوشۇپ ئوتتۇز سېغىن تۆگە، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك، ئون ھاڭگا ئېشەكنى تاللىدى. ‏17 ئۇ بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم پادا قىلىپ، خىزمەتكارلىرىغا تاپشۇرۇپ ئۇلارغا جېكىلەپ: «سىلەر مەندىن ئىلگىرى مېڭىپ، ھەربىر توپ پادىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار» دېدى. ‏18 ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى پادىنى ھەيدىگۈچىگە بۇيرۇق بېرىپ: «ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچراپ سەندىن: ‹كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى ماللار كىمنىڭ؟› دەپ سورىسا، ‏19 سەن: ‹بۇلار قۇلۇڭ ياقۇبنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتىلگەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ› دېگىن» دېدى. ‏20 بۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككىنچىسى، ئۈچىنچىسى ۋە بارچە قالغان پادىلارنى ھەيدىگۈچىلەرگىمۇ بۇيرۇق بېرىپ: «ئەساۋ سىلەرگە ئۇچرىسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق دەڭلار. ‏21 سىلەرمۇ ‹مانا، قۇلۇڭ ياقۇب ئۆزىمۇ ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ› دەڭلار» دېدى. چۈنكى ئۇ: «مەن ئالدىن ئەۋەتكەن سوۋغات ئۇنى يۇمشىتىپ، كېيىن يۈزىنى كۆرسەم، ماڭا يۈز-خاتىرە قىلارمىكىن» دەپ ئويلىدى.
‏22 شۇنداق قىلىپ سوۋغاتلار ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مېڭىپ كەتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى شۇ كېچىمى بارگاھتا ئۆتكۈزدى.
‏23 ئۇ شۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوق دەرياسىنىڭ كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ‏24 ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھەممە تەئەللۇقاتىنىمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ قويدى.
‏25 ياقۇب ئۆزى بولسا ئارقىدا يالغۇز قالدى. بۇ چاغدا بىر كىشى كېلىپ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. ‏26 لېكىن بۇ كىشى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيدىغانلىقىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ يوتىسىنى تۇتتى. شۇنداقكى، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىۋاتقاندا ياقۇبنىڭ يوتا سۆڭىكى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى. ‏27 ئۇ كىشى: «مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى» دېسە، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «سەن ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلمىغۇچە سېنى قويۇپ بەرمەيمەن» دېدى. ‏28 ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن: «ئېتىڭ نېمە؟» دەپ سورىدى. «ئېتىم ياقۇب» دېدى ئۇ. ‏29 ئۇ ئۇنىڭغا: «سەن ئەمدى ياقۇب ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل دەپ ئاتىلىسەن. چۈنكى سەن خۇدا ۋە ئىنسان بىلەن چېلىشىپ، غالىب كەلدىڭ» دېدى.    ‏30 ياقۇب ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: «ئىسمىڭنى ماڭا دەپ بەرگەيسەن» دېسە، ئۇ: «نېمىشقا مېنىڭ ئىسمىمنى سورايسەن؟» دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ‏31 ياقۇب: «خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم ئامان قالدى» دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى پەنىئەل قويدى.    ‏32 ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا كۈن چىققانىدى. ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى. ‏33 شۇ سەۋەبتىن بەنى ئىسرائىل بۈگۈنكى كۈنگىچە يانپاشتىكى پەينى يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ياقۇبنىڭ يانپىشىدىكى پەيگە تەگكەنىدى.