ياقۇبنىڭ قېچىشى
28
1 شۇنىڭ بىلەن ئىسئھاق ياقۇبنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلىپ، جېكىلەپ: «سەن كەنئانلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما، 2 بەلكى ئورنۇڭدىن قوزغىلىپ، پاددان-ئارامغا، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئەلنىڭ ئۆيىگە بار، ئۇ يەردە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئال. 3 ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، پەرزەنت بېرىپ، نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سەندىن نۇرغۇن خەلق چىقارغاي. 4 ئۇ ئىبراھىمنىڭ بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ نەسلىڭگە بەرگەي. شۇنداقكى، خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن، سەن ئۆزۈڭ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىنغا ئىگە بولغايسەن» دېدى. 5 شۇنىڭ بىلەن ئىسئھاق ياقۇبنى يولغا سالدى. ئۇ پاددان-ئارامغا مېڭىپ، ئاراملىق بېتۇئەلنىڭ ئوغلى، ياقۇب بىلەن ئەساۋنىڭ ئانىسى رىبەقانىڭ ئاكىسى بولغان لاباننىڭ قېشىغا باردى. 6 ئەساۋ ئىسئھاقنىڭ ياقۇبقا خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ئۇنى خوتۇن ئېلىشقا پاددان-ئارامغا ئەۋەتكەنلىكىنى، ۋە ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلغىنىدا جېكىلەپ: «سەن كەنئانلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، 7 ياقۇبنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، پاددان-ئارامغا كەتكىنىنى كۆرگىنىدە، 8 ئەساۋ كەنئانلىق قىزلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ نەزىرىدە يامان ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. 9 شۇڭا ئۇ ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، خوتۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىزى، نەبايوتنىڭ سىڭلىسى بولغان ماھالاتنى خوتۇنلۇققا ئالدى.
10 ياقۇب بولسا بەئەرشېبادىن چىقىپ، ھاران تەرەپكە مېڭىپ، 11 بىر يەرگە يېتىپ كەلگەندە، كۈن پېتىپ كەتكەچكە شۇ يەردە قوندى. ئۇ شۇ يەردىكى تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، شۇ يەردە ئۇخلىغىلى ياتتى. 12 ئۇ چۈشىدە، مانا، يەر يۈزىگە تىكلەنگەن، ئۇچى ئاسمانغىچە تاقىشىدىغان بىر شوتىنى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدىن چىقىپ-چۈشۈپ تۇراتتى. 13 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ياقۇبقا سۆز قىلىپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئىسئھاقنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سەن ياتقان بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ نەسلىڭگە بېرىمەن. 14 نەسلىڭ يەردىكى قۇمدەك كۆپ بولىدۇ. سەن غەرب ۋە شەرققە، شىمال ۋە جەنۇبقا يېيىلىسەن. سەن ۋە سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەردىكى بارچە قەبىلىلەر بەرىكەت تاپىدۇ. 15 مانا، مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، قەيەرگە بارساڭ، سېنى قوغداپ، بۇ زېمىنغا سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. ساڭا ئېيتقان سۆزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە سېندىن ئايرىلمايمەن» دېدى. 16 ئاندىن ياقۇب ئويغىنىپ: «پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردىدۇر، لېكىن مەن بىلمەپتىمەن» دەپ ئويلاپ، 17 قورقۇپ كېتىپ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي! بۇ خۇدانىڭ بەيتىدىن باشقا بىر نېمە ئەمەس، بۇ ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئىكەن!» دېدى.
18 ياقۇب ئەتىسى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويغان تاشنى ئېلىپ، بەلگە بولسۇن دەپ ئۇنى خاتىرە تۈۋرۈك قىلىپ تىكلەپ، ئۈستىگە ياغ قۇيۇپ قويدى. 19 ئۇ بۇ جاينى بەيتەل دەپ ئاتىدى. ئەمما ئىلگىرى بۇ جاينىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. 20 ئاندىن ياقۇب: «ئەگەر خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ سەپىرىمدە مېنى ساقلاپ، يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بېرىپ تۇرسا 21 ۋە مەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسەم، پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم بولىدۇ. 22 مەن بەلگە بولسۇن دەپ تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ بەيتى بولسۇن، ۋە چوقۇم سەن ماڭا بېرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا سۇنىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.