30
‏1 ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇبقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، راھىلە ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ، ياقۇبقا: «ماڭا بالا بەرگىن، بولمىسا ئۆلىمەن» دېدى. ‏2 ياقۇب راھىلەگە ئاچچىقلىنىپ: «مەن قورسىقىڭنىڭ مېۋىسىنى ساڭا بەرمىگەن خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟» دېدى. ‏3 راھىلە بولسا: «مانا، دېدىكىم بىلھا بۇ يەردە. سەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بول. ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن. ئۇ ئارقىلىق مەنمۇ ئەۋلادلىق بولۇپ قالاي» دېدى. ‏4 شۇنىڭ بىلەن راھىلە دېدىكى بىلھانى ئۇنىڭغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. ياقۇب ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. ‏5 بىلھا ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇبقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ‏6 راھىلە: «خۇدا مەن ئۈچۈن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، پەريادىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى دان دەپ قويدى.    ‏7 راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھا يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇبقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. ‏8 راھىلە: «مەن ئاچام بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، غالىب كەلدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى دەپ قويدى.   
‏9 لېيا ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن توختاپ قالغىنىنى كۆرگىنىدە، دېدىكى زىلپانى ياقۇبقا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. ‏10 لېيانىڭ دېدىكى زىلپا ياقۇبقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ‏11 لېيا: «بەختىم ئېچىلدى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى گاد دەپ قويدى.    ‏12 لېيانىڭ دېدىكى زىلپا ياقۇبقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. ‏13 لېيا: «مەن نەقەدەر بەختلىك! ئەمدى قىزلار مېنى بەختلىك دەپ قارايدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشەر دەپ قويدى.    ‏14 بۇغداي ئورمىسى ۋاقتىدا رۇبەن چىقىپ، دالادا دۇداي مېۋىسىنى تېپىۋالدى. ئۇ بۇلارنى ئانىسى لېياغا ئېلىپ بەرگەندە راھىلە لېياغا: «ئوغلۇڭنىڭ دۇداي مېۋىسىدىن بىرنەچچىنى ماڭىمۇ بەرگىنە» دېدى.    ‏15 ئۇ ئۇنىڭغا: «ئېرىمنى ئېلىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ دۇداي مېۋىسىدىنمۇ ئېلىۋېلىشنى ئويلامسەن؟» دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: «ئۇنداق بولسا ئۇ، ئوغلۇڭنىڭ دۇداي مېۋىسى ئۈچۈن، بۈگۈن كېچە سەن بىلەن بىللە بولسۇن» دېدى. ‏16 ئاخشىمى ياقۇب دالادىن كەلگىنىدە، لېيا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «مەن بىلەن ياتقىن، چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ دۇداي مېۋىسى بىلەن سېنى ئىجارىگە ئالدىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېچە ئۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ‏17 خۇدا لېيانىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىغاچقا، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇبقا بەشىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. ‏18 لېيا: «دېدىكىمنى ئېرىمگە بەرگىنىم ئۈچۈن خۇدا ماڭا ئەجرىمنى بەردى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار دەپ قويدى.    ‏19 لېيا يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇبقا ئالتىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. ‏20 لېيا: «خۇدا ماڭا ياخشى بىر ھەدىيە بەردى. ئەمدى ئېرىم مەن بىلەن تۇرماقچى بولىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن دەپ قويدى.    ‏21 ئاندىن كېيىن ئۇ بىر قىز تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى.
‏22 ئەمما خۇدا راھىلەنى ياد ئېتىپ، دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى. ‏23 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ: «خۇدا مېنى ھاقارەتتىن خالاس قىلدى» دېدى. ‏24 «پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر بالا بەرسۇن» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ دەپ قويدى.   
