ياقۇبنىڭ لابان بىلەن تۇرۇشى ۋە ئائىلە قۇرۇشى
29
1 ئاندىن ياقۇب قوزغىلىپ يولغا چىقىپ، شەرق تەرەپتىكى قەبىلىلەرنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. 2 ئۇ قارىسا، مانا، دالادا بىر قۇدۇقنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوي پادىسى ياتاتتى، چۈنكى خەلق بۇ قۇدۇقتىن پادىلىرىنى سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. 3 پادىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغاندا، كىشىلەر قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن تاشنى يەنە قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. 4 ياقۇب ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سۆز قىلىپ: «ئەي بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ھارانلىق» دېدى. 5 ئۇ ئۇلاردىن: «سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «تونۇيمىز» دېدى. 6 ياقۇب يەنە: «ئۇ سالامەتمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇلار: «ھە، سالامەت. ئەنە، ئۇنىڭ قىزى راھىلە ئۇنىڭ قويلىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. 7 ياقۇب ئۇلارغا: «مانا، كۈن ھازىر تېخى ئېگىز، مالنى يىغىدىغان ۋاقىت تېخى بولمىدى. قويلارنى سۇغىرىپ، ئاپىرىپ ئوتلىتىڭلار» دېدى. 8 ئۇلار: «ياق، مۇنداق قىلالمايمىز. ھەممە پادىلار يىغىلىپ، پادىچىلار تاشنى قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن دومىلىتىۋەتكەندىن كېيىنلا بىز قويلارنى سۇغىرالايمىز» دېدى. 9 ئۇ تېخى ئۇلار بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، راھىلە ئاتىسىنىڭ قويلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى. چۈنكى ئۇ ئۇلارنى باقاتتى. 10 ياقۇب تاغىسى لاباننىڭ قىزى راھىلەنى ۋە ئۇنىڭ قويلىرىنى كۆرگىنىدە، بېرىپ قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، تاغىسى لاباننىڭ قويلىرىنى سۇغاردى. 11 ئاندىن ياقۇب راھىلەنى سۆيۈپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. 12 ياقۇب راھىلەگە: «مەن ئاتاڭنىڭ تۇغقىنى، رىبەقانىڭ ئوغلى بولىمەن» دېدى. رەھىلە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاتىسىغا خەۋەر قىلدى.
13 لابان ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ياقۇب توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئاندىن ياقۇب لابانغا ئۆتكەن ۋەقەلىرىنى سۆزلەپ بەردى. 14 لابان ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە مېنىڭ سۆڭىكىم ۋە ئېتىمدۇرسەن» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى. 15 ئاندىن لابان ياقۇبقا: «سەن مېنىڭ تۇغقىنىم بولساڭمۇ، ماڭا بىكارغا خىزمەت قىلامسەن؟ ئېيتقىنە، ئىش ھەققىڭگە نېمە ئالىسەن؟» دېدى. 16 لاباننىڭ ئىككى قىزى بار ئىدى. چوڭىنىڭ ئىسمى لېيا، كىچىكىنىڭ ئىسمى راھىلە ئىدى. 17 لېيانىڭ كۆزلىرى نۇرسىز ئىدى، راھىلە بولسا قەددى-قامىتى كېلىشكەن، چىرايلىق بىر قىز ئىدى. 18 ياقۇب راھىلەگە ئاشىق بولغاچقا، لابانغا: «مەن سېنىڭ كىچىك قىزىڭ راھىلە ئۈچۈن ساڭا يەتتە يىل خىزمەت قىلاي» دېدى. 19 لابان جاۋاب بېرىپ: «ئۇنى باشقا كىشىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ياخشى. ئەمدى مېنىڭكىدە تۇرغىن» دېدى.
20 ياقۇب راھىلە ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەك بىلىندى. 21 ئاندىن ياقۇب لابانغا: «مانا، كۈنلىرىم توشتى. ئەمدى ئايالىمنى ماڭا بەرگىن. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئالاي» دېدى. 22 لابان شۇ يەردىكى ھەممە ئادەملەرنى يىغىپ، زىياپەت بەردى. 23 لېكىن ئاخشام بولغاندا ئۇ چوڭ قىزى لېيانى ئېلىپ، ياقۇبقا كەلتۈردى. ياقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. 24 لابان ئۆز دېدىكى زىلپانى قىزى لېياغا دېدەك قىلىپ بەردى. 25 لېكىن ئەتىسى ياقۇب شۇنداق قارىسا، مانا، ئۇ لېيا ئىكەن! ئۇ لابانغا: «بۇ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلدىم ئەمەسمۇ؟ مېنى نېمىشقا ئالدىدىڭ؟» دېدى. 26 لابان: «بۇ يەردىكى ئادەتلىرىمىز بويىچە كىچىكى چوڭىدىن ئىلگىرى بېرىلمەيدۇ. 27 ئەمدى سەن بۇ توي ھەپتىسىنى تامام قىلغىن. كېيىن يەنە ئىككىنچىسىنىمۇ ساڭا بېرەيلى. ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە يەتتە يىل ماڭا خىزمەت قىلىشىڭ لازىم بولىدۇ» دېدى. 28 ياقۇب ماقۇل بولدى. ئۇ لېيانىڭ توي ھەپتىسىنى تامام قىلغاندىن كېيىن، لابان قىزى راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 29 لابان ئۆز دېدىكى بىلھانى قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. 30 ياقۇب راھىلە بىلەنمۇ بىللە بولدى. ئۇ راھىلەنى لېيادىن زىيادە ياخشى كۆردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەنە يەتتە يىل لابانغا خىزمەت قىلدى.
ياقۇبنىڭ بالىلىرى
31 ئەمما پەرۋەردىگار ئۇنىڭ لېيانى ياخشى كۆرمىگىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى تۇغۇتلۇق قىلىپ قويدى. لېكىن راھىلە تۇغماس ئىدى. 32 لېيا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى رۇبەن دەپ قويۇپ: «پەرۋەردىگار دەرد-ئەلىمىمنى كۆردى. ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ» دېدى. ■ 33 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياخشى كۆرۈلمىگىنىمنى ئاڭلاپ، بۇنىمۇ ماڭا بەردى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمون دەپ قويدى. ■ 34 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: «ئەمدى بۇ قېتىم ئېرىم ماڭا باغلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا «لاۋىي» دېگەن ئىسىم قويۇلدى. ■ 35 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇي» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا دەپ قويدى. ئاندىن كېيىن ئۇ تۇغۇتتىن توختاپ قالدى. ■