ياقۇبنىڭ لاباننىڭ يېنىدىن قېچىشى
31
1 ئەمما ئۇ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ياقۇب ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ئېلىۋالدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى ئاتىمىزنىڭ تەئەللۇقاتىدىن كەلگەن» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدى. 2 ياقۇب لاباننىڭ چىرايىغا قارىسا، مانا، ئۇنىڭ چىرايى بۇرۇنقىدەك ئەمەس ئىدى. 3 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ياقۇبقا: «سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يۇرتىغا، تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتكىن. مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى. 4 شۇنىڭ بىلەن ياقۇب كىشى ئەۋەتىپ، راھىلە ۋە لېيانى ئۆز پادىسى تۇرغان دالاغا چاقىرتىپ كەلتۈرۈپ، 5 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مانا مەن ئاتاڭلارنىڭ چىرايىغا قارىسام، ماڭا بۇرۇنكىدەك كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا يار بولدى. 6 سىلەر كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاتاڭلارغا قىلغان خىزمىتىمنى بىلىسىلەر. 7 ئەمما ئاتاڭلار بولسا مېنى ئالداپ، ئون قېتىم ئىش ھەققىمنى ئۆزگەرتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. 8 لابان: ‹ئالا قوزىلار ئىش ھەققىڭ بولسۇن› دېگەندە، ھەممە مال ئالا قوزا تۇغدى، ‹تاغىل قوزىلار ئىش ھەققىڭ بولسۇن› دېگەندە، ھەممە مال تاغىل قوزا تۇغدى. 9 بۇ تەرىقىدە خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ماڭا بەردى. 10 ماللار جۈپلىشىدىغان ۋاقتىدا بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە، مانا، ماللارغا چاچراپ تۇرغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە ئالا-چىپار ئىكەن. 11 خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە ماڭا: ‹ئەي ياقۇب› دېدى. مەن جاۋاب بېرىپ: ‹مانا مەن› دېدىم. 12 ئۇ: ‹ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىغىن. مانا، ماللارغا چاچراپ تۇرغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە ئالا-چىپاردۇر، چۈنكى مەن لاباننىڭ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم. 13 مەن بەيتەلدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدادۇرمەن. سەن ئۇ يەرگە تاش تۈۋرۈك تىكلەپ ئۈستىگە ياغ قۇيۇپ، ماڭا بىر ۋەدە بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىندىن چىقىپ، ۋەتىنىڭگە قايتقىن› دېدى». 14 راھىلە ۋە لېيا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدە بىزگە تەگكۈدەك نېسىۋە ياكى مىراس قالدىمۇ؟ 15 بىز ئۇنىڭغا ياتتەك كۆرۈنمىدۇقمۇ؟ چۈنكى ئۇ بىزنى سېتىپ، تويلۇقىمىزنىمۇ يەپ كەتتى. 16 شۇنداق بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئاتىمىزدىن تارتىۋالغان بۇ دۆلەتنىڭ ھەممىسى بىزنىڭكى ۋە بالىلىرىمىزنىڭكى بولىدۇ. ئەمدى سەن خۇدانىڭ ساڭا دېگىنىدەك قىلغىن» دېيىشتى. 17 شۇنىڭ بىلەن ياقۇب قوزغىلىپ، بالىلىرى ۋە ئاياللىرىنى تۆگىلەرگە مىندۈرۈپ، 18 ھەممە ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ، بار-يوقىنى ۋە يىغقان ماللىرىنى، يەنى پاددان-ئارامدا تاپقان ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ئىسئھاقنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن كەنئان زېمىنىغا قاراپ يولغا چىقتى. 19 لابان قويلىرىنى قىرقىتقىلى كەتكىنىدە راھىلە ئۆز ئاتىسىنىڭ «ئۆي بۇتلىرى»نى ئوغرىلىۋالغانىدى. ■ 20 ياقۇب بولسا ئاراملىق لابانغا قېچىشىنى ئۇقتۇرماي ئوغرىلىقچە يولغا چىقتى. 21 ئۇ پۈتۈن بارلىقىنى ئېلىپ قېچىپ، فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گىلېئاد تېغىغا قاراپ ماڭدى.