 
ياقۇب بىلەن لاباننىڭ ئارىسىدىكى كېلىشىم
‏25 راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇب لابانغا: «ئۆز يۇرتۇمغا، ئۆز ۋەتىنىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگىن. ‏26 مەن ساڭا خىزمەت قىلىپ ئېرىشكەن ئاياللىرىم ۋە بالىلىرىمنى ماڭا بەرگىن، ئاندىن مەن كېتەي. چۈنكى ساڭا قىلغان خىزمىتىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن» دېدى. ‏27 لابان ئۇنىڭغا: «كۆزۈڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام ئۆتۈنەي قالغىن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ خاتىرەڭدىن ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىنىنى سىناپ بىلىپ قالدىم. ‏28 ئەمدى ئالىدىغان ئىش ھەققىڭنى بېكىتكىن. ساڭا ئۇنى بېرەي» دېدى. ‏29 ياقۇپ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ساڭا قانداق خىزمەت قىلىپ كەلگىنىمنى، سېنىڭ ماللىرىڭنى قانداق باققىنىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ‏30 چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى، مانا، ھازىر ئىنتايىن كۆپەيىپ كەتتى. قەيەرگە مېنىڭ قەدىمىم يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئۆيۈم ئۈچۈن ئىشلەيمەن؟» دېدى. ‏31 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مەن ساڭا نېمە بېرەي؟» دېسە، ياقۇب ئۇنىڭغا: «سەن ماڭا ھېچنېمە بەرمىگىن. ماڭا پەقەت بىر ئىشنى قىلىپ بەرسەڭ، مەن يەنە سېنىڭ پادىلىرىڭنى بېقىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئالاي. ‏32 مەن بۈگۈن ھەممە چارۋا ماللىرىڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئالا-چىپار ۋە قارا قويلارنى، ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ چىپار بىلەن ئالىسىنى ئايرىپ قوياي. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. ‏33 كېيىن سەن ئىش ھەققىمنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن تەكشۈرگىلى كەلگىنىڭدە، مېنىڭ راستچىللىقىمنىڭ ماڭا گۇۋاھ بولۇشى ئۈچۈن: مەندىكى ئالا-چىپار بولمىغان ھەممە ئۆچكە ۋە قارا بولمىغان قويلارنىڭ ھەممىسى ئوغرىلانغان بولۇپ ھېسابلانسۇن» دېدى. ‏34 لابان: «ماقۇل، دېگىنىڭدەك بولسۇن» دېدى.
‏35 ئۇ كۈنى ئۇ تاغىل ۋە ئالا تېكىلەرنى، ئالا-چىپار، ھەمدە ئاز-تولا ئېقى بار ھەممە چىشى ئۆچكىلەرنى ۋە بارلىق قارا قويلارنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ‏36 ئاندىن ئۆزى بىلەن ياقۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىق بېكىتتى. بۇ تەرىقىدە ياقۇب لاباننىڭ قالغان پادىلىرىنى باقىدىغان بولدى.
‏37 لېكىن ياقۇب تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىنىڭ كۆك شاخلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يوللۇق قىلىپ شىلىپ، ئاق بالداقلار پەيدا قىلدى. ‏38 ئاندىن ئۇلارنى ماللارنىڭ ئالدىغا، ئۇلار سۇ ئىچىدىغان نور ۋە ئوقۇرلارغا قويدى. ماللار سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، ‏39 بۇ شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشسە، ئۇلار تاغىل، ئالا-چىپار قوزىلارنى تۇغاتتى. ‏40 ئاندىن كېيىن ياقۇب بۇ قوزىلارنى ئايرىپ قويدى ۋە قالغان ماللارنى لاباننىڭ پادىسىدىكى تاغىل ۋە قارا قوي ۋە ئۆچكىلەر تەرەپكە قارىتىپ قويدى. ئۇ ئۆز پادىلىرىنى لاباننىڭ پادىلىرىغا ئارىلاشتۇرماي ئايرىم باقتى. ‏41 ھەر قېتىم كۈچلۈكرەك ماللار جۈپلەشمەكچى بولغاندا، شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشسۇن دەپ، ياقۇب شاخلارنى ماللارنىڭ كۆز ئالدىغا ئوقۇرلارغا قويۇپ قوياتتى. ‏42 لېكىن ئاجىزراق ماللار جۈپلەشمەكچى بولسا، ئۇ شاخلارنى قويمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئاجىزلىرى لابانغا قالدى، كۈچلۈكرەكلىرى بولسا ياقۇبقا ئۆتتى. ‏43 شۇنداق قىلىپ ياقۇپ ناھايىتى باي بولۇپ، نۇرغۇن ماللار، قۇل-دېدەكلەر، تۆگىلەر ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.