22 ئەمما ئۈچىنچى كۈنى لابانغا ياقۇبنىڭ قاچقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. 23 ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى بىللە ئېلىپ، يەتتە كۈنلۈك يولغىچە كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، گىلېئاد تېغىدا ئۇنىڭغا يېتىشتى. 24 لېكىن كېچىسى خۇدا ئاراملىق لاباننىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا: «سەن ياقۇبقا ياخشى ياكى يامان گەپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغىن» دېدى. 25 لابان ياقۇبقا يېتىپ بارغاندا، ياقۇب ئۆز چېدىرىنى تاغنىڭ ئۈستىدە تىككەنىدى. لابانمۇ تۇغقانلىرى بىلەن گىلېئاد تېغىنىڭ ئۈستىدە چېدىر تىكتى. 26 لابان ياقۇبقا: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مەندىن ئوغرىلىقچە قېچىپ، قىزلىرىمنى قىلىچ بىلەن ئالغان ئەسىرلەردەك ئېلىپ كەتتىڭ! 27 نېمىشقا ماڭا ئېيتماي مەندىن ئوغرىلىقچە قېچىپ كەتتىڭ؟ بولمىسا، غەزەل ئوقۇپ، داپ ۋە لىرا چېلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە سېنى يولغا سالاتتىم ئەمەسمۇ؟ 28 مېنى ئۆز بالىلىرىم ۋە قىزلىرىمنى سۆيگىلىمۇ قويمىدىڭ. بۇ ئىشتا ئەخمەقلىق قىلدىڭ. ■ 29 سىلەرگە يامانلىق قىلىش قولۇمدىن كېلىدۇ، لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭنىڭ خۇداسى چۈشۈمدە ماڭا: ‹سەن ياقۇبقا ياخشى ياكى يامان گەپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغىن› دېدى. 30 ئەمدى سەن ئاتاڭنىڭ ئۆيىنى ناھايىتى سېغىنغاچقا، كېتىشنى خالاپسەن، ئەمما نېمىشقا مېنىڭ ئىلاھلىرىمنى ئوغرىلىدىڭ؟» دېدى. 31 ياقۇب لابانغا جاۋاب بېرىپ: «مەن سېنى قىزلىرىنى مەندىن تارتىۋالارمىكىن دەپ ئويلاپ قورققانىدىم. 32 ئەمدى كىمنىڭ قېشىدا سېنىڭ ئىلاھلىرىڭ تېپىلسا، ئۇ تىرىك قالمىسۇن. تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئالدىدا مەندە ئۆزۈڭگە تەۋە نېمە تېپىۋالساڭ، شۇنى ئېلىپ كەتكىن» دېدى. چۈنكى راھىلەنىڭ بۇ بۇتلارنى ئوغرىلاپ كەلگىنى ياقۇب بىلمەيتتى.
33 لابان ياقۇبنىڭ چېدىرىغا كىرىپ، ئاندىن لېيانىڭ چېدىرى ۋە ئىككى دېدىكىنىڭ چېدىرىغىمۇ كىرىپ، ھېچنېمە تاپالمىدى. ئۇ لېيانىڭ چېدىرىدىن چىقىپ، راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. 34 راھىلە بولسا ئۆي بۇتلىرىنى ئېلىپ، بۇلارنى تۆگىنىڭ چومىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان پۈتۈن چېدىرىنى ئاختۇرۇپ، ھېچنېمە تاپالمىدى. 35 راھىلە ئاتىسىغا: «ئەي دادام، ئالدىڭدا قوپالمىغىنىم ئۈچۈن خاپا بولمىغىن. چۈنكى مەن ئادەت كۆرۈپ قالدىم» دېدى. بۇ تەرىقىدە لابان قانچە ئىزدىسىمۇ، ئۆي بۇتلىرىنى تاپالمىدى. 36 شۇنىڭ بىلەن ياقۇب ئاچچىقلىنىپ، لابان بىلەن جېدەللىشىپ قالدى. ياقۇب لابانغا مۇنداق دېدى: «سەن مېنى كەينىمدىن مۇنچە جىددىي قوغلاپ كەلگۈدەك مەندە نېمە خاتالىق، نېمە گۇناھ بار؟ 37 سەن ئەمدى ھەممە مال-جابدۇقلىرىمنى ئاختۇرۇپ باققىنىڭدا سېنىڭ ئۆي جابدۇقلىرىڭدىن بىر نېمە تاپتىڭمۇ؟ ئەگەر بىر نېمە تاپقان بولساڭ، مېنىڭ تۇغقانلىرىم ۋە سېنىڭ تۇغقانلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويغىن. ئۇلار ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن. 38 مەن يىگىرمە يىل قېشىڭدا تۇرغىنىمدا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭ چالا تۇغۇپ قويغىنى يوق، مېلىڭنىڭ قوچقارلىرىنى يېگىنىممۇ يوق. 39 يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ پارچىلىۋاتقانلىرىنى ساڭا ئېلىپ كەلمەي، زىيىنىنى ئۆزۈم تۆلىدىم. كېچىسى ئوغرىلانغان بولسۇن ياكى كۈندۈزى، ھەر ئوغرىلانغان مالنى ماڭا تۆلەتتىڭ. 40 مەن كۈندۈزى ئىسسىقتىن، كېچىسى سوغۇقتىن قىينىلىپ، كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى. 41 بۇ تەرىقىدە مەن يىگىرمە يىلغىچە سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇردۇم. ئون تۆت يىل ئىككى قىزىڭ ئۈچۈن، ئالتە يىل پادىلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلدىم. ئەمما سەن ئون قېتىم ئىش ھەققىمنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭ. 42 ئەگەر ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسئھاق قورققان خۇدا مەن بىلەن بىللە بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتە سەن مېنى قۇرۇق قول قايتۇراتتىڭ. ئەمما خۇدا مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم ۋە قوللىرىمنىڭ مۇشەققىتىنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سېنى ئەيىبلەپتۇ».
43 لابان ياقۇبقا جاۋاب بېرىپ: «بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ بالىلار مېنىڭ بالىلىرىم، بۇ ماللار مېنىڭ ماللىرىم بولىدۇ. كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭكىدۇر. ئەمدى مەن بۈگۈن ئۆز قىزلىرىمغا ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقان بالىلىرىغا نېمە قىلاي؟ 44 ئەمدى كەل، مەن ۋە سەن ئىككىمىز ئەھدە تۈزەيلى. بۇ سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا گۇۋاھ بولسۇن» دېدى. 45 شۇنىڭ بىلەن ياقۇب بىر تاشنى ئېلىپ، خاتىرە تۈۋرۈك قىلىپ تىكلەپ قويدى. 46 ئاندىن ياقۇب تۇغقانلىرىغا: «تاش يىغىڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ، دۆۋىلەپ قويدى، ئاندىن ئۇ يەردە بۇ دۆۋىنىڭ يېنىدا تاماق يېيىشتى. 47 لابان بۇ دۆۋىنى يېگار-ساخادۇتا دەپ ئاتىدى. ياقۇب ئۇنىڭغا گالېئەد دەپ ئات قويدى. ■ 48 لابان: «بۇ دۆۋە بۈگۈن سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا گۇۋاھ بولسۇن» دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ جايغا گالېئەد دەپ ئات قويۇلدى. 49 لېكىن بۇ جاي مىسپاھمۇ دەپ ئاتالدى، چۈنكى لابان: «بىز بىر-بىرىمىزنىڭ قېشىدا بولمىغىنىمىزدا، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن كۆزىتىپ تۇرسۇن. ■ 50 ئەگەر سەن قىزلىرىمنى خورلىساڭ ياكى قىزلىرىمنىڭ ئۈستىگە باشقا خوتۇن ئالساڭ، يېنىمىزدا ھېچ كىشى بولمىسىمۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا خۇدانىڭ گۇۋاھ بولغىنىنى بىلگىن» دېدى. 51 لابان ياقۇبقا يەنە سۆزلەپ: «مانا، بۇ دۆۋىگە قارىغىن، مەن ئۆزۈم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەپ قويغان بۇ تاش تۈۋرۈككىمۇ نەزەر سالغىن. 52 بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈك شۇنىڭغا گۇۋاھ بولسۇنكى، مەن يامان نىيەت بىلەن بۇ دۆۋىدىن سەن تەرەپكە ئۆتمەيمەن، سەنمۇ يامان نىيەت قىلىپ بۇ دۆۋىدىن ۋە بۇ تۈۋرۈكتىن ئۆتۈپ مەن تەرەپكە كەلمەيسەن. 53 ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ناھورنىڭ خۇداسى، بۇ ئىككىلىسىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ خۇداسى ئارىمىزدا ھۆكۈم قىلسۇن» دېدى. ياقۇب بولسا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىسئھاق قورققان خۇدا بىلەن قەسەم قىلدى. 54 ئاندىن كېيىن ياقۇب تاغنىڭ ئۈستىدە سويۇم قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز تۇغقانلىرىنى غىزاغا چاقىردى. ئۇلار تاماق يەپ، كېچىسى تاغدا قوندى